ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
ھامىلىدارلىق تەييارلىقى - دىكى يازمىلار
  • سېزىكنى پەسەيتىش- ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 710 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كۈن بويى تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك، تىت-تىت بولۇش، بەدەن كۈچى ناچار بولۇش قاتارلىقلار ئەجىبا ئورنىدىن تۇرماسلىقنىڭ باھانىسىمۇ؟ ياق، كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسقانلىقى ئۈچۈن كارىۋاتتا يېتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سېزىك ئىنكاسى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، خالاس. ئەگەر ھەرىكەت بەك ئاز بولسا، كۆڭلى ئېلىشىش، ئشتىھاسى ناچار بولۇش، چارچاش قاتارلىقلارنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، دائىم ئاسانلا يامان خاراكتېرلىق ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا يېنىك ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش، مەسىلەن: سىرتلاردا ھامىلىدار ئاياللار ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەيپىياتنى ياخشىلاپ، بەدەننى ساغلام قىلىپ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سېزىكلىك ئىنكاسىنى يېنىكلىتىدۇ....
  • جىددىيلىشىشكە، تەشۋىشلىنىشكە بولمايدۇ

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 767 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    جىددىيلەشكەنلىكتىن ھامىلىدار بولالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئاغرىش ياكى قورقۇش سەۋەبىدىن روھى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ ياكى توي قىلماي بىرگە تۇرىۋاتقانلاردا ھامىلىدار بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەش سەۋەبلىك روھى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بەزىلەر قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، جىنسىي تۇرمۇشنى بىرخىل نۇمۇسلۇق ئىش دەپ قارايدۇ. بەزىلەر جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، جىنسىي تۇرمۇشقا دائىر ئېلانلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. يەنى ئېلاننىڭ قارمۇ-قارشى تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى كەيپىيات جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، نو...
  • ئىرسىي كېسەللىكلەرگە ئائىت سوئال -جاۋابلار سوئال

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 807 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    سوئال: بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئايالى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېرىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بارلىقىنى بايقاپتۇ، ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلادلاردا تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى قانچىلىك؟
    جاۋاب: تۇتقاقلىق كېسىلى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ نەتىجىسىدە كۆرۈلىدۇ.  مۇھىت ئامىل،  مەسىلەن: تۇغۇت زەخمىسى، سىرتقى مېڭە زەخىملىنىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ، ئىرسىيەتمۇ تۇتقاقلىقىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل. شۇڭلاشقا نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ دىياگنوزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن،  ئەگەر بىرلەمچى تۇتقاقلىق بولسا، گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئائىلە نەسەبىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم. ئەگەر دائىمىي خىروموسوم ئۈستىدىكى ئاشكارا گېن كونتروللۇقىدىكى كېسەللىك بولسا،  ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى  %50 بولىدۇ.

  • بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئاياللارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 661 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    «ئايال ئەمگەكچىلەرنى قوغداش بەلگىلىمىسى» نىڭ 8-ماددا 1-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ھامىلىدار ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتكەندە تۇرۇشلۇق ئورگان داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن مۇۋاپىق دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىش كېرەك.» كونكرېت ۋاقتى ھەر قايسى تۇرۇشلۇق ئورۇنلار  ئۆزىنىڭ ۋە كەسىپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىسە بولىدۇ.
    ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ۋاقتىنى بىراقلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.  ئېمىتىش ۋاقتى بىلەن شۇ ئورگان ئىچىدە ئېمىتىشكە بېرىپ-كەلگەن ۋاقتى نورمال خىزمەت ۋاقتى قىلىپ ھېسابلىنىدۇ.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 24- ھەپتىسىدە ئېغىر دەرىجىدە زۇكام بولۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 647 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    سوئال: ھامىلىدارلىقنىڭ 24- ھەپتىسىدە ئېغىر دەرىجىدە زۇكام بولۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
    جاۋاب: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە زۇكام بولۇپ قالغاندا، بەك ئېغىر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپرەك چاي ئىچىپ بېرىش، كۆپرەك ئارام ئېلىش، ھامىلىگە تەسىرى يوق بولغان ئوسما يىلتىزى‹板蓝根›، زۇكام دەملىمىسى‹感冒冲剂› قاتارلىقلار ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر زۇكام بىر قەدەر ئېغىر بولسا تەلىپىمىز دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
    ...
  • ئەڭ ياخشى ھامىلىدارلىق يېشى

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 833 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    فىزىيولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاياللار 23-28 ياشقىچە بالىلىق بولسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، تۇخۇمنىڭ سۈپىتىمۇ ئەڭ ياخشى، كۆپىيىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغاندىن سىرت، يەنە بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ تۇغۇت يولىنىڭ ئېلاستىكىلىقى، بالىياتقۇنىڭ قىسىلىشىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن، بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، بالدۇر تۇغۇلىدىغان، ئۆلۈك تۇغۇلىدىغان ۋە غەيرى تۇغۇلىدىغان ئىشلارمۇ ئازىيىدىكەن. 
     يۇقىرىقى ياش بۆلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەك كىچىك (يەنى 20 ياشتىن كىچىك) بولغاندا، بەدەن تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ، بەك چوڭ (يەنى 30 دىن چوڭ) بولغاندا تۇخۇم ھۈجەيرىسى قېرىغانلىقتىن، سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسى بالدۇر تۇغۇلۇش، تۇغۇتى قېيىن بولۇش ۋە غەيرى تۇغۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ سۈپە...
  • قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇشنى راستتىنلا ئۆزى بېكىتكىلى بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 1255 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇش ئارزۇسى بۇرۇندىنلا بار ئىدى
    دەسلەپكى ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بولسۇن ياكى تۇغۇت تەجرىبىسى بارلار بولسۇن، دوختۇر ھامىلە خەۋىرىنى دېگەندە ئەڭ ئاۋۋال قىزىقىدىغىنى بالىسىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولۇشىدۇر. تۇغۇلماقچى بولغان بوۋاققا نىسبەتەن ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئوتتەك ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ-ئەلۋەتتە.
    «ئەگەر ئۆز خاھىشى بويىچە ئوغۇل ياكى قىز تۇغقىلى بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!» بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غايىبانە ئارزۇسى بولۇپ كەلمەكتە.
    ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇش ئارزۇ خاھىشى بۇرۇندىنلا بار بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ۋە ئەپسانىلەر بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.
    تەبىئىي كۆپىيىش دەۋرىدە «پەرزەنت بولسا ئىلاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر، ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇلۇشنى پەقەت ...

  • جىددىيلىكتىن بولغان تۇغماسلىق

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 678 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    تۇرمۇشىمىزدا مۇنداق بىر ئىش بەك كۆپ كۆرۈلىدۇ، يەنى ھەممە ئائىلە ئايال تەرەپنىڭ بالدۇرراق ھامىلىدار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،  بالدۇرراق نەۋرە يۈزى كۆرۈش ئۈچۈن، بەزى قېينانا-قېينىئاتىلار ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىپ، ئايالنى بەك ئالدىرىتىپ، ئايالنى ئارامىدا قويمايدۇ، ھەركۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈتۈشكە ئالدىرىتىدۇ، بىراق نەتىجىدە تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىلمايدۇ، ياكى ئىچكى پەردە بىلەن تۇخۇمنىڭ يېتىلىشى بىردەك بولمىغانلىقتىن، ھەمىشە بالىلىق بولۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، چوڭلار ئالدىرىتىشتىن توختاپ قالىدۇ، بىراق دەل مۇشۇ پەيىتتە ئايال تەرەپ ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھامىلىدار بولۇشقا ئالدىراشقا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ.  ئەگەر چوڭلار بەكلا ئالدىراپ قالسا، ئەڭ ياخشىسى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ سىرتقا چىقىپ بىرقانچە كۈن...
  • تۇغۇت چەكلىگۈچنى سالسىلا ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولامدۇ ؟

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 603 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئادەتتە تۇغۇت چەكلەش ھالقىسىنى سالغاندىن كېيىن شۇ ئايدىلا چەكلەش ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.  بىراق ئاز بىر قىسىم ئاياللاردا بولسا ھالقا چۈشۈپ كېتىش سەۋەبلىك بويىدا قالىدۇ، شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ھالقىنىڭ چۈشۈپ قالغان- قالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش، ۋاقتىدا قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، بىخەتەر تۇغۇت چەكلەش كېرەك.
    ...
  • ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 774 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئۈچ ئاي، ھەتتا ئالتە ئاي بۇرۇنلا ھامىلە تەربىيەسى باشلىنىپ بولىدۇ، شۇڭا ھايات ھامىلىنىڭ ئۆمرى پەقەت 10 ئايلا ھېسابلانمايدۇ. ئەڭ ياخشى شارائىت ئاستىدا ئەڭ ساغلام، ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلىنىشقا باشلايدۇ. ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ئىلغار گېن تىپى، مەسىلەن: چىراي شەكلى، ئەقلىي ئىقتىدارى، خاراكتېرى، ساغلاملىق ئەھۋالى قاتارلىقلار. ئۇرۇقلىنىش مەزگىلىدە يۇقىرى سەۋىيەدە بىرلىشىدۇ. ئىسپېرمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، كالتسىي، سىنك قاتارلىق ماددىلارغا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارغا ئارگىنىن ۋە كۆپ خىل ۋېتامىن قاتارلىقلارغا موھتاج بولىدۇ. ئەگەر تاماق تاللىغاندا، يېمەكلىك تەركىبىدىكى بۇ خىل ئېلېمېنتلار كەملەپ كېتىدۇ، ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ياكى بىر قىسىم سۈپەتسىز ئىسپېرمىلار ھاسىل بو...

  • ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(9)

    ۋاقتى: 2015-08-31 ئاۋاتلىقى: 757 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    قەنت سىيىش كېسەللىكى
    قەنت سىيىش كېسەللىكى ئېرسىيەت خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك كېسەللىك. گەرچە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا تېنىدە ئالاھىدە ئۆزگۈرۈشلەر بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئانا تۇغۇلغاندىلا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ گېنىنى ئېلىپ يۈرگەن بولىدۇ، ھەمدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ كېسەللىك قوزغىلىدۇ. ھامىلىدار بولۇش دەل شۇ خىل سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن چوقۇم بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار تۇغقانلار ئارىسىدا قەنت سىيىش كېسىلى بار-يوقلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك.


    ھامىلىدار ئاياللار قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولسا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، بالدۇر تۇغىدىغان، ھامىلىنىڭ زەھەرلىنىشى، باش سۈيىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى ۋە گىگانت بوۋاق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قەنت سىيىش كېسەللىك تارىخى بار ئائىلىدىكى ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن...

  • ھەيز دەۋرىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى

    ۋاقتى: 2015-08-28 ئاۋاتلىقى: 792 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بەزىدە تازا ھاياجانلانغاندا، بىر قىسىم ئەر-ئاياللار ھەيز تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ كېتەلمەيدۇ. تەلەيلىكىلىرى بۇ جەرياندا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسىمۇ يۇقۇملىنىش بولمايدۇ، بىراق بۇ ھەيز كېلىش مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ خىيىم-خەتىرى يوق دېگەنلىك ئەمەس. تېببىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسى تۆكۈلۈپ كېتىپ، بالىياتقۇ بوينىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك يارىچىلار شەكىللىنىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


    1. ئادەتتە توسۇلۇپ قالغان باكتېرىيەلەر مۇشۇ ۋاقىتتا كىچىك يارا ئېغىزىغا كىرىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ياللۇغ تەرەققىي قىل...
  • ئائىلە ۋە ئايال

    ۋاقتى: 2015-08-28 ئاۋاتلىقى: 689 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئەر بىلەن ئايالىنىڭ قانۇنىي يوسۇندا بىرگە قوشۇلۇشىدىن ۋە بىر تەن، بىر ۋۇجۇد بولۇشىدىن ئائىلە تەشكىل تاپىدۇ. ئەر ئۆزى ئۈچۈن بىر ئايال تاللاپ، دۇنيادىكى تىرىكچىلكىدە، شاد-قايغۇسىدا، ھەربىر ياخشى-يامان كۈنىدە تايانچى بولىدىغان، جېنىغا راھەت بەخش ئېتىدىغان بىر سىرداش قىلىدۇ. ئايال ئادەم بالىسىدا بولغان خۇلۇقلارنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ قاتتىق كۆڭۈللەرنى يۇمشاتقۇچى. ئىنسانلارنى جانۋار ئەمەس، ئىنسان قىلغۇچى بىر ئامەت بولغانلىقىدا. چۈنكى، دوستلۇق ۋە يېقىنلىق كەبى نەرسىلەر ھەرقانچە مۇستەھكەم بولسىمۇ ئائىلە بەرپا قىلىشقا ئۇنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدۇ. ئايال خادىم ئەمەس، بەلكى ئائىلىدۇر. 

    چۈنكى، ئەرلەر ئائىلىنىڭ رەئىسلىرى بولسا، ئاياللار ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان ئائىلە-ئۆيىنىڭ ئىگ...

  • (تەۋسىيە)ئەرلەرنىڭ جورا تاللاش دەستۇرى

    ۋاقتى: 2015-08-23 ئاۋاتلىقى: 938 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇسۇلمانلار) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسنى-جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دىدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە، مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار. ھۆر مۇشرىك ئەرلەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سىلەرنى جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 221 ـ ئايەت) ئىسلام دىنى نەزەرىدە، ئايال كىشىلەر سۈپەتلىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋە گۈزەل سۈپەتلەرنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قىلغان خىتابىدا مۇنداق بايان قىلىپ كۆرسىتىدۇ: ”ئەگەر ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەل...

  • تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىدە بىرگە بولۇش ۋە ھامىلىدار بولۇش

    ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 811 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىدە بىرگە بولسا ھامىلىدار بولۇپ قالامدۇ ؟ دەيدىغان گۇمانى بار.  ئاياللارنىڭ  ھەر ئايدا تۇخۇم چىقىرىدىغان بىر نەچچە كۈنى بولىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك قانۇنىيىتى،  بەلكى تۇغۇشىدىكى ئاساسىي تەلەپ،  ئەگەر ئاياللار تۇخۇم چىقىرالمىسا،  تۇخۇم ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن بىرىكمىسە،  نورمال ئۇرۇقلىنىش بولمايدۇ.  نورمال ئەھۋال ئاستىدا،  تۇغۇش يېشىغا يەتكەن ئاياللار ھەر ئايدا پەقەت بىر تال يېتىلگەن تۇخۇم چىقىرىدۇ،  شۇڭا،  ئەگەر ئاياللار مۇشۇ ۋاقتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا،  ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.  بىراق،  چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇقلىنالىشى ناتايىن،  ئەگەر باشقا بىرەر ئامىللار نورمال ئۇرۇقلىنىشقا تەسىر كۆرسەتسە، &n...
  • ھالقىنى سېلىش ئارىلىقىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن بويىدا قېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىقى

    ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بالىياتقۇغا تۇغۇت چەكلىگۈچ سېلىش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ %3 كۈتۈلمىگەن بويىدا قېلىش نىسبىتى . كۆرۈلىدۇ، ناۋادا بۇنداق بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈش كېرەك.
    ...
  • ھامىلىدارلىقتىن ئالتە ئاي بۇرۇن رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىش كېرەك

    ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 728 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەسى ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار خىزمەت قىلغاندا شەكىللىنىدىغان ئېلېكتىروماگنىت دولقۇنىدۇر. ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەسى سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىدىن قالسىلا ئۈچىنچى چوڭ «يۇشۇرۇن قاتىل» ئىكەن. يېقىندىن بىرى دۆلىتىمىزدە تۇغۇلغان ھەر 2000 تۈمەن بوۋاقنىڭ ئىچىدە كەمتۈك تۇغۇلغان بوۋاق 35 تۈمەن، بۇنىڭ ئىچىدە 25 تۈمىنى ئەقلىي-ئىقتىدارى ئاجىز بوۋاقلاردۇر، ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەسى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. 
    مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-ئايال ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەدىن قوغدىنىشقا قارىتا، ئەھۋالنىڭ يېنىك-ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولسا بولىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن رادىئاتسىيەدىن ساقلانماقچى بولسا بەكلا كېچىككەن بو...
  • ﻗﯩﺰ ـ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ

    ۋاقتى: 2015-08-14 ئاۋاتلىقى: 888 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    مەلۇمكى، زامان ئىلگىرىلىگەنسېرى بەزى چوڭ شەھەرلەردە توي سىلىقلىرى ھەددىدىن ئارتۇق ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىنسانلار يارتىلىشىدىنلا ئۆز تەبىئىتىدىمۇ ئەر ـ خوتۇن بولۇپ، بىر ـ بىرى بىلەن ئۇنىسى ــ ئۈلپەت ۋە مۇھەببەت ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئايال كىشى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ياشىغاندا، ھاياتلىقنىڭ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىدۇ. ئۇ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىنى ھىمايە قىلىدىغان، تۇرمۇشتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان بىرەر ئەر كىشىگە مۇھتاجدۇر. ئەر كىشىمۇ ئۆزى يالغۇز ئۆتۈشكە ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىرتتا تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىشلەش بىلەن بىرگە ئۆي ئىشلىرىنى جايىدا ئاققۇزۇپ كېتەلمەيدۇ. ئەخلاق تەرەپتىنمۇ ئۆز نومۇسىنى ساقلاپ، ھارام ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، جىنسىي ھەۋەس كىشىلەرنى تۈرلۈك بالالارغا دۇچار قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پا...

  • ئاياللارنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشتىكى8 خىل تەدبىرى

    ۋاقتى: 2015-08-12 ئاۋاتلىقى: 785 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردا ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللىرى بولۇپ، خانىم-قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تۇغۇتتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى تاللاشنى بىلىشى كېرەك.                                                           1. يېڭى توي مەزگىلىدىكى ئاياللار                           يېڭى توي مەزگىلىدىكى تۇغۇتتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى نىسبەتەن ئاددىي ھەم ئاسان بولۇپ، بۇنىڭدا بۇندىن كېيىنكى ئانا بولۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك پرىنسىپى ئاساسىدا قىسقا ئۈنۈملۈك تۇغۇتتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېي...
  • ھەشەملىك بىزەكلەردىن بۇلغىنىش ۋە ھامىلىدارلىق

    ۋاقتى: 2015-08-12 ئاۋاتلىقى: 782 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھازىرقى ئۆيلەرنىڭ بېزىلىشى ھەقىقەتەن ھەشەمەتلىك، بىراق كىشىلەر بۇ ھەشەمەتلىك بىزەكنىڭ ئارقىسىدىكى بۇلغىنىشنى بىلەمدىغاندۇ؟  بىر قىسىم مەرمەر تاش قاتارلىق تەبىئىي بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ تەركىبىدە رادون، يىدار قاتارلىق رادىياكتىپلىق ماددىلار بار، بۇ خىل ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش خۇددى ئۆيدە كىچىك تىپتىكى بىر رادىياتسىيەلىك داۋالاش ماشىنىسىنى ئورناتقانغا باراۋەر بولىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى كىچىك، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇنىڭ تەسىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم مۇۋاپىق بولغان بېزەك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك. 
    بېنزول سىر، بوياق ۋە يېپىشتۇرغۇچىنىڭ ئېرىتكۈچىسى ۋە سۇيۇقلاندۇرغۇچىسى، ئۇنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىك رولى يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قايتا ئىشلەپچىقىرىش توسۇلۇش خاراكت...
  • ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىمۇ يەنىلا ھامىلدار بولغىلى بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-05 ئاۋاتلىقى: 821 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىمۇ يەنىلا ھامىلدار بولغىلى بولامدۇ؟ ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ياخشى داۋالىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق قىلسا بولىدۇ.ھامىلدار بولغۇچىنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك بار بولغان مەزگىلدە بەدەندە نۇرغۇنلىغان خەتەرلىك ئامىللار مەۋجۈت، بۇ ئامىللار ھامىلىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز.بۈگۈنكى جەمئىيتىمىزدە دۆلىتىمىز سۈپەتلىك تۇغۇش،ساغلام بېقىشنى تەشەببۇس قىلماقتا،چۈنكى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ياخشى بولغان مۇھىت ۋە سەھنە ھازىرلاپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېسەللىكنى ياخشى داۋالاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلدار بولۇش ئۆزىمىزنىڭ تەن-سالامەتلىكىمىزگىمۇ مەسئۇل بولغانلىق ھەمدە پۈتكۈل ئائىلىنىڭ ئىناق ۋە شاد-خوراملىقىنىڭ ئاساسى.
    ئۇسۇلى: 1.ھامىلدار بولۇش ئاي...
  • بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-08-01 ئاۋاتلىقى: 674 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    «ﺋﺎﻧﺎ» - ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘم ﺋﻪﻣﻪس. «ﺋﺎﻧﺎ» - ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ۋە ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﻣﻪۋﺟﯘدات ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪۇ، ﺋﺎﻧﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻧﻪ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلار دۇﻧﻴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎراﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻧﺎ - ﺋﺎﻟﻪم، ﺋﺎﻧﺎ - ﺑﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرﻏﺎ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت ﺑﯧﻐﯩﺸلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻗﻪددەس ﺳﯘﺑﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﻪ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﮬﺎﻟﺪا ﻳﻮرۇﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ﮬﻪم ﻳﺎزﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

     

     

    ﺋﯘﻳﻐﯘرلار «ﺋﺎﻧﺎ»ﻧﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺟﻪرﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﮬﻪﺗﺘﺎ «ﺋﺎﻧﺎ»ﻧﻰ ﺳﯜﭘﻪ...

  • «قىزىللىشىش» ھامىلىدار بولۇشقا پايدىلىقمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-01 ئاۋاتلىقى: 629 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    قىزىللىشىش (抢红) دېگىنىمىز ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى بولۇپ، بەزى جايلاردا «قىزىللىشىش» بولسا ئاسان ھامىلىدار بولىدۇ دەيدىغان قاراشلار بار، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق.


    ئاياللارنىڭ تۇخۇمىنىڭ چىقىرىلىشى كۆپ ھالدا كېلەركى قېتىملىق ھەيز كېلىشتىن 14 كۈن ئەتراپىدا بۇرۇن بولىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ھامىلىدار بولۇش ۋاقتى، يەنى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى 2-3 كۈننى قولدىن بېرىپ قويغان بولىمىز. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ھامىلىدار بولمايلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن سىرت، ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنى ئالمىشىپ قېلىش كېسىلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ھامىلىدار بولالماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ...

  • ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(5)

    ۋاقتى: 2015-07-31 ئاۋاتلىقى: 635 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     

    (3) ئەقىل چىشنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇش
    ئەقىل چىشنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇش دېگىنىمىز ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېزىق چىشنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئەگەر تولۇق ئۆسۈپ بولالمىسا، چىشنىڭ ئۆسكەن قىسمى چىش مىلىكى تەرىپىدىن يېپىلىپ قالىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن بۇ چىش ئېلىۋىتىلمىسە، ئۇنىڭغا قېتىپ چىش باكتېرىيە دېغى كۆپلەپ يىغىلىپ قالسا، ئېزىق چىشنىڭ ئەتراپى ياللۇغلىنىشقا باشلايدۇ، ھەرۋاقىت چىش تاجىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى، توقۇلما ئارىسىدا يۇقۇملىنىش،  ھامىلىدارنىڭ قۇۋۇزلىرىنىڭ ئىششىشى، ئېغىزىنى ئېچىشى قىيىنلىشىش، تاماق يېيەلمەسلىكتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە بۇلۇتسىمان سىنوس ۋېنا تومۇرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئېغىر بولغاندا ھامىلىدار ئايالنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تەكشۈرۈت...

  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇيۇنۇش ھەققىدە

    ۋاقتى: 2015-07-29 ئاۋاتلىقى: 753 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئاسان تەر چىقىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار بەدەن تېرىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىشى، ئەڭ ئاز بولغاندا كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنۇشى كېرەك.  يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇس بولۇشى ھەم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ يېقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.  ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە داستا يۇيۇنماي مۇنچىدا يۇيۇنغان ئەڭ ياخشى. 


    يۇيۇنغاندا بەدەننى پاكىز ساقلىغىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ھارغىنلىقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئانا بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى كۈچىيىدۇ. تازىلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن راھەت بولغان ھامىلىدارلىق مەزگىلىگە ئېرىشىپ، كەيپىياتىمۇ خۇ...

  • غەيرىي سىتېرول تۈرىدىكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك دورىلار

    ۋاقتى: 2015-07-28 ئاۋاتلىقى: 669 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    دانىيە  غەيرىي سىتېرول تۈردىكى ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، بوۋاقلارنىڭ كەمتۈك تۇغۇلىدىغان  ئەھۋاللارنىڭ بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا قارىتا  ئىستاتىستىكا ئېلىپ بارغان.


    غەيرىي سىتېرول تۈردىكى ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورىلار بولسا ھامىلىدار ئاياللار دائىم ئىشلىتىدىغان دورا ھېسابلىنىدۇ، تەخمىنەن %31 ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىشلەتكەن،  ھەتتا پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىسبىتى %65 كە يەتكەن، بارلىق  غەيرىي سىتېرول تۈردىكى  ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىنىڭ ھەممىسى ھالقىسىمان ئوكسىگېنلىق كىسلاتا تىزگىنلىگۈچى رېئاكتىۋ بولۇپ ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئەكس تەسىرى بولىدۇ. زۇكام دورىسى، قىزىتما يا...

  • ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى، ھاياتلىق خەۋپى

    ۋاقتى: 2015-07-27 ئاۋاتلىقى: 1004 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئۇنىڭ رولى

    نورمال ئەھۋالدا ئادەملەر ئىستىمال قىلغان ئۇزۇلۇقلار ئاشقازان، ئۈچەيدىكى ھەزىم قىلىنىش جەريانىنى تاماملاپ جىگەرگە سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن، جىگەرنىڭ خىلىت ئىشلەپچىقىرىش فونكىسىيەسىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ھاياتلىقنىڭ ئاساسى ماددىلىرى بولغان تۆت خىلىت ھاسىل بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەپرا خىلىتىنىڭ ئاساسى قىسمى باشقا خىلىتلارغا قۇشۇلۇپ، جىگەر سول ۋىناسى ئارقىلىق تۈۋەندىكى كاۋاك ۋىناغا قۇيۇلىدۇ. سەپرا خىلىتىنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان ئۆت سۇيۇقلۇقى جىگەرنىڭ ئوڭ ۋە سول قانىتىدىن چىققان ئۆت نەيچىلىرى ئارقىلىق ئۆت خالتىسىغا قۇيۇلىدۇ.

     

    ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى

    ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولغان ئۆت تۇزلىرى تۈۋەندىكىدەك رول ئوينايدۇ.

    1. ئۆت سۇيۇقلۇقى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش رۇلىنى ئوينايدۇ.

    2. مايدا ئېرىيدىغان ...

  • خان جەمەتى كېسىلى

    ۋاقتى: 2015-07-26 ئاۋاتلىقى: 669 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    1840-يىلى 2-ئايدا، 21 ياشلىق ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە  ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى (تاغىسىنىڭ ئوغلى) ئەراپات بىلەن توي قىلىدۇ، ئۇلار جەمئىي توققۇز پەرزەنتلىك بولىدۇ، تۆت ئوغۇل، بەش قىز پەرزەنت. تۆت ئوغۇلنىڭ ئىچىدە ئۈچى «قاناشقا مايىللىق كېسىلى»دىن ئىبارەت ئىرسىي كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. قىز پەرزەنتلىرىمۇ بۇخىل كېسەلنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىلىرى بولۇپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچ شاھزادىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككى ياش ئەتراپىدا كېسىلى قوزغىلىدۇ. بۇ كېسەل بىر خىل ئازراقلا زەخىملىنىش يۈز بەرسە، قان ئېقىپ توختىمايدىغان بىر خىل كېسەل . ئەينى دەۋردىكى تېببىي ساھەدە بۇ كېسەلگە ھېچقانداق داۋا يوق ئىدى، ھەتتاكى ئەڭ ئىقتىدارلىق دوختۇرمۇ بىرەر داۋا تاپالمىغانىدى. ئاقىۋەتتە ئىككى پەرزەنتى كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.


    بەختكە يارىشا، ئۇنىڭ بەش مەلىكىسى ساغلام ھەم ئەقىللىك چوڭ بولغان، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شاھزادىلىر...
  • بالىياتقۇسىغا تۇغۇت چەكلىگۈچ ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاياللار

    ۋاقتى: 2015-07-24 ئاۋاتلىقى: 651 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمىگەن ۋە ئۆسمە بولمىغان، ھەيز ئاغرىتماي كېلىدىغان ياكى كۆپ كەلمەيدىغانلار، داس بوشلۇقى ياللۇغى، سۆزنەك قاتارلىقلاردىن خالىي، جىنسىي ھەمرايى كۆپ بولمىغان ئاياللار.  ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق، يۈرەك كېسىلى، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولىدىغانلاردىن سىرت ھەممىسى ئىشلەتسە بولىدۇ.  بۇنى ئادەت دوختۇر تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ-ئەلۋەتتە.


    ...
  • ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنىدىن يىراق تۇرۇپ، رادىيوئاكتىپلىق نۇردىن ھوشيار بولۇش

    ۋاقتى: 2015-07-24 ئاۋاتلىقى: 1063 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنى ھەممە يەرنى قاپلىغان.  كومپيۇتېر، نۇسخىلاش ماشىنىسى، يان تېلېفون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنى ھاسىل قىلىدىغان جىسىملار. ئائىلىدىمۇ ئوخشاش، سىمسىز تېلېفون، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق قاتارلىقلارمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا ئانالىزىدىن قارىغاندا، ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىش، بويىدىن ئاجراش ۋە غەيرى ھامىلە تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدىكەن.


    پەن-تېخنىكا دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كومپيۇتېر كەم بولسا بولمايدىغان خىزمەت قورالىغا ئايلاندى. ھەرخىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدىكى ئېلېكتىر رادىياتسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتى، خ...

  • كۆپ قېتىم بالا ئالغۇزۇش ئاياللارنى ئاسان قېرىتىۋېتىدۇ

    ۋاقتى: 2015-07-23 ئاۋاتلىقى: 784 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەسكەرتىش: بالا چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى سۆزلەشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە بىر ئادەمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن ئوخشاش ھېسابلىنىدىغان ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك، بۇ ھەرگىز سالامەتلىك مەسىلىسىلا ئەمەس، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەڭگىللىك قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز!   بەزى ئاياللار ئۈنۈملۈك، بىخەتەر ھامىلىدارلىقنى ساقلىنىش  ئۇسۇلىنى قوللانماي،  ئارقا-ئارقىدىن بالا ئالدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدۇ،  ھەتتا بالىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۋېتىشكە بولىدىغان مۇددەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ،  ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ياخشى ئارام ئالمايدۇ،  بۇند...
  • شاۋقۇن-سۈرەن ۋە ھامىلىدار بولۇش

    ۋاقتى: 2015-07-23 ئاۋاتلىقى: 662 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    شاۋقۇن-سۈرەن سالامەتلىككە زىيانلىق، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ. ئاياللار شاۋقۇننىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، شاۋقۇن ئۇلارنىڭ دۆڭچە مېڭە تۆۋەنكى قىسمى، نەيسىمان گىپوفىز، تۇخۇمدان ئوق سىستېمىسى قاتارلىقلارنى غىدىقلاپ، ئانا تېنىنىڭ ئىچكى ھورمونىنىڭ رولىنى قارمۇ-قارشى ئۆزگەرتىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ. 
    شاۋقۇننىڭ غىدىقلىشى ئانىلىق ھورمونى ۋە نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياكى ھامىلىدار ئانا تېنىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شاۋقۇن يەنە بىۋاسىتە ھامىلىنىڭ ئېرسىيەت گېنىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، توساتتىن بولغان غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  پاكىزە ۋە تىنچ ب...
  • توي قىلىش ئالدىدا تۇرغۇچىلار زۆرۈر ئوقۇشلۇقى

    ۋاقتى: 2015-07-22 ئاۋاتلىقى: 908 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
     قىز-يىگىتلەر بالاغەتكە يېتىپ، كۆڭۈللىرىگە خىياللار كىرىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، ئولارنىڭ زېھنى كېلىچەك تۇرمۇشىدىكى شېرىكى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلگەن ۋە تەربىيە ئالغان مۇھىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جور تاللاشتىكى قىزىقىشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان جورىسىنىڭ شەكلى گۈزەللىكىنى كۆزدە تۇتسا، بەزىلەر ئۇنىڭ بايلىقىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆزدە تۇتىدۇ.  بۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقلا بىر جەمئىيەتتە بولمىسۇن، تۇرمۇش قۇرغۇچىلاردا ئومۇمەن كۆزدە تۇتۇلىدىغان ئاساسلىق سۈپەتلەر. 

    لېكىن يۇقىرىقى سۈپەتلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئېسىل ۋە ئەڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەيدىغان سۈپەت قايسى دېگەندە، ئۇ دىيانەتتۇر. تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ جورىسىدىن ئىزدەيدىغان ئەڭ ئاۋۋالقى نەرسىسى دىيانەت بولۇشى لاز...
  • بويىدىن ئاجراپ كەتكەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-07-20 ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    «پەرىشتە ئانا-بالا تورى» ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى: بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ بېشارىتى بولغىنىنى بايقىغاندا، قارىغۇلارچە ھامىلىنى ساقلاش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك، بولمىغاندا خەتىرى چوڭ بولىدۇ. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
    پىسخىكىدىكى زەربە
    بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىغانلىقىدىن، گەرچە كۆپ قېتىم ھامىلىدار بولغان بولۇپ، كۆپ قېتىم ھامىلىنى ساقلاش ئېلىپ بېرىلسىمۇ، مەغلۇپ بولىدۇ، ھامىلىدار ئايال ھامىلىدار بولۇشقا قارىتا ئەنسىرەش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ، ئېغىر روھىي يۈكنى يۈكلىۋالىدۇ.


    ۋاقتى ئۆتۈپ بويدىن ئاجراش
    قارىغۇلارچە ھامىلىنى ساقلاش ئېلىپ بارغاندا بالىياتقۇ ئىچىدە تۇرۇپ قالغان بالا ھەمرىيى ۋە بالىياتقۇ دىۋارى چاپلىشىپ قالىدۇ، ھامىلىنى ساقلاش دورىسىدىكى بەزى ھورمۇنلارنىڭ بالىياتقۇ قىسقىرىشى توسۇش ر...

  • ساغلام بوۋاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرلەر قىلىدىغان سەۋەبلەر(3)

    ۋاقتى: 2015-07-20 ئاۋاتلىقى: 891 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يادرو كىسلاتاسى يادرو كىسلاتاسى ھاياتلىق پائالىيىتىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم ماددا، ھەم ئاقسىل شەكىللىنىشنىڭ ئاساسى، ھەم ئېرسىيەت ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش، كۆپىيىش ۋە ئېرسىيەت قاتارلىق مۇھىم ھاياتلىق پائالىيەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يادرو كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكلەردىن كالا گۆشى، ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى، راك، ئۇستىرتسا، ئاخۇنباش ( موگو )، قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەر بار. 

    سىنىك، سېلېن ئىسپېرمىنىڭ شەكىللىنىشى يېمەك-ئىچمەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ئەرلەر تاماق تاللىغاندا، ئاسانلا سىنىك ۋە سېلېننىڭ كەمچىل بولۇشى كېلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە سىنىك  ۋە سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولغاندا، نورمال ھامىلىدار بولۇشقىمۇ تەسىر قىلىدۇ. سىنىكنىڭ مېڭە ئاستى بېزىنىڭ جى...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ھەپتىسىدىن باشلاپ يوپۇرماق كىسلاتاسى يېيىشنى باشلىسام كېچىكەمدىم؟

    ۋاقتى: 2015-07-20 ئاۋاتلىقى: 812 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ھەپتىسىدىن باشلاپ يوپۇرماق كىسلاتاسى يېيىشنى باشلىسام كېچىكەمدىم؟


    ئەدەتتە يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاشنى ھامىلىدار بولۇشتىن يېرىم يىل بۇرۇن باشلىسا مۇۋاپىق، بىراق 4-ھەپتىدىن باشلاپ تولۇقلايمەن دېسىڭىزمۇ زىيىنىمۇ يوق. ئەڭ بولمىغاندا پايدىسى بار. يوپۇرماق كىسلاتاسى ئاساسلىقى تۆرەلمىنىڭ نىرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئادەتتە ئادەم بەدىنىدىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا يوپۇرماق كىسلاتاسى بولىدۇ. تۆرەلمە شەكىللەنگەندە بەدىنىڭىزدىكى شۇ يوپۇرماق كىسلاتاسىنى سۈمۈرىدۇ، ھازىردىن باشلاپ بولسىمۇ تولۇقلاۋېرىڭ....
  • تەبئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

    ۋاقتى: 2015-07-18 ئاۋاتلىقى: 556 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    نورمال ھامىلىدارلىق مەزگىلى 40 ھەپتىگە توشقانلار نورمال تۇغىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلى 28 ھەپتىگە يەتمىسە، تۆرەلمە ئېغىرلىقى 1000 گىرامغا توشمايدۇ-دە، ھامىلىدارلىق ئاخىرلىشىدۇ. بۇ دەل بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ئىبارەت.
    بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر تۆرەلمە ۋە ھامىلىدار ئايالدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۆرەلمە جەھەتتىكى سەۋەبى كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ.
    تۆرەلمە جەھەتتىكى سەۋەبلەر:
    1. خروموسومىنىڭ غەيرىيلىكى قاتارلىق تۇغما سەۋەبلەر
    2. ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىكى نورمالسىزلىق. ئۇرۇق ۋە تۇخۇمدىكى نورمالسىزلىق، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورۇنلىشىشىدىكى نورمالسىزلىق قاتارلىقلار.
    3. تۆرەلمە نورمالسىزلىقى، يېتىلىشى تولۇق بولماسلىق. غەيرىيلىك، ئورنى نورمالسىزلىق، ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلار.
    ھامىلىدار ئايال جەھەتتىكى...
  • ساغلام بوۋاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرلەر قىلىدىغان سەۋەبلەر(2)

    ۋاقتى: 2015-07-17 ئاۋاتلىقى: 717 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    پۇرچاق ئۈندۈرمىسى سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى سېرىق پۇرچاقتىن ياسالغان بولسىمۇ، بىراق سېرىق پۇرچاق بىلەن سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بار، چۈنكى سېرىق پۇرچاق بىخ سۈرۈش جەريانىدا تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە كراخمال كۆپ خىل ئىنىزىمنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىدۇ، ئاساسلىقى سۈپەت ۋە ساندىكى ئۆزگۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. سېرىق پۇرچاقنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن، ئاممونىي كىسلاتاسى ۋە پولىپېپتىدقا ئايلىنىدۇ، كراخمال مونوساخارىد بىلەن ئولىگو ساخارىدقا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېرىق پۇرچاق يەنە ئېنزىمنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە سىنىك قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ، بولۇپمۇ كاروتىن، ۋېتامىنB2، ۋېتامىن B12، ۋېتامىنE ۋە نىك كىسلاتاسى(尼克酸) قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. 

    ...
  • ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرغاندا ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك 5 نۇقتا

    ۋاقتى: 2015-07-17 ئاۋاتلىقى: 685 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرغاندا، ئەگەر توغرا ئۇسۇل قوللانمىغاندا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ كۈتۈلمىگەن نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەندە تۆۋەندىكى 5 نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك :   1. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، قوللانماقچى بولغان يېڭى ئۇسۇلنى تولۇق چۈشۈنۈپ، قەدەم-باسقۇچلىرىنى ياخشى ئىگىلەش.   2. سايمان ئارقىلىق تۇغۇت چەكلەيدىغان ئەر-ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.  بىرىنچى قېتىملىق ھەيزنىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېيىش، بۇنىڭ ئالدىدا بىرگە بولغان ۋاقىتتا چوقۇم سايمان ئارقىلىق ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.  
    3. ئۇزۇن ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش...
  • ھامىلىدارلىق ئۈچۈن ئەڭ ياخشى شارائىت ھازىرلاش

    ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 652 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، مەيلى ئۇرۇقنىڭ سانى ياكى سۈپىتى بولسۇن، ھەممىسى چۈشتىن كېيىن سائەت 5-7 ئەتراپىدا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدىكەن، ئاياللار ھورموننىڭ تەسىرىدە، كۆپىنچىسى چۈشتىن كېيىن سائەت 3-7 ئەتراپىدا تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياخشى سۈپەتلىك ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرىكىشى بىر مۆجىزە، ساغلام بىر يېڭى ھاياتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر. 
    ...
  • ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ھەم ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بىخەتەر دورا ئىشلىتىش

    ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 709 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ھەم ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قالايمىقان دورا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنى كۆپلىگەن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ھەممىسى بىلىدۇ. بىراق، زادى قايسى دورىلار ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئادەتتە، ئۈچ خىل ئەھۋال بار:
    بىرىنچىدىن، ماڭقا توختىماي ئاققان، يۆتەلگەن تەقدىردىمۇ، ھامىلىدار ئايال دورا يېيىشنى خالىماي سەۋر قىلىپ تۇرۇش.
    ئىككىنچىدىن، ھامىلىدار ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن دورا يېيىش.
    ئۈچىنچىدىن، ھامىلىدار ئايال سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزاق مۇددەت دورا يېيىشكە، ئېھتىياجلىق، شۇڭلاشقا، دورىنىڭ ھامىلە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەش.
    يۇقىرىقىلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، پەقەت ھامىلىدار بولماقچى ياكى ...
  • تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى قانداق ھېسابلايمىز؟

    ۋاقتى: 2015-07-11 ئاۋاتلىقى: 718 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ يەردە ئىككى خىل ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز: بىرى، تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدىدىكى 1-2 كۈن ئىچىدە، سىرتقى جىنسى يول ئاجراتما ماددىلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ، تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، سۈزۈك، تىرناقنىڭ ئۇچى بىلەن تۇتقاندا سوزۇنچاق ھالەتتە بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە بەزى قىز ئاياللارنىڭ تۆۋەنكى قورساق ئوڭ تەرىپى بىر خىل ئاغرىيدۇ.

     

    ھامىلىدار بولماقچى بولغان ئايال ئەرمەك ھايۋانلاردىن يىراق تۇرىشى كېرەك
    نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ تېنىدە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كىچىك جانلىقلار بولىدۇ، بۇ خىل ھاشارەت ۋە جانلىقلار بەزىبىر يۇقۇملىنىپ قېلىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مۇبادا يۇقۇملىنىش دەل ھامىلىدار بولۇش مەزگىلىدە يۈز بەرسە، تۆرەلمىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى...

  • قايسى خىل ئىرسىيەت كېسەللىكى بىمارلىرى ھامىلىدار بولسا بولمايدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-10 ئاۋاتلىقى: 612 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئىرسىيەت كېسەللىكىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، تارقىلىش شەكلى خىلمۇخىل،كېيىنكى ئەۋلادلارغا بولغان تەسرىمۇ ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا ئىرسىيەت كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت سورىشى، دوختۇرنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكلىشى ئاستىدا توغرا ۋە ئاقىلانە قارار چىقىرىشى كېرەك.  دائىمىي خروموسومنىڭ ئاشكارىلىق ئىرسىيەت كېسەللىكى
    بۇ خىل كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىدىن سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى نورمال بولماسلىق، ئۇستىخان تولۇق قاتماسلىق،  كۆرۈش تور پەردىسى ئاساسى ھۈجەيرە ئۆسمىسى، دائىم يۈز بېرىدىغان ئۇرۇقداشلىق بوغماق ئۈچەي ئۆسمىسى، قارا پىگمېنت دېغى، ئاشقازان-ئۈچەي ئۆسمىسى ئونىۋېرسال كېسەللىكلىرى، تۇغما خاراكتېرلىك مۇسكۇل قېتىشىش كېسەللىكى قاتارلىقلار، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئاشكارا كېسەللىك گېنى دائىمىي خروموسوم ئۈستىدە بولۇپ، بىر قەبىلىنىڭ ھەربىر...
  • ئاگاھلاندۇرۇش! نورمال بولمىغان پىسخىكا ھالەت ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ

    ۋاقتى: 2015-07-09 ئاۋاتلىقى: 769 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بىزدە ئەزەلدىن «ھەسەتخور ئاياللار ھامىلىدار بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن گەپ بار. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ پىسخىكىسى ياخشى بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن تۇخۇمىمۇ نورمال ھالەتتە بولمايدۇ.
    ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار بولۇش جەريانىدا بېسىم ھېس قىلىدىغان ئاياللار بىلەن نورمال پىسخىكىدىكى ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋە ئۇزۇقلىنىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %20 ۋە %19 تۆۋەن بولىدىكەن. ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ئىلمىي ۋە ئادەم بەدىنى بىيولوگىيەلىك سائىتى نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم ياخشى بولغان روھى ھالەتتە تۇرغاندا، زېھنى ۋە جىسمانىي كۈچى، ئەقلىي-ئىقتىدارى ۋە جىنسى ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى ھالەتتە بولۇپ، تۇخۇم ۋە ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى بولىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولسا، بالىنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى بولۇپ، سۈپەتلىك تۇغۇشق...
  • ھامىلىدار بولۇشنى ئويلاۋاتقانلارغا تەۋسىيە

    ۋاقتى: 2015-07-06 ئاۋاتلىقى: 728 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    پەرىشتە ئانا-بالا تورى ئەسكەرتمىسى: بۇ ماقالە مەلۇم توردىشىمىزنىڭ ھامىلىدار بولۇش ھەققىدە سورىغان سوئالىغا ئاساسەن تەييارلانغان، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللىدۇق، بىز سەۋەب قىلغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىزدە، كۆپ دۇئا قىلغاچ بۇ سەۋەبلەرنىمۇ ئۆز ئەقىدىمىز ماس ھالدا سىناپ باقساق بولىدۇ.
    ھامىلىدار بولۇش يالغۇز ئايال تەرەپتىنلا بەلگىلىنىدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىكى، كەيپىياتى، ئۇرۇق سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسۋەتلىك بولىدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بەلكىم سىزگە نەپ بېرەلىشى مۇمكىن:


    ھامىلىدارلىق تەييارلىقى
    ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
    يۇپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش
    ئادەتتە كۈندىلىك يې...

  • تەبئىي بويىدىن ئاجىراپ كېتىشكە قارىتا قوغداش ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-05 ئاۋاتلىقى: 633 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    تەبئىي بويىدىن ئاجىراپ كېتىشكە قارىتا قوغداش ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟

     نۇرغۇن ئادەملەر بويىدىن ئاجىراپ كېتىشنى بالىنىڭ ھاياتىغا ۋە ھامىلىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش دەپ قارايدۇ. شۇڭا پۈتۈن ھەممەيلەن ھامىلىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. بېراق ھامىلىنى قوغداشتا ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە قوغداش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك. ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا ، ھاممىلىدار ئاياللارنىڭ %15تىدە تەبئىي بويىدىن ئاجىراش كېلىپ چىقىدىكەن. يەنە كىلپ بىر قىسىم ھامىلىدار ئاياللار بويىدىن ئاجىراپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىكەن، بويىىدىن ئاجىراپ كېتىشنىڭ خىروموسوم ئانالىزى كىشىنى ھەيران قىلدۇرىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن 2~3ئاي بولغاندا بويىدىن ئاجىراپ كەتكەنلەرنىڭ %60تىدە خىروموسوم غەيرىيلىكى كۆرۈلگەن، 4ئاي بولغاندا بويىدىن ئاجىراپ كېتىش كۆرۈلگەنلەرنىڭ %50تىدە خىروموسو...

  • يېقىن تۇغقانلار نېمە ئۈچۈن توي قىلسا بولمايدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-05 ئاۋاتلىقى: 826 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئىلگىرى گېن ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇشۇ ئەسىردىكى داڭلىق ئامېرىكا ئىرسىيەت ئالىمى مورگان مۇنداق دېگەن:
    قانداشلىق ۋە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ ئارقىلىقلا، ئەڭ مۇكەممەل بەدەن ساپاسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى ھازىرلانغان ئادەم نەسىللىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

    ئۇ: «تېخىمۇ ئەقىللىك، تېخىمۇ ساغلام بولغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىن تۇغقانلار ھەرگىز توي قىلماڭلار.» دەپ مۇراجىئەت قىلغان.


    يېقىن تۇغقانلار توي قىلىش دېگىنىمىز، بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە تۇغقانلار ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ...

  • ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم تولۇقلاش كېرەك بولغان ئېلېمېنتلار(4)

    ۋاقتى: 2015-07-03 ئاۋاتلىقى: 791 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يود تۇغۇت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن يود تولۇقلىغاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تولۇقلىغاندا قارىغاندا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟  يود يەنە ئەقلىي-ئىقتىدار ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتتى بولۇپ، ئادەم تېنىنىڭ قالقانسىمان بەر ھورمونى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيالى. قالقانسىمان بەز ھورمونى مېڭىنىڭ يېتىلىش دەۋرىدىكى مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۆلۈنۈشىگە قاتنىشىدۇ، يەنى كەم بولسا بولمايدىغان ھەل قىلغۇچ ئوزۇقلۇق تەركىبىدۇر. مېڭە تەتقىقاتىنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ئەقلىي ھەرىكىتى ۋە پسىخىكا ھەرىكەت ئىقتىدارى بىلەن نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ شاخسىمان ئۆسۈكچە، شاخسىمان ئۆسۈكچە شېخى ۋە سىناپىسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يود تو...
  • ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(2)

    ۋاقتى: 2015-06-29 ئاۋاتلىقى: 761 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بالىياتقۇدىكى ئۆسمە
    يېقىندىن بىرى، بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى بارغانسىرى ياشلىشىپ كېتىشى ھورمۇننىڭ ئۆزگۈرۈشى ۋە خىزمەت بېسىمىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزى ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە سەل قاراپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. بالىياتقۇ ئۆسمىسىنى مىسال قىلساق، ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى بالدۇر تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئۆسمىنىڭ ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر قىلىش-قىلماسلىقى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن بەلگىلىنىدۇ، بىرى دىئامېتىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، يەنە بىرى ئۆسكەن ئورنى. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەدەندىكى ھورموننىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك، بالىياتقۇ ئۆسمىسى تۇيۇقسىز چوڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

    ...

  • بالىياتقۇغا تۇغۇت چەكلىگۈچ سېلىشنىڭ مۇۋاپىق پەيتى

    ۋاقتى: 2015-06-27 ئاۋاتلىقى: 662 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    پەقەت ھامىلىدار ئەمەسلىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئاياللارغا دوختۇرلار تۇغۇت چەكلەش ھالقىسى سالسا بولىدۇ.   ئادەتتە ھەيزدىن پاكلىنىپ ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە سالسا ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.   تۇغۇپ 6 ھەپتىدىن 8 ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتا دوختۇر تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن تۇغۇت چەكلەش ھالقىسىنى سالسا بولىدۇ.  
    ...
جەمئىي 5 بەت/209پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 5 كېيىنكى بەت