ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
ھامىلىدارلىق مەزگىلى - دىكى يازمىلار
  • [بىلگەجان] بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 2865 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟ ئاپتۇر: بىلگەجان
    جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىغا قارىتا ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر مەۋجۇت. گەرچە ئىلىم-پەن ساھەسىدە بالىنىڭ جىنسنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقىلى نەچچە ئون يىللار بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانىنىڭ قىز تۇغۇشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەتتا ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
    پات- پاتلا ئەر- ئاياللارنىڭ پەرزەنتىنىڭ قىز بولۇشى تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە توشقان كالپۇك بولۇپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1204 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     

     بوۋاقلارنىڭ زەھەرلىك، زىيانلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلاش
    ھامىلىدار ئاياللار تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە زىيانلىق ۋە زەھەرلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن: رادىئاتسىيە، دېھقانچىقلىق دورىلىرى، قوغۇشۇن، سىماب، كادمىي قاتارلىقلار، ئۇچرىشىدىغان ماددىلارنىڭ خاراكتېرى ئېنىق بولمىغاندا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، ئۇچرىشىش ۋاقىتىنى، مىقدارىنى كونترول قىلىش، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بوۋاقلارغا زىيان يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
    روھىي جەھەتتىن قوزغىلىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن: قورقۇنچلۇق فىلىملەرنى كۆرمەسلىك قاتارلىقلار.

    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 30-ھەپتىسىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى قانچىلىك بولسا نورمال بولىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 780 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقنىڭ 30-ھەپتىسىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى قانچىلىك بولسا نورمال بولىدۇ؟
    ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى 10~14 كىلوگىرام بولسا بىرقەدەر كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ، ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بەدەن ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن ئانا بولۇش ئالدىدىكى ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئازراق ئاشسا بولىدۇ؛ ئەكسىچە ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بەدەن ئېغىرلىقى ئېغىر بولغانلار كۆپرەك چەكلىمە قويۇش كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا بەدەن ئېغىرلىقنىڭ ئېشىشى تەدرىجىي بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1~2 كىلوگىرام، ئوتتۇرا كېيىنكى مەزگىلدە تەخمىنەن ھەر ھەپتىدە 0.5 كىلوگىرام بولىدۇ.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسىدە ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ھەققىدە

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 941 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى تۆت ئۆلچەملىك رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتكەندە، دوختۇر ھامىلىنىڭ كىچىك مېڭە- ئۇزۇنچاق مېڭە ئورىكىنىڭ كەڭلىكى 1.2 سانتىمېتىر دەيدۇ، بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟ 

     20~30-ھەپتىلىرىدە ھامىلىنىڭ كىچىك مېڭە- ئۇزۇنچاق مېڭە ئورىكىنىڭ كەڭلىكى 10 مىللىمېتىردىن كىچىك بولىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن بىر قىسىم پەرقلەر بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىن چوڭ بولۇپ كەتسە ھامىلىدە غەيرىيلىك كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، ياكى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. سىزنىڭ بوۋىقىڭىز كىرىتىك دائىرىنىڭ سىرتىدا ئىكەن، ئەگەر باشقا تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى نورمال بولسا، ھەر قېتىملىق تەبىئىي تەكشۈرۈشلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئېلىپ بارسىڭىزلا بولىدۇ، ...
  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دورا ئىشلىتىش قوللانمىسى

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 820 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    پەرىشتە ئانا-بالا تورى ئەسكەرتمىسى: نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ قىسىم دورىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى بولمىغاچقا دورا ئىسىملىرىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تەمىنلەش ئىمكانىيىتى بولمىدى، دورا سېتىۋېلىشقا ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن دورىلارنىڭ خەنزۇچە ئىسمىمۇ بېرىلدى. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن بولغان كەچۈرۈۋېتىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز. تۆۋەندىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندە چوقۇم مۇناسىپ كۆرسەتمىسىگە، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىڭ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قالايمىقان دورا ئىشلىتىش ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
    1. پېنىتسىللىن: بىرقەدەر بىخەتەر، ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى، كۆپ خىل رول كۆرسىتىدىغان پېنىتسىللىن.  ئىچىش، مۇسكۇلغا ئوكۇل سېلىش، ۋېنا قان تومۇرىغا ئاسما...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدىكى ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 919 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدىكى قاندا قەنت ماددىسى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە كېتون ماددىسى (酮体) شەكىللىنىپ، ئىشتىھاسى تۇتىلىدىغان، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا كۆپرەك قارا ئاشلىق قاتارلىق قەنت مىقدارى كۆپرەك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە قاندىكى قەنت مىقدارىنى تولۇقلاپ، كېتون ماددىسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە كۆپرەك بېلىق يەپ بەرسە ياخشى. چۈنكى بېلىق گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول، تەمى خۇشبۇي، ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىكىدۇر.

    كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللار ھەر كۈنلۈك تاماقنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ھەر قېتىملىق تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، بەك مايلىق ياكى ئاسا...
  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدارلار ئۆز مەيلىچە ئورۇقلىسا بولمايدۇ

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 752 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، بارلىق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ گۈزەل بەدىنى ئورنىغا كېلەڭسىز، كالانپاي بەدەن ئالمىشىدۇ. بۇ بىر قىسىم گۈزەللىكنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدىغان ياشلار ئۈچۈن بىر باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ھامىلىدارلىق ۋاقتىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭمۇ ئېشىشى ناھايىتى نورمال بولۇپ ئادەتتە سېمىزلىككە تەۋە بولمايدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن پەرقى چوڭ. ھامىلە، بالا ھەمراھى، باش سۈيى، بالىياتقۇ، كۆكسى ھەمدە ئانىنىڭ قان مىقدارى قاتارلىقلار كۆپەيگەندىن سىرت يەنە ئانىنىڭ تېنىدىكى ماي زاپاس مىقدارىدىمۇ كۆپىيىش بولىدۇ. بۇ زاپاس ساقلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئۈچۈن تەييارلىق، بۇنداق ماينى ھەرگىز ئازلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
    پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدە...

  • ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ئوزۇقلۇق بىلىملىرى توغرىسىدا

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 869 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ئوزۇقلۇق بىلىملىرى توغرىسىدا
    ھامىلدارلىقنىڭ 8-ئېيىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ تېنى ئېغىرلىشىپ ھەرىكىتى قولايسىزلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالياتقۇ قورساقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگەللەپ بولىدۇ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازىنى قىسىلىپ، تاماق مىقدارى تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن قورسىقى تويمىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئانا تېنىنىڭ ئاساسىي ماددا ئالماشتۇرۇشى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. ئۇ چاغدا ھامىلدار ئايال ئامال بار ئاشقازاننىڭ قىسىلىش سەۋەبىدىن ئازلىغان ئوزۇقلۇقنى تولۇقلىشى كېرەك. ھەر كۈنى كۆپ غىزالىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، ھەرخىل ئوزۇقلىق ماددىلىرىنى تەڭپۇڭ تولۇقلىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە  كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ 8-ئېيىدا ھامىلە جىگەر...
  • ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا ھامىلىنىڭ جىنسنى پەرق ئەتكىلى بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 893 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقنىڭ 9-ھەپتىسى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا ھامىلىنىڭ جىنسنى پەرق ئەتكىلى بولامدۇ؟
    بولمايدۇ، ئادەتتە 4~5-ئايلاردا ئاندىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 21-ھەپتىسىدىكى ئاتا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 801 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
      بۇ مەزگىلدە ئاتا بولغۇچىلار ھامىلە تەربىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىشى، ھامىلىگە گەپ قىلىپ بېرىشى، ئايالىغا پات-پات ياخشى بولغان تۇرمۇش ۋە ئىستېمال ئادىتى يېتىلدۈرۈشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ھامىلىدار ئايالىنى بىرگە ئېلىپ بىر قېتىملىق بىخەتەر ساياھەتكە چىقىشى لازىم.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 798 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    1) مېۋە-چىۋىنى زىيادە كۆپ يېيىش پايدىسىز  نۇرغۇن ئانا بولغۇچى ئاياللار «مېۋە-چىۋىنى كۆپ يەپ بەرگەندە، كېيىن بالامنىڭ تېرىسى ياخشى بولىدۇ» دەپ ئويلايدۇ-دە، كۆپ مىقداردا مېۋە يەيدۇ، ھەتتا مېۋە-چىۋىنى تاماقنىڭ ئورنىدا يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئانا بولغۇچى مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە يەپ بەرگەندە پايدىسى بار، ئەمما بەك كۆپ يەۋالسا ئەكسىچە زىيىنى بولىدۇ. چۈنكى مېۋە-چىۋىلەر ۋېتامىن ۋە يېمەكلىك تالالىرىدىن باشقا ئوزۇقلۇق مىقدارى كۆپ ئەمەس، ئەكسىچە شېكەر مىقدارى مول بولۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئاسانلا بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىش، ھامىلە زىيادە چوڭ بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.  2) تەركىبىدە ۋېتامىن C ۋە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش  بەزى ئانىلاردا ھا...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 11-ھەپتىسى ھامىلىدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 1018 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    1) ئارخىپ ئىشلەش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك كېرەك.  ھامىلىدار ئاياللار ئادەتتە تۇغۇتتىن بۇرۇن ئىشەنچلىك دوختۇرخانىنى تاللاپ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشلىرىنى ئارخىپ قىلىپ ساقلايدۇ. ھەر قېتىملىق تەكشۈرتۈش ئەھۋالىنى ساقلاپ قويىدۇ، تۇنجى قېتىملىق ئارخىپنى ئۈچ يېرىم ئايلىق بولغاندىن كېيىنگە قالدۇرماسلىق كېرەك.  2) نېمە ئۈچۈن بېشى قايغاندەك ھېس قىلىدۇ؟  ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دائىم باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ بەدەن ئورنى ئۆزگەرگەندە، مەسىلەن، ئولتۇرۇپ قوپقاندا، ياكى ياتقان يەردىن تۇيۇقسىز تۇرغاندا باش قېيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن تېخىمۇ كۆپ قانغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بەدەن ھالىتىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتكەندە چوڭ مېڭىنىڭ قان مىقدارى يېتىشمەي قالىدۇ-دە، با...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 18-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالى

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 797 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بۇ ۋاقىتتا بوۋىقىڭىزنىڭ بېشىدىن باشلاپ ساغرا قىسىمىغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 14سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 198 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلە توختىماي پۇت-قوللىرىنى سوزۇش بىلەن ئالدىراش، سىز بارا-بارا ھامىلىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنى ھېس قىلالايسىز. ھامىلىنىڭ نېپىز تېرىسىدىن قان تومۇرلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ،قۇلاق نورمال ئورۇندا شەكىللىنىپ بولىدۇ، شۇنداقلا گىرۋەكلىرى قىرلىنىپ بولىدۇ. يىلىك خوردىسى ــــ بىر خىل قوغداش رولىنى ئوينايدىغان يېپىنچا ماددا، ھامىلىنىڭ نېرۋىلىرى ئەتراپىدا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، تاكى بالا تۇغۇلۇپ بىر يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ھامىلە قىز بولسا، ئۇنىڭ بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى شەكىللىنىپ بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆز ئورنىغا مۇقىملىشىپ بولىدۇ. ئەگەر ئوغۇل بولسا، كۆپىيىش ئەزاسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتتا، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا ت...
  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى زۇكامنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش تەدبىرلىرى

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 1001 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچىلار زۇكامدىن ئەڭ قورقىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ بىرى، زۇكام ۋىرۇسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىگە نىسبەتەن زىيانلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر زۇكام بىلەن بىرگە بەك قىزىش ئالامىتىمۇ بولسا ئۇنىڭ زىيىنى كىشىنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقىتتا كىيىم-كېچەك ئازايتىش-كۆپەيتىش ئېلىپ بېرىش، بازارلارغا ئاز بېرىش، كىنوخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىق كېرەك. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن زۇكام بولۇپ قالسا، تۆۋەندىكى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش تەدبىرلىرىنى سىناپ باقسا بولىدۇ.


    1. تۇرۇپ
    تۇرۇپ يېسسىۋېلەك شورپىسى: يېسىۋىلەكتىن 250 گىرام، ئاق تۇرۇپتىن 60 گىرام ئېلىپ سۇ قوشۇپ قايناتقاندىن كېيىن 10~20 گىرام قىزىل شېكەر قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ.



    كۆكتات...

  • ھامىلىدار ئاياللار مىرىكا يېسە بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 756 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
     ھامىلىدار ئاياللار مىرىكا يېسە بولامدۇ؟
    مىرىكىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەبىئىي يېشىل قۇۋۋەت يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. «دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا مىرىكا  ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، بەش ئەزانى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاشقازان ئۈچەينى تازىلايدۇ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىپ زەھەر تازىلايدۇ » دەپ خاتىرىلەنگەن. يەنە بىر ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەلا سۈپەتلىك مىرىكا  تەركىبىدە %12-13 قەنت، %0.5-1.1 كىسلاتا، مول سىللۇلۇزا، مېنىرال ئېلمېنتلار، ۋىتامىن ۋە بەلگىلىك مىقداردا ئاقسىل، ياغ، مېۋە يىلىمى شۇنداقلا 8 تۈرلۈك زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسىى بولۇپ، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر مىقدارى باشقا مېۋىلەرنىڭ 10 ھەسسىسىدىن كۆپرەك ئىكەن. ئۇنىڭ ھۆللۈك پەيدا قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئاشقازان، تالنى قۇۋۋەتلەش رولى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلىنسىمۇ تالغا زىيانسىز بولۇش بىلەن بىرگە، زەھەر قايتۇرۇپ سوغ...
  • سەنئەت تەربىيەسى

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 730 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    سەنئەت تەربىيەسى
    بۇرۇن كىشىلار  ھامىلدار بولسا ئامانلىقنى، ساغلاملىقنى تىلەيتتى، ئەمما كىشىلەرنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھامىلىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە دەۋر رىقابىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سىڭدۈرگەن ئەجرى كۆپەيمەكتە، ھامىلە تەربىيەسىدىن پايدىلىنىپ بالىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىدارىنى بىر قەدەم بولسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.
    ئەقلىي قابىلىيىتى، ئىجاد قىلىش قابىلىيىتى، ھېسسىيلىقى قاتارلىق تونۇش بولغان قابىلىيەتنىڭ مەۋجۇت شارائىتتا، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئالىم مۇتەخەسسىسلەر گۈزەللىكنى يېڭى دەۋردە كىشى ۋە كارخانا ھازىرلاشقا تېگىشلىك رىقابەت كۈچى دەپ تەرىپلەشتى! يەنى، رىقابەت دەۋرىدە يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن گۈزەللىك بولمىسا بولمايدۇ.
    يەنە بىر تەرەپتىن، جەمىيەتنىڭ رىقابىتىنى دېمەي تۇرساقمۇ، سەن...
  • ھامىلىدار بولغىنى 23 ھەپتە بولغان، زۇكام بولۇپ قالدىم، دورا يېسەم بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 897 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    سوئال: مەن ھامىلىدار بولغىنى 23 ھەپتە بولغان، زۇكام بولۇپ قالدىم، دورا يېسەم بولامدۇ؟
    جاۋاب: كىلىنىكىدا نۇرغۇن دورىلارنىڭ ھامىلىگە تەسىرى بار يوقلۇقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، شۇڭلاشقا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دورا ئىشلىتىش پىرىنسىپى بولسا دورا ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغانلارغا دورا ئىشلەتمەسلىك.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى ھامىلە نىسبەتەن كىچىك بولسا چوڭ مەسىلىمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 676 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     

    بۇنداق ئەھۋالدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك 1. قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، ھامىلىدار ئايال ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.  2. يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار سۈت ۋە تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك، بەدەندىكى سۇ مىقدارىنى تۇلۇقلاپ تۇرۇش، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 27-ھەپتىسى دادا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 841 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقنىڭ 27-ھەپتىسى، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى بارغانسېرى يوغىنايدۇ، بۇ ۋاقىتتىن كېيىنكى ۋاقىتلار كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت، شۇنىڭ ئۈچۈن دادا بولغۇچى بۇ ۋاقىتتا ئۆيدىن ئايرىلىپ كاماندورپكىغا چىقىپ كەتمەسلىكى، ئامال بار ئايالىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئايالىنىڭ ھامىلە تەربىيەسى دەرسىلىرىگە ئىشتىياقى بارلىقىنى سەزسە، بۇ مەزگىلدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، يەنى ئۇنى دەرسكە ئېلىپ بېرىپ بىللە دەرس ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىشەنچى ۋە تەۋرنمەس ئىرادىسى ئارقىلىق ئايالىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
    ...
  • چاچ بوياش ۋە ئامىنو كېسلاتاسى كاپسولى ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدە تەسىر قىلامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 785 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    چاچ بوياش دورىسى تەركىبىدە بىر خىل راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددا بولۇپ، چاچ بوياش سۇيۇقلىقىنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك تەركىب ئادەمنىڭ باش تېرىسىدىن ئۆتۈپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلىدارلار ئەڭ ياخشىسى چاچ بويىماسلىقى كېرەك. ئامىنو كىسلاتا كاپسولى دەسلەپكى 3 ھەپتە ئىچىدە يېگەن بولسا تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، بىراق ئادەتتە، ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدىن 8- ھەپتىسىگىچە ھامىلىنىڭ ئەزالىرى ئايرىلىدىغان بەزگىل بولغاچقا، دورا ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. تەكلىپىمىز ھەر قانداق دورا ۋە ساغلاملىق بويۇمىنى ئىشلەتمەڭ، ئىشلەتسىڭىزمۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىڭ.

    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ39‏-ھەپتىسىدە بالىنىڭ مىدىرلىشى نېمىشقا يەنىلا كۆپ بولىدۇ ؟

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 936 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    ھامىلىدارلىقنىڭ39‏-ھەپتىسىدە بالىنىڭ مىدىرلىشى نېمىشقا يەنىلا كۆپ بولىدۇ ؟
       بۇ ئاساسەن چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بۇمۇ تۇغۇتقا ئاز قالغانلىقتىن كۆرۈلىدۇ.
    ...
  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قان ئازلىقنى تۈگىتىش

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 797 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدار بولغىنىغا 21 ھەپتە بولغان ئاياللاردا  HGB104 بولغاندا قان تولۇقلىغۇچ دورىلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولامدۇ؟

     جاۋاب: ھامىلىدار ئاياللار قان تولۇقلىغاندا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئەتراپلىق تولۇقلىنىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بىخەتەر بولغان پۈتۈن ئۈنۈملۈك قان تولۇقلاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش لازىم. مەسىلەن: كەتىرا، كىرەش قاتارلىق قان تولۇقلىغۇچى مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. ئاقسىل، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، تۆمۈر ۋە ۋىتامىنC قاتارلىقلارنىڭ يېتەرلىك مىقداردا تولۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا ھامىلىدار ئاياللاردا كەم قانلىقنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.
    ...
  • B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا قىز ياكى ئوغۇللىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەمدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 860 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدار بولغىلى 30ھەپتە بولغاندا رەڭلىك B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا قىز ياكى ئوغۇللىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەمدۇ؟ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، پەقەت سىزنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەن دوختۇرلا بىلەلەيدۇ، نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
    ...
  • پايدىلىق بولغان 3 خىل ھامىلە تەربىيەسى

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 769 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0


    ھامىلە ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشنىڭ رولىنى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن،  توغرا،  مۇۋاپىق بولغان ھامىلە ئارقىلىق تەربىيەلەش بالىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق،  ناتوغرا،  مۇۋاپىق بولمىغان ھامىلە تەربىيەسى بولسا بالىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
    1.  دائىم ھامىلىنى سىرتىدىن سىلاپ بېرىش،  يېنىك ئۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ تېرىسىنى غىدىقلاش،  سىلىغاندا تېرە بۇ سىگنالنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ چوڭ مېڭىنى غىدىقلىغاندىن كېيىن،  ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  يېنىك ئۇرۇلغاندا تەۋرىنىش سېزىمى باش سۈيى بىلەن بىللە ھامىلىنىڭ تېرىسىگە يېتىپ بارىدۇ.  ھەر كۈنى ئوخشاش مەشغۇلاتنى 15~10 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، قول ھەرىكىتى چوقۇم  يېنىك،  يۇمشاق بولۇشى كېرەك.

  • ھامىلىدار بولغىنىغا 23 ھەپتە بولغان ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 603 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

      ھامىلىدارلىقنىڭ 23 ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بالىياتقۇ چوڭىيىپ كىندىكتىن 3.8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ، بالىياتقۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 23 سانتىمېتىر كېلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز تەخمىنەن 7 كىلوگرام ئاشىدۇ. سىز بۇ ۋاقىتتا بەدىنىڭىزنى كەرگەن ۋاقىتتا روشەن ئاغرىقنى سېزىسىز. قورسىقىڭىز پولتىيىپ چىققاچقا سىز ھەزىم قىلىش سىستېمىڭىزنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆرۈلگەن ئاشقازان ئېچىشىپ ئاغرىش يەنە سىزنى بىئارام قىلىشقا باشلايدۇ. بىر قېتىمدا زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىڭ، تاماقنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىشكە ئادەتلىنىڭ، تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا مېڭىپ بەرگەندە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق.


     ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 12-ھەپتىسىدە، قورساق ئاللىبۇرۇن چوڭىيىپ بولدى، بۇ نورمالمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 759 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەگەر بۇ تۇنجى قېتىملىق ھامىلىدار بولۇش بولسا، ئادەتتە ئۈچ ئايدا قورساقنىڭ يوغىنىشى ئېنىق بولمايدۇ، پەرەز بويىچە ناھايىتى ئاز ھەرىكەت قىلىپ، ئارقىدىن كۆپ يەپ، ئولتۇرغان ۋاقىت ئۇزۇن بولۇپ ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىئارامچىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، قەرەللىك تۇغۇت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بەرسە بولىدۇ.
    ...
  • ئەدەبىي ـ سەنئەت پائالىيىتىنىڭ تۆكمە مەزگىلى

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 770 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەدەبىي ـ سەنئەت پائالىيىتىنىڭ تۆكمە مەزگىلى 
    ئادەتتە ئەدەبىي ـ سەنئەت بىلەن ئاز شۇغۇللىنىدىغان، لېكىن ھامىلىنىڭ سەنئەتتىن تەربىيە ئېلىشىنى خالايدىغان ئانىلارغا، ۋاڭ يىۋېن باش تەپتىشنىڭ تەكلىپى: « ئاۋال ئەتراپىدىكى قاتنىشىش ئاسان بولغان كەڭ دائىرىلىك سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن باشلاش، مەسىلەن ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيەت مەركىزىدە ھامىلدارلار كۆرۈشكە ماس كېلىدىغان ئويۇن ياكى كۆرگەزمە، نۇتۇق ياكى تالانت يېتىلدۈرۈش دەرسلىكلىرىمۇ ھامىلدارنىڭ ياخشى تالىشى.»
    ئانىلار قىلىدىغان ئىشلار
    يەر شارائىتى ئەپسىز ئانىلار، ھەريىلدىكى ئارام ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ سەنئەت زىياپەتلىرىگە قاتنىشىشنى پىلانلىسا بولىدۇ، چۈنكى ھەر يىلىدىكى يەتتە سەككىزىنچى ئايلارنى ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيىتىنىڭ تۆكمە ۋاقتى دېيىشكە بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كولل...
  • ئۆت كىسلاتاسى قىممىتى ھەققىدە

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 657 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    سوئال: مەن ھامىلىدار بولغىنى 23 ھەپتە بولغان، ئومۇمىي ئۆت كىسلاتاسىنىڭ قىممىتى 26.6 چىقىپتۇ، نورمال قىممىتى 0-12 ئىكەن.


    جاۋاب: گلىكوخولىك كىسلاتاسى‹甘胆酸›  قىممىتى بەك يۇقىرى چىقمىغان ئەھۋالدا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىشقا بولىدۇ. ئالدى بىلەن چوقۇم تۇغۇتتىن بۇرۇنقى كۆزىتىش ۋە پەرۋىشنى كۈچەيتىش، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى، ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى، ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىش، قەرەللىك ھالدا گلىكوخولىك كىسلاتاسى‹甘胆酸›قىممىتىنى ئۆلچىتىپ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭيىچە داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەر

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 787 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن، سىزنىڭ بالىياتقۇيىڭىز پەقەت بىر تال نەشپۈتنىڭ چوڭلۇقىدا بولۇپ، ھامىلىدار بولۇپ 10-ھەپتىگە كەلگەندە بىر تال ئاپېلسىننىڭ چوڭلۇقىچىلىك بولىدۇ. بالا ھەمرىيى ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلىدۇ، ئۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى بارغانسېرى يوغىناپ، بەدەن شەكلىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ، بېلى توملىشىدۇ، كۆكرىكى چوڭىيىدۇ. ئەمچەك توپچىسىنىڭ يۈزىدە ئاق رەڭلىك كىچىك دانچىلار پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ دانچىلارنىڭ تەركىبىدە ئاق رەڭلىك سىلىقلىغۇچى رىئاكتىپلار بولۇپ، تۇنجى سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن تەييار بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 


    پروگېستىن(ھامىلىدارلىق...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسى كىتون مىقدارى 10.55 چىقتى، نورمالمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 621 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسى كىتون مىقدارى 10.55 چىقتى، نورمالمۇ؟ جاۋاب:  بەكلا تۆۋەن، بويىدىن ئاجراش ئېھتىماللىقى بار. دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاياللار بۆلۈم مۇتەخخەسىسىگە كۆرۈنۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدە گازلىق ئىچىملىك ئىچكەنىدىم، ھامىلىگە تەسىرى بولارمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 722 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    سىز سۇنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىگە قاراپ بېقىڭ، ھامىلىدارلار ئىچسە بولمايدۇ دېگەن خەت بارمىكەن يوقمىكەن، مۇبادا شۇ خەت بولسا بەلكىم ھامىلىگە ئازراق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن، بىراق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.

     

    بەزىلەر ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 35 كۈنىدە (دەسلەپكى ھەيزنىڭ تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ 35 كۈن ئىچىدە) دورا ئىچكەن بولسا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ دەيدۇ. ھامىلىنى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، 22-ھەپتىدىن 26-ھەپتىگىچە ئارىلىقتا تۆت ئۆلچەملىك رەڭلىك ئاپپاراتتا غەيرى تۆرەلمىمۇ ئەمەسمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .

    ...
  • جىنسىي يولۇمدىن سۇس سېرىق رەڭلىك پۇراقسىز سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ، نېمە سەۋەبتىن؟

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 881 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    سوئال: مەن ھامىلىدار بولغىنى 33 ھەپتە بولغان، جىنسىي يولۇمدىن سۇس سېرىق رەڭلىك پۇراقسىز سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ، نېمە سەۋەبتىن؟


    جاۋاب: ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاياللىق ھورمۇننىڭ تەسىرىدە ۋە سىرتقى جىنسىي ئەزا، جىنسىي يول، بالىياتقۇ قاتارلىقلارنىڭ قان ئايلىنىشى تېزلىشىشى سەۋەبلىك بۇ ئورۇنلاردىكى توقۇلمىلاردا سۇيۇقلۇق بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك ئاق خۇننىڭ مىقدارىمۇ ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاق خۇننىڭ مىقدارىمۇ ئاشىدۇ، سىزدىكى بۇخىل ئەھۋال نورمال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە ئالاھىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.

    ...
  • كىچىك قورساقنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئازراق چىقىپ قالغان نەرسە بولسا، بۇ نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 775 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھامىلىدار بولغىلى 7 ھەپتە بولغان بولۇپ،  كىچىك قورساقنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئازراق چىقىپ قالغان نەرسە بولسا،  بۇ نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟


    كىچىك قورساقنىڭ ئوڭ تەرىپى ئازراق پۇلتىيىپ چىقىپ قىلىشى بەلكىم سىزنىڭ قەۋزىيەت بولۇشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن،  ياكى مايلار توپلىنىپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن،  ئەكسىچە سىز  ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىشنى ياخشى كۆرىسىز. قەۋزىيەت بولۇپ قالسا كۆپرەك سۇ ئىچىش،  كۆپرەك مېۋە سەي-كۆكتات يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.  سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان ئىسسىق قايناقسۇ ياكى ھەسەل سۈيى ئىچىشنىڭ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى ئۈنۈمى بار،  قۇسۇشنى يېنىكلىتىشكىمۇ پايدىلىق.  ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن جىنسىي يول ئەينىكىدە تەكشۈرتسە بولمايدۇ.  دوختۇرمۇ سىزگە شۇنداق تەكل...

  • ھامىلىدارلىقنىڭ37 - ھەپتىسىدە بالىياتقۇنىڭ دائىم قىسقىرىشى قانداق ئىش؟

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 760 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقنىڭ37 - ھەپتىسىدە بالىياتقۇنىڭ دائىم قىسقىرىشى قانداق ئىش؟
       ئەگەر بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى بارغانچە كۆپىيىپ، ئارىلىق ۋاقتى بارغانچە ئازلىسا، بۇ تۇغۇتنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىندۇر. بەزىدە ھامىلىدارلىقنىڭ 37‏-ھەپتىسىدە، بالىياتقۇنىڭ قالايمىقان، تەرتىپسىز قىسقىرىشىمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 20-ھەپتىسى ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا، ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇللۇقىنى پەرق ئەتكىلى بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 718 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقنىڭ 20-ھەپتىسى ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا، ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇللۇقىنى پەرق ئەتكىلى بولامدۇ؟ ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ئېيىدا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈپ، قىز-ئوغۇللۇقىنى پەرق ئېتىش ئەڭ مۇۋاپىق، لېكىن ئادەتتە دوختۇرلار بۇنى ئاشكارىلىمايدۇ.

    تەھرىر تەۋسىيەسى:

    ئوغۇل تۇغۇلۇشنىڭ سىرى(1)

    قىز تۇغۇلۇشنىڭ مەخپىيىتى

    قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇشن...

  • ھەيز مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا...

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 734 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھەيز مەزگىلىدە ئاياللاردا كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش، باش ئاغرىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەزگىلدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەر يېمەكلىك ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك يېمەكلىك ئادىتى ئاياللاردىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ:
    كالتسىي مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش. ئاياللاركالتسىي مىقدارى ھەم ۋىتامىن D مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، ھەيز مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، سۈت، قېتىق، مېۋە شەربىتى، پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
    تالالىق ھەم ئاقسىل مىقدارى مول يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ كۆكتات، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشىكېرەك.
    تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش. تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ...

  • ھامىلىدارلىقنىڭ 3- ھەپتىسىدا يەنە قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 623 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسى سىزنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتلىرىڭىزغا ئاساسەن ئوخشاش، پەقەت سىز رادىئاتسىيە بار ئورۇنلارغا قەتئىي يېقىن كەلمەڭ، مۇبادا سىز تۇرغان ئورۇن ياكى ئىشخانىڭىز رادىئاتسىيە كۆپ ئورۇن بولسا، رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمىنى دەرھال كىيىۋېلىڭ. چىرىشتىن ساقلىنىش دورىسى قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يېمەڭ. باشتىكى 3 ئايدا قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ. ھامىلىدار بولغانلا بولسىڭىز، قانچە كۈن بولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ كۈندىن باشلاپ سىزدە ھامىلىدار ئايالدا بولۇشقا تېگىشلىك تەييارلىقلار ھازىرلانغان بولسۇن.

    ...
  • ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا قول-پۇتۇمنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمەن، نېمە سەۋەبتىن ؟

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 790 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    سوئال: مەن ھامىلىدار بولغىنى 24 ھەپتە بولغان، ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا قول-پۇتۇمنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمەن، نېمە سەۋەبتىن ؟
    جاۋاب: بۇ ھامىلىدارلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى قان بېسىم‹妊娠高血压›دىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، ئۇخلىغاندا پۇتىڭىزنى ئېگىزرەك قويۇپ يېتىڭ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى ئازراق ئىچىڭ، تۇزنى ئازراق ئىستېمال قىلىڭ. مۇمكىن بولسا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ.
    ...
  • قورساق داۋاملىق چوڭايمىسا بىنورمالمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 671 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    سوئال : ھامىلىدارلىقنىڭ 33-ھەپتىسىدىن باشلاپ قورساقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە ئۆزگىرىش بولمىسا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
    جاۋاب: دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى، بىچاۋ ئارقىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا مەسىلە كۆرۈلمىسىلا چوڭ مەسىلە يوق.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 17-ھەپتىسى قورساق يەنىلا كۆتۈرۈلمەسلىكى نېمە سەۋەبتىن؟

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 748 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    قورساقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھامىلىنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر دائىملىق تەكشۈرتۈشتە دوختۇر باشقا ئەھۋاللارنى بايقىمىسا، دېمەك ھامىلە ساغلام بولغان بولىدۇ.
    ...
  • ھامىلىدار ئاياللار قانداق ئەھۋالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 661 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدار ئاياللار تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى لازىم: 1. ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتى بىلەن بۇ قېتىملىق تۇغۇتىنىڭ ئارىلىقى 2 يىلغا يەتمىسە؛ 2. يېشى 20 ياشتىن تۆۋەن ياكى 35 ياشتىن يۇقىرى بولسا؛ 3. ئىلگىرى بەدەن ئېغىرلىقى 2 كىلوگرامغا توشمايدىغان بالا تۇغۇش تارىخى بولسا؛ 4. تۇغۇتى قىيىن بولغان ياكى بالىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغقان بولسا؛ 5. ئىلگىرى بويىدىن ئاجراپ كەتكەن بولسا ياكى ئاي-كۈنى توشماي تۇغۇپ قويغان بولسا؛ 6. بالا قورساقتا ئۆلۈپ قالغان ياكى ئۈلۈك چۈشكەن بولسا؛ 7. ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 38 كىلوگرامدىن تۆۋەن بولسا؛ 8. بويىنىڭ ئېگىزلىكى 145 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولسا؛ ئەگەر ھامىلىدار ئاياللاردا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئانىدا ياكى ھامىلىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈن...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدە تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 753 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ ھەپتىدىن باشلاپ تۆرەلمە بىخى بالىياتقۇدا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يېتىلىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋىقىڭىز ئاللىبۇرۇن كۈنجۈتتەك چوڭلۇققا كېلىپ بولغان بولىدۇ. بىراق كۆرۈنۈشتە ئۇ تېخى ئادەمنىڭ شەكلىگە ئوخشىمايدۇ، بەلكى بىر تال قۇمچاققا بەكرەك ئوخشايدۇ. ئۇ ھازىر ئۈچ قەۋەت تۆرەلمە قەۋىتىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ئايرىم تاشقى تۆرەلمە قەۋىتى، ئوتتۇرا تۆرەلمە قەۋىتى ۋە ئىچكى تۆرەلمە قەۋىتىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ قەۋەت تۆرەلمە قەۋىتى كېيىن يېتىلىپ بالىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنى ۋە توقۇلمىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    ھۈجەيرىلەر بۆلۈنۈپ بالىنىڭ ھەر قايسى ئاساسلىق ئەزالىرىنى (مەسىلەن بۆرەك، جىگەر) شەكىللەندۈرىدۇ، نېرۋا تومۇرلىرىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ. نېرۋا تومۇرلىرى تۆرەلمە سىرتقى قەۋىتىنىڭ بۆلۈنۈشىدىن شەكىللىنىپ، كېيىنچە يېتىلىپ بالىنىڭ چوڭ مېڭىسى، يۇلۇن،نېرۋا ۋە ئومۇ...

  • بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 721 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

    ھامىلدار ئاياللاردا كۆپىيىش سىستىمىسىنىڭ بىنورماللىقى( مەسىلەن: قوش بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ، بالىياتقۇ بوينى بەك قىسقا بولۇش، تىك پاسىللىق بالىياتقۇ)، بالياتقۇ بوينى بوشىشىش، بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىقلار.


    جىددىي خاراكتېرلىق ياكى ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللەر، مەسلەن: ۋىروس خاراكتېرلىق جىگەر ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ۋىروس خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، قىززىش قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىق كېسەللىكلەر؛ يۈرەك كېسىلى، دىئابىت، ئېغىر قان كەملىك، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللەر، تەڭ قوزغىلىدىغان ھامىلدارلىق يۇقىرى قان بېسىم ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 13-ھەپتىسىدە ئاچچىق نەرسە يېسە بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 694 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقنىڭ 13-ھەپتىسىدە ئاچچىق نەرسە يېسە بولامدۇ؟
     ئاچچىقنى زىيادە كۆپ يېيىش مۇۋاپىق ئەمەس، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا ئىسسىقى ئاشىدۇ؛ بىراق، ئۇزۇندىن بېرى شۇنداق يەپ كۆنۈپ قالغان بولسا مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، لېكىن دىققەت قىلىش كېرەك.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 29-ھەپتىسىدە كالپۇك يېرىلىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 753 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدار بولغىلى 29 ھەپتە بولدى، ئادەتتە كالپۇك قۇرۇپ يېرىلىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا قايسى دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ؟

    سىز ھازىر نېمىلا يېسىڭىز ئىككى ئادەم سۈمۈرىدۇ، شۇڭا مەيلى قايسى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان كالپۇك يېرىلىش بولسۇن ھەممىسىدە ئىمكانقەدەر دورا يېمەسلىك  تەكلىپىنى بېرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى《دورىنىڭ ئۈچ ئۆلۈشى زەھەر 》ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا بالىغا تەسىرى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ۋىتامىن كەمچىل بولسا ۋىتامىن B تۈردىكى ۋىتامىن تولۇقلىسا بولىدۇ، سىز دورا ئىستېمال قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا يېڭى كۆكتات، مەسىلەن: سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، قىچا، بەسەي، ئاق تۇرۇپ قاتارلىقلار، نى كۆپرەك يېسە B تۈردىكى ۋىتامىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۈچەيتىدۇ.
    ...
  • ھامىلىدار ئاياللار قايسى ۋاقتتىن باشلاپ فولىك كىسلاتاسىنى تولۇقلاش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 690 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    نېرۋا نەيچىسىنىڭ(قانىلى) كەمچىل بولۇش بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. مېڭىسى يوق بالىنىڭ ئومۇرتقىسىنىڭ يېرىلىشى دائىم كۆرۈلىدىغان تۇغما كەمتۈكلۈك بولۇپ، يۈز بېرىش نىسبىتى %1-%0.8 ئەتراپىدا. بۇ خىل كېسەللىك ئاساسەن ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ.
    ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ۋېتامىن B ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ھامىلىنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، تۇخۇم تۆرەلمىسىنىڭ ھەجىمى 7000ھەسسە چوڭىيىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا كۆپ مىقداردىكى فولىك كىسلاتاسىغا ئېھتىياجلىق. بىراق بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئاياللار ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن فولىك كىسلاتاسى ئىستېمال قىلىدىغان ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. 35 ياشتىن ھالقىغان ئاياللارنىڭ ئۇرچۇقسىمان يىپەكنىڭ قېرىشى سەۋ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسىدىكى ئاياللارنىڭ ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ھەققىدە

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 699 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى كىچىك يېسىۋېلەك، پالەك، ئېپومىيە ئوتى، كۈدە قاتارلىق تەركىبىدە B گۇرۇپپا ۋېتامىنلىرى مول بولغان يېڭى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىشى كېرەك. B گۇرۇپپا ۋېتامىنلىرى بەدەندىكى كۆپ خىل ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە فىزىئولوگىيىلىك رىئاكسىيەلەرگە قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا ھامىلىدار ئايالدىكى جىددىي كەيپىياتنى ۋە چارچاشنى تۈگىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك، ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى تېز ئاشسا، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى كونترول قىلىش كېرەك. ئوزۇقلانغاندا تۇزى ئاز، كالىتسىي ۋە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم ۋە كەم قانلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن پەمىدۇرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
    ...
  • ھامىلىدارلىقنىڭ 20-ھەپتىسى باش سۈيىنىڭ مىقدارى ئازلاپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 560 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    باش سۈيى زىيادە ئاز بولۇش ھامىلىنىڭ خەتەردە ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئەگەر ئاي كۈنى يېقىنلاپ قالغان بولسا، باش سۈيى پەردىسىنى يېرىپ تۇغدۇرۇش كېرەك، باش سۈيى يېرىلغاندىن كېيىن، ئەگەر باش سۈيى ئاز ھەم قويۇق، يېپىشقاق بولسا، ئېغىر دەرىجىدە ھامىلە تەرىتىدىن بۇلغىنىش بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشى، تۇغۇتنىڭ قىسقا ۋاقىتتا تاماملىنالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدە غەيرىيلىك بولسا، بالىياتقۇنى يېرىپ ھامىلىنى ئېلىۋېتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھامىلىدار ئايالنىڭ ئۆزى تۇغقانغا قارىغاندا، ھامىلىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.


    ...
  • ھامىلىدار ئاياللار گىلاس يېسە بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 841 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدار ئاياللار گىلاس يېسە بولامدۇ؟
    گىلاسنىڭ تۆمۈر مىقدارى مېۋىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، كۆپ يەپ بەرگەندە قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ سىنتېزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. گىلاسنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ، ئاشقازان، تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، سوغۇق ۋە نەملىكنى ھەيدەپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، جاسارەتنى ئۇرغۇتىدۇ. ئىشتىھا ناچارلىشىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، رىماتېزىم قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 
    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
    گىلاسنىڭ ئۇرۇقى تەركىبىدە سىئانوگلىكوزىد بار بولۇپ، گىدرولىزلىنىپ گىردو سىيانىد كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدۇ، زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. دائىم گىلاس يەپ بەرگەندە چاچقا پايدىلىق بولۇپ، 80 گرام گىلاسنى يۇيۇپ ئۇرۇق...
  • ئون ئايلىق ھامىلىنىڭ تەۋرەش بىلىملىرىدىن خۇلاسە

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 655 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئون ئايلىق ھامىلىنىڭ تەۋرەش بىلىملىرىدىن خۇلاسە
    ھامىلدار بولۇپ ئون ئاي بولغاندا، ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ تىپتىكى تەۋرەش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. ناۋادا ھامىلە بارمىقىنى شوراۋاتقان بولسا، تۇيۇقسىز بارمىقىنى تاپالماي قالغاندا، باش قىسمىنى بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە بۇراپ، بارمىقىنى ئىزدەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
    ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىككى ھەپتىسىدە، ھامىلىنىڭ تەۋرىشى سەل ئاستىلايدۇ، يېتىلىش سۈرئىتىمۇ ئاستىلايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
    شۇ ئېسڭىزدە بولسۇنكى، ھامىلىنىڭ تەۋرىشى ئېنىق بولغان مەزگىلدىمۇ دائىم تەۋرەپ تۇرۇشى ناتايىن، چۈنكى ھامىلىمۇ ئارام ئالىدۇ، ئۇخلايدۇ. بەزىدە ھامىلە بىر نەچچە سائەت جىمجىت ياتالايدۇ.
    ...
جەمئىي 18 بەت/886پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 كېيىنكى بەت