ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەن بالامنى ئۆزۈم بېقىشنى قارا قىلدىم، بۇ پۇل تېجەش ئۈچۈن ئەمەس

مەن بالامنى ئۆزۈم بېقىشنى قارا قىلدىم، بۇ پۇل تېجەش ئۈچۈن ئەمەس

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 1972 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن بالامنى ئۆزۈم بېقىشنى قارا قىلدىم، بۇ پۇل تېجەش ئۈچۈن ئەمەس


قىسقىچە مەزمۇنى: مەن دۆلەت ئىچىدە چوڭ بولغان، ئاياللار مۇستەقىل بولۇشى، كۈرەش قىلىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ كەسپى بولۇشى كېرەك دېگەنلەرنى كىچىكىمدىن باشلاپ ئاڭلاپ كەلدىم. بىراق ياۋروپا قىتئەسىدىكى قىزلار بولسا كىچىكىدىن تارتىپ ئانا بولۇشنى، بالىلىرىنى ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىشنى پەخىرلىنشكە ئەرزىيدىغان ئىش دەپ قارايدىكەن. بۇ شەرقلىق ئاياللار بىلەن غەربلىك ئاياللارنىڭ بېقىپ تەربىيەلەش ۋە كەسىپ ئېھتىياجىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا مەۋجۇت بولغان تەپەككۇردىكى پەرق.
بىر كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالدىم، پىروگراممىغا تەكلىپ قىلىنغان مېھماننىڭ ئايالى فىرانسىيەلىك بولۇپ، بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىپ باقماپتۇ، بالىنى ئۆزى بېقىۋېتىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا، رىياسەتچى ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن:«ئايالىڭىز بەكلا پۇتاقچىمۇ نېمە؟!» دەپ سورايدۇ، بىراق مېھمان ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيدۇ.
رىياسەتچىنىڭ گۇمانى سوئالىنى مەن توغرا چۈشىنىمەن. چۈنكى ھازىر دۆلەتتە، ئائىلە ئەھۋالى ياخشىلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە خىزمەتچىسى ياكى بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىپ بالىسىغا قارىتىدۇ، بۇ ئۆزگەرمەس قائىدە بولۇپ قېلىشقا ئازلا قالدى. ئانا بولغۇچى بوشۇنۇپ بولۇپ، تۇغۇت دەم ئېلىشى تۈگىگەن ھامان ئىشقا چىقىدۇ، ئەگەر ئۆيدە ياردەملەشكۈدەك چوڭلار بولمىسا، بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىدۇ. بىراق، بالىنى ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىمەن دەۋاتقان چەتئەللىك ئانا رىياسەتچىنىڭ ئۇنداق گېپىنى ئاڭلىسا ھەقىقەتەن بىئارام بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پۇلنىڭ ئىشى ئىشى ئەمەس، بەلكى شەرق بىلەن غەربنىڭ بالا بېقىش ئۇسۇلى بىلەن كۆز قارىشىدىكى ئوخشىماسلىق. بۇ ئوخشىماسلىقلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى: پاراۋانلىق تەمىناتى ياخشى
مەن تۇرۇۋاتقان فىنلاندىيە ئەلۋەتتە بالىلارغا بولغان سىياسىتى ئەڭ ياخشى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئانىلار 10 ئايلىق تۇغۇت دەم ئېلىشى ئالالايدۇ، بۇ جەرياندا %60~%70 مائاشىنى ئالالايدۇ. دادا بولغىچىمۇ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ ھەپتىدە تۇغۇت دەم ئېلىشى ئالالايدۇ. بالا ئون ئايلىق بولغاندىن كېيىن يەسلىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئانىلار ئون ئايلىقتىن تارتىپ ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزى ئۆيدە بېقىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت ئۇلارغا ھەر ئايدا بەلگىلىك تولۇقلىما بېرىدۇ، خىزمەت ئورنىمۇ ساقلىنىپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى: ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەر مۇكەممەل
ياۋروپانىڭ ئاممىۋى مۇئەسسەسەلىرى تولۇق، بالا بېقىۋاتقان ئاياللار ئۈچۈن ھازىرلانغان مۇلازىمەتلەرنى ھەممە جايدىن تاپالايسىز. بالىنىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ چىقىپ دۇكانلاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالالايسىز، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا بالا ھارۋىسىنى قويىدىغان مەخسۇس ئورۇنمۇ بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماشىنىغا ھەقسىز چىقىسىز.
ئۈچىنچى: چوڭلار ئاساسەن بالا بېقىشىپ بەرمەيدۇ
ياۋروپادىكى ياشانغانلار ياش ۋاقىتلىرىدا بالىنى ئۆزى بېقىپ يەتكۈچە جاپا تارتقان، ئەمدىكى ئۆمرىنىڭ ئالتۇن كۈز پەسلىدىن تولۇق ھۇزۇرلىنىشى كېرەك. چوڭلارمۇ بالىلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇۋالمايدۇ. ئەگەر بىر شەھەردە بولۇپ قالسا، بەزەندە ئۆز-ئارا ياردىمى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بىر شەھەردە بولمىسا، ياردەم قىلىشتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ. غەرب تەربيەسىدىكى مەدەنىيەتتە ئانىنى ئاتىدىن ئايرىشقا بولمايدۇ، بالىدىنمۇ ئايرىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئۇزۇن مەزگىل ئۇ يەردە تۇرۇشىغا تېخىمۇ يوق قويمايدۇ.
تۆتىنچى: ئەمگەك ھەققى يۇقىرى
ياۋروپادا پۈتۈن كۈنلۈك بالا باققۇچىنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن بىر ئايلىقىغا ئاز دېگەندە 1000ياۋرو ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ، بىراق ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ ئايلىقى باجنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن 2000 ياۋرۇدىن ئوشۇقراق چىقىدۇ.بۇمۇ بالا باققۇچى تەكلىپ قىلماسلىقىدىكى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەردىن بىرى.
بەشىنچى: ئەنئەنىۋى كۆز قاراشتا چىڭ تۇرۇش
ئەمەلىيەتتە، ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنىلا ياۋروپالىق ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىشى بىر تەۋرەنمەس ھەقىقەت بولغانلىقىدۇر، بۇ دەل جۇڭگونىڭ بالا تۇغۇپ بولۇپلا بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىش ئىدىيەسى بىلەن قارمۇ قارىشى. بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بولسا ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى، بۇ دەل پۈتۈن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىنىڭ يۈزلىنىشىدۇر. راھەت قوغلىشىپ، ئاسانلىق ئىزدەپ بالىنى باشقىلارغا بېرىش، بولۇپمۇ يىراق يۇرتتىكى بوۋا چوڭلارغا ئاپىرىپ بېرىش ئۇلارنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.
مەن دۆلەت ئىچىدە چوڭ بولغان، ئاياللار مۇستەقىل بولۇشى، كۈرەش قىلىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ كەسپى بولۇشى كېرەك دېگەنلەرنى كىچىكىمدىن باشلاپ ئاڭلاپ كەلدىم. بىراق ياۋروپا قىتئەسىدىكى قىزلار بولسا كىچىكىدىن تارتىپ ئانا بولۇشنى، بالىلىرىنى ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىشنى پەخىرىلىنشكە ئەرزىيدىغان ئىش دەپ قارايدىكەن. بۇ شەرقلىق بىلەن غەربلىك ئاياللارنىڭ بېقىپ تەربىيەلەش ۋە كەسىپ ئېھتىياجىنى تەڭپۇڭ قىلىشتا مەۋجۇت بولغان تەپەككۇردىكى پەرق. شۇنىڭ ئۈچۈن، فىنلاندىيەدىكى قىزلار كىچىكىدىن باشلاپ قونچاق ئوينايدۇ، قونچاققا زاكا ئالماشتۇرۇپ، سۈت بېرىپ، ئويۇنچۇق بالىلار ھارۋىسىنى كوچىغا ئىتتىرىپ چىقىپ ئوينايدۇ، بۇنىڭدا بالدۇرلا بالا بېقىشتىكى دەسلەپكى ھېسسىيات شەكىللىنىدۇ.
رىياسەتچىنىڭ «پۇلى بار تۇرۇقلۇقمۇ بالا باققۇچى تەكلىپ قىلماپتۇ» دەپ ھەيران قالغانلىقىدىن ئەجەبلەنمەيمەن. بىراق ياۋروپالىق ئانا جۇڭگودا ياشىغان تەقدىردىمۇ، بۇ مەسىلىنى پۇل بىلەن چېتىپ مۇلاھىزە قىلىش تازا ياخشى ئەمەس دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇلار:« ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى ئۆزۈم باقىمەن، ئانا بولغان ئىكەنمەن پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ، بۇ جەرياننى بېشىمدىن ھەقىقىي ئۆتكۈزىمەن» دەپ قارايدۇ.


ئۆز بالىسىنى بېقىش گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ناھايىتى بەختلىك ۋە شەرەپلىك ئىش.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى