ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدە - دىكى يازمىلار
  • نىكاھ مۇناسىۋېتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچلار

    ۋاقتى: 2016-01-30 ئاۋاتلىقى: 2272 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    نىكاھ مۇناسىۋېتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچلار
    ئىككى ياش يېڭى نىكاھ تۇرمۇشىنى باشلىغاندا بېشنىڭ باش، ئايىغىنىڭ تاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، قىسمەن ئەر-خوتۇنلار ھەقىقەتەنمۇ ئارزۇسى بويىچە بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم ئەر-خوتۇنلار كېلىشەلمەي، نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچ بولىدۇ، مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپلا كەتسە، نىكاھى مۇستەھكەملىنىدۇ.
    1. توي قىلغان تۇنجى يىلى. قىز -يىگىت تويدىن كېيىن ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئېلىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە كۆنەلمەي بىئارام بولىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈپ پۇشايمانمۇ قىلىدۇ. خوتۇنى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قىسمەن ئەرلەر تالاغا قاراپ قالىدۇ، مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى نىكاھ بۇزۇلىدۇ.
    ...
  • ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى

    ۋاقتى: 2016-01-01 ئاۋاتلىقى: 1345 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى
    نۆۋەتتە تېلىۋىزور ۋە رادىئولاردا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ھەققىدىكى ئېلان تەشۋىقات شامىلى خېلىلا ئەۋج ئېلىپ قالدى.ئېلاننى كۆرگەن، ئاڭلىغان كىشىگە بۇ ئىش تولىمۇ ئاددى ھەم غەم-قايغۇسىز ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش راستلا شۇنداق ئاسان، غەم قايغۇسىز،ھىچقانداق خىيىم-خەتىرى ھەم زىيىنى يوق ئىشمۇ؟ ئەمىلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇنداقتا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زادى قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار كۆرۈپ باقايلى:
    1. سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئەگەشمە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:-يەنى ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش داۋامىدا جىنسىي يول ياكى بالىياتقۇ بوينىدىكى مېكروبلار بالىياتقۇغا كىرىپ كېتىپ، بالىياتقۇ ئىچىنى ياللۇغلاندۇرىشى مۈمكىن؛بۇنىڭدىن باشقا يەنە دوختۇرنىڭ تەجرىبىسى كەمچىل بولۇش ياكى مەشغۇلاتتا ك...
  • [بىلگەجان] تەبىئىي تۇغۇتمۇ ياكى ئوپراتسىيەمۇ؟

    ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 2789 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تەبىئىي تۇغۇتمۇ ياكى ئوپراتسىيەمۇ؟ تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە
    تۇغۇت - ئانا ۋە بالا ھاياتىدىكى ئەڭ مۆجىزىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم بىر ئىش چۈنكى تۇغۇت ئارقىلىق ئانىنىڭ بەدىنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇنلىغان فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئاياقلاشتۇرۇپ، نورمال فىزىئولوگىيلىك ھالەتكە قايتىدۇ؛ پەقەت تۇغۇت جەريانىدىلا يۈز بېرىدىغان ئالاھىدە ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئانىنىڭ فىزىئولوگىيىسىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن مېڭىسى، پىسخىكىسىىمۇ مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىدۇ؛ بالىغا نىسبەتەن تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشى ياكى قالالماسلىقى، ھاياتىنى ساقلاپ...
  • بىيو-خىمىيەلىك سۇنى قانداق ئىچىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 796 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بىيو-خىمىيەلىك سۇنى ئېچىش كېرەكمۇ كېرەك ئەمەسمۇ؟ تۇغۇتلۇق ئاياللار دائىم بۇ مەسىلىنى سورايدۇ. بىيو-خىمىيەلىك سۇ بولسا قاننىڭ ئۇيۇپ قىلىشنى توسىدىغان جۇڭيى تېبابىتى دورىسى. ئەمەلىيەتتە، بىيو-خىمىيەلىك سۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى تارايغان قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، كۆپ مىقداردا قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قورساقنى يېرىپ بالا ئالدۇرغان تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن تۇيۇقسىز كۆپ مىقداردا قان چىقىپ جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپارغاندا سەۋەبىنىڭ كۆپ مىقداردا بىيو-خىمىيەلىك سۇ ئىچكەنلىكىدىن ئىكەنلىكى بايقالغان. شۇڭا ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. ئۆزىدىن گۇمان قىلىدىغانلار جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت ئالسا بولىدۇ. ئۆزى تۇغقان تۇغۇتلۇق ئاياللار دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، پەقەت ئۈچ قاپ  ئەتراپىدا ئىچسىلا بولىدۇ.
    ...
  • ئېغىزلاندۇرۇش

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 889 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئېغىزلاندۇرۇش دېگىنىمىز. چاينالغان نەرسىنى بوۋاقنىڭ ئاغزىغا سېلىپ ئاغزىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر. بوۋاق شۇ نەرسىنى يۇتقىچە ئۇنى ئوڭ-سولغا ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ھېكمىتى شۇكى، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تىل ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈچلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانىسىنى ئېمىشتە قىينالماي ياخشى ئېمەلەيدۇ. (ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇق، «99 ئىسىمنىڭ ئىزاھاتى»، 112-بەت).  خەلقىمىز بالىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى، خەلقىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدە، بالىنى قانداق كىشى ئېغىزلاندۇرغان بولسا، شۇ كىشىنىڭ خۇيىنى ئېلىپ قالىدۇ، دەيدىغان ئەقىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا ئۆز جەمەتىدىن بىلىمدە كامالەت تاپقان، تەقۋادار، ئادالىتى كۈچلۈك، يۇرت ئىچىدە ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن بىرىنى تاللاپ، بالىسىنى ئېغىزلاندۇرۇپ بېرىش...
  • ئېمىتىش ئاددىي ساۋاتلىرى

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 821 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    1. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان  ئېھتىياجىنىڭ قانغانلىقىنىڭ بەلگىسى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنى بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈك لاتىسىدىن بىرنى كۆپەيتىش كېرەك. مەسىلەن، بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۈچىنچى كۈنى 3- 4 سۈيدۈك لاتىسى قويۇش كېرەك، 24 سائەت ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 2 قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدۇ، 6-كۈنى 6-8 سۈيدۈك لاتىسى ئىشلىتىش، 24 سائەت ئىچىدە 4-6 قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئانا سۈتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك  بولغان بولىدۇ.


    2. بەزىدە قەھۋە ئىچىپ قويۇشنىڭ بوۋاققا تەسىرى بولمايدۇ. قەھۋەنى بوۋاقنى ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىچىش كېرەك،  يەنى كېلەر قېتىم ئېمىتكىچە قەھۋە ئاللىقاچان سۈمۈرۈلۈپ بولغان بولىدۇ.
    3. ئىشقا چۈشۈشتىن 3-4 ھەپتە ئىلگىرى چوقۇم كالا سۈتى ئىچكۈزۈش، بوۋاق ئېمىپ بولغاندىن 45 مىنۇت كېيىن يەنە سۈت ئىچكۈزۈش كېرەك....

  • ئەرلەر ئۇرۇق نەيچىسىنى بوغۇش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ تەسىرى

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 787 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئۇرۇق نەيچىسىنى بوغۇۋېتىش ئەرلىك ئىقتىدارىغا ۋە بىللە بولغان چاغدىكى ئىسپىرما ئېتىپ چىقىرىش ئەھۋالىغا تەسىرى بولامدۇ-يوق ؟  ئەمەلىيەتتە كىلىنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ ئەرلىك ئىقتىدار، مۇناسىۋەت سۈپىتىگە تەسىر قىلمايدۇ، شۇغىنىسى بىللە بولغان چاغدىكى چىقارغان ئىسپېرمىدا ئۇرۇق بولمايدۇ –خالاس.  چۈنكى ئەرلىك ھورمۇنى بولسا  ئىچكى ئۇرۇقدان ئاجرالمىسى بولۇپ، قان ئارقىلىق توشۇلىدۇ، ئىسپېرما نەيچىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز،  ئەرلىك ئىقتىدارىغا دەخلىسى بولمايدۇ.  
    ئەرلىكنى بوغۇپ قويۇشنىڭمۇ زىيانلىق تەرىپى بار بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ياخشى ئويلىنىش تەكلىپىنى بېرىدۇ،  چۈنكى ئەرلىكنى بوغۇپ قويۇپ، مەلۇم ۋاقىتتىنى كېيىن قايتا ئېچىپ بالىلىق بولماقچى بولسا، ئېسپېرما توشۇش نەيچىسىنىڭ مىكروسكوپىك ئوپېراتسىيەسى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ،...
  • بالىنى ئىككى يىل ئېمىتىش(2)(تەۋسىيە)

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 694 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بالىنى ئىككى يىل ئېمىتىش(2)
    ئېرىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ بالىنى ئېمىتىش مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرز قىلغان. ئۇنى ھەرگىز ئائىلە بۇزۇلغان ھامان بۇزۇلىدىغان ۋە پەرۋاسىز قارىلىدىغان بىر ئىش قاتارىدا قويمىدى. شۇنداقلا ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئەرنىڭ بالىسىنى ئېمىتىپ بېرىۋاتقان ئايالىغا، گەرچە ئۇ بالا ئاتىنىڭ ئۆز بالىسى بولغان تەقدىرىمۇ ئۇنىڭ ئېمىتىش ھەققىنى بېرىشنى پەرز قىلدى. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيۈنگەندىنمۇ بەكرەك كۆيۈنگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا ئانىغا بالىسىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشنى پەرز قىلدى. چۈنكى بۇ مۇددەت بالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئوزۇقلىنىشىدا ئانا سۈتىگە ئەڭ موھتاج ۋاقتىدۇر. بۈگۈنكى تېببىي تەتقىقاتلارمۇ بۇ ئىككى يىلنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش بالا ئۈچۈن ئەڭ زۆ...

  • ئۆزى تۇغقان ۋاقىتتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 791 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئۆزى تۇغقان ۋاقىتتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
    ئەگەر سىرتتىن ھامىلە ئورنىنى ئايلاندۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغاندا ياكى ھامىلدار ئايالغا قوللىنىشقا ماس كەلمىسە، جىنسىي يولى ئارقىلىق تۇغۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا چۇقۇم لازىر نۇر ئارقىلىق ياكى كومپىيۇتىر ئارقىلىق تەسۋىر بېرىپ دىئاگنوز قويغاندا داس بوشلۇقىنىڭ ئۆتەلەيدىغان ياكى ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ھەم بىرلا ۋاقىتتا بوۋاق ئېغىرلىقىنىڭ 2500 /3000 گىرام ئەتراپىدا بولغاندا تۇغۇت ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە ساغرا قىسمى باش قىسمىدىن كىچىك بولىدۇ. شۇڭا ساغرا قىسمىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى  تېز بولۇشى مۇمكىن، بىراق باش قىسمىنىمۇ ئاسان چىقىدۇ دېيىشكە بولمايدۇ، بەلكى بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ خەۋپى بار دەپ قارىلىدۇ، تۇغۇت يارىسى بولۇپ قېلىش ياكى باش قىسمىنىڭ چىقماي قېلىش خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن...
  • تۇغۇت ۋاقتىدىكى تازىلىق ئۆلچىمى

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 684 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كۆپلىگەن ئانىلار بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا تۇغۇت ۋاقتىدىكى   تازىلىق مەسىلىسىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئەجەبا راستتىنلا كونىلار ئېيتقاندەك ئاشۇنداق بىر ئاي توشقىچە چېچىنى يۇيالمامدۇ ھەم يۇيۇنالمامدۇ؟  تازىلىقنى سۆيىدىغان ياش ئانىلار قانداق بەرداشلىق بېرىدۇ؟ تۇغۇت ۋاقتى ئىچىدە زادى ئادەتتىكىگە ئوخشاش شەخسى تازىلىق قىلالمامدۇ؟!  تازىلىقنى باشتىن باشلاش كېرەك تۇغۇش جەريانىدا تۇغۇتلۇق ئايالدىن كۆپ مىقداردا تەر چىقىدۇ، تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن تەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، يېڭى ئانا بولغۇچىنىڭ باش تېرىسى ۋە چېچى ئىنتايىن مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر كونىلارنىڭ قائىدىسى بويىچە بېشىنى يۇيمايدىغان بولسا، سېسىق پۇراپلا قالماستىن  يەنە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ چاچنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، ئۈزۈۋېتىدۇ ياكى يېرىۋېتىدۇ.  تۇغۇت ئىچىدىكى ئاياللارغا ئەسكەرتىش: 1.چېچىنى يۇيغان ۋاقىتتا...
  • جىنسىي تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەر

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 931 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    ئەر-ئاياللارنىڭ بىرگە بولۇشى مۇۋاپىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن سالامەتلىككە، ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتقا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك:
    1. مەست بولۇپ قالغاندا جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. (بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە ئەڭ ئاۋۋال ھاراق چەكلەنگەن، ئاندىن بۇنداق مەست ھالەتتە بىللە بولۇپ ئايالى ھامىلىدار بولسا تېخىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ) ھازىرقى زامان تېبابەت ئىلىمىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەر ئايال ھامىلىدار بولۇپ قالسا ئۇرۇقنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، بالا غەيرىي ياكى دەلتە تۇغۇلۇپ قالىدۇ.


    2. چارچاپ كەتكەندە جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق كېرەك. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن بىر كۈنلۈك ئېغىر ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكتىن كېيىن ئوبدان ئارام ئېلىشى كېرەك.چارچاپ كەتكىنىگە قارىماي جىنسىي...

  • ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار(1)

    ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 930 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0


          ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەندىن باشقا، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش ئەندىزىسىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. تۆۋەندە مەن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
    تېرىگە ئېلىش ئۇسۇلى
         ئاياللار تۇغۇت جەريانىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇدا خۇن توختاپ قېلىش، ئومۇرتقىلىرى ئاجراش، زەخىملىنىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن دورا ئىچىشتىن باشقا تېرىگە ئېلىپ داۋالىغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
         تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، نېرۋىنى روھلاندۇرۇش، بەدەننى جانلاندۇرۇش، ئاغ...

  • ئانا سۈتىنىڭ ئورنىدىكى مەھسۇلاتلار ھەققىدە يېڭى خەۋەر

    ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 746 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئانا سۈتىنىڭ ئورنىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىش، سېتىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:


    بوۋاقلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن ئانا سۈتى ئورنىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە سېتىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بوۋاقلارغا تەييارلانغان يېمەكلىكلەر-ئانا سۈتى ئورنىدىكى مۇھىم مەھسۇلاتلار. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بوۋاقلارغا تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ماركا، بەلگىلىرىنى كۈندىلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەي...

  • مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئوبرازى

    ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 683 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئىسلام ئۆز ئىتقاتچىلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك، ھەيئەت، بەدەن تازىلىقى ۋە بارلىق ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ ھەر دائىم چاقناپ تۇرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرۈنىشىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۆزى ئىتقاد قىلغان دىننىڭ ۋە ئۆزى بەرپا قىلغان ئىماننىڭ گۈزەل ئىكەنلىكگە دەلىل بولىدۇ. ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن قايىتپ كەلگەن بۇرادەرلىرىگە-سىلەر قىرىنداشلىرىڭلارنىڭ يىنىغا كىرگىلىۋاتىسىلەر، ئىنسانلار ئارىسىدا پارلاپ تۇرغان شام بولۇشىڭلار ئۈچۈن ،يۈك-تاقىلىرىڭلارنى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ كىرىڭلار، ئاللا كۆرۈمسىز قىياپەت ۋە رەتسىز كىيىم-كېچەكنى يامان كۆرىدۇ.-دېدى› ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. 


    ئىسلام ناچار قىياپەت، سەسكىنىشلىك ھالەتنى، كۆرۈنىشىگە بىپەرۋالىق قىلىشنى...
  • تۇغۇتتىن كېيىنكى چېچەك

    ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 743 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تۇغۇتتىن كېيىنكى چېچەك
    تۇغۇتتىن كېيىنكى چېچەكنىڭ كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى:

    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سېرىق تەن ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىدۇ، ھەمدە بالىغا قاراپ ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان يېڭى ئانا بولغۇچىلارنىڭ يۈزىگە بالاغەتكە يېتىش مودۇرى ئۆسۈپ چىقىدۇ.


    جۇڭيى تېبابىتىدە، ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىنكى  چېچەكنى ئېچكى ئاجراتمىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن سىرت يەنە روھى بېسىم، بولۇپمۇ ئۇيقۇنىڭ تەسىرگە ئۇچىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىرىقى ئېچىدە كۆپ مىقداردىكى تولۇقلىمىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىيالمىغانلىق سەۋەبىمۇ بار.
    تۇغۇتتىن كېيىنكى مودۇرنى يوقىتىش ئۇسۇل...
  • قىرقى ئىچىدىكى تاماق رىسالىسى

    ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 1021 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    قىرقى ئىچىدىكى تاماق رىسالىسى
    تۆت خۇرۇچ  چىلان شورپىسى. قىرقى ئىچىدە ئادەتتە توخۇ گۆشى ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ. ئۇنداقتا مېكيان گۆشى ياخشىمۇ خوراز گۆشىمۇ ؟ مېنىڭ تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا خوراز گۆشى ياخشى. چۈنكى مېكيان گۆشى بەك مايلىق  ئۇنى يەپ بالا ئېمىتكەندە بالىنىڭ ئىچىنى سۈردۈرىۋېتىدۇ. قىرقى ئىچىدىكى شورپا سۈيىگە ئادەتتىكى سۇنى ئىشلەتمەي قىرقا سۈيىنى ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى تۇغۇتلۇق ئايال تۇغۇتتىن كىيىن نۇرغۇن سۇ چىقىرىدۇ، بۇ سۇنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى چۆچىتىدۇ. مەن 8 كۈن ياتاقتا يېتىش جەريانىدا كۈندە تەرلەپ پۈتۈن بەدىنىم چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ھەتتا يەتتە سەككىز لۈڭگىمۇ يېتىشمەيتتى. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە كېرەكسىز سۇنىڭ چىقىپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئاسانلا سۇلۇق ئىشىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    تۇغۇتلۇق ئايال داۋاملىق سۇ چىقارغاچقا شۇن...
  • ئانا سۈتى ئېمىتىشنىڭ تېخنىكىسى

    ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 798 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
       1- ئانا سۈتىنى قانچە بالدۇر ئېمىتسە شۇنچە ياخشى.  سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بولسا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش رېفلېكىسى بىلەن سۈت ئېتىپ چىقىرىش رېفلىكىسىنىڭ ئورتاق تەسىرى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ، يېڭى ئانىلار بالدۇرراق بوۋاقنى ئەمدۈرۈپ، ئەمچەك ھالقىسىدىكى نېرىپلارنى غىدىقلاپ، ھىپوفىزنىڭ سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى غىدىقلاپ، سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. تۇغۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىنلا بالىنى ئېمىتىشكە بولىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۈزلۈكسىز شورىشى يېتەرلىك  ئوغۇز سۈتىنى سۈمۈرۈپلا قالماستىن يەنە سۈتنى كۆپەيتىدۇ.
    ئېھتىياجغا قاراپ ئېمىتىش كېرەك. بىرىنچى ھەپتىسى بوۋاق ئاز ئوزۇقلىنىشى كېرەك، بۇ ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ سۈت ئېمىشكە ئاستا-ئاستا ماسلىشىشىغا پايدىلىق. ئىككىنچى ھەپتىسى ياكى ئۈچىنچى ھ...
  • ھامىلە بالدۇر تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالاھىدە مۇلازىمەت

    ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 852 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلە بالدۇر تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالاھىدە مۇلازىمەت 
    ھامىلدارلار مەكتىپى. ھامىلدارلار مەكتىپى بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان  تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ساغلاملىقنى ساقلاش، ئوزۇقلۇق، ھامىلە مەزگىلى بالا تەربىيەسى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ نۇرغۇن دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ھەتتا بوۋا، موما بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشغا ئېرىشىۋاتقان لېكسىيە. لېكسىيە ئارقىلىق ھامىلدارلىق جەريانىدا ھەرقايسى ئەزا سىستېما، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈلىدىغان  ئۆزگىرىش، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ھەم ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، ئانا-بالا بىر ئۆيدە تۇرۇش قاتارلىق  ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىك، ئاتا-ئانىلارنىڭ يەڭگىللەپ سەپكە ئاتلىنىشى، ھاجەتسىز بولغان غەم-ئەندىشە ۋە تەشۋىشلى...
  • پەقەت سىزلا ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىيەت مۇتەخەسسىسى

    ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 877 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    بىز بۇ يەردە نېمىشقا "مۇتەخەسسىس" دېگەن سۆزنى قوش تىرناق ئىچىگە ئالدۇق؟ چۈنكى، ئەمەلىيەتتە، سىزگە ھەقىقى تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇتەخەسسىس ئىككىلا: يەنى سىز ۋە سىزنىڭ ھەمراھىڭىز. سىلەرنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان مۇھەببىتىڭلار، توختاۋسىز سىلاپ-تۇتۇشۇڭلار ھەمدە ئىككىڭلارنىڭ ئىنكاسىدىن سىرت، "مۇتەخەسسىس"لەرنىڭ ھەرقانداق تەكلىپى سىزگە ئۆزىڭىز بىلەن ھەمراھىڭىز قانداق قىلىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە لەززەتلەندۈرۈشنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئۆزىڭىزگە بىرەر پىشكەللىك تېپىۋالماسلىق ئۈچۈن "مۇتەخەسسىس" لەرنىڭ تەكلىپلىرى، گېزىت-ژۇرنالاردىكى مەخسۇس ماقالىلەر ياكى مەزكۇز كىتابتەك قوللانمىلارغا ھەرگىز ئالدىراپ ئۆزىڭىزنى ئۇرماڭ. دەرۋەقە سىز بۇ ئۇچۇرلاردىن بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز، ئەمما ئۇلاردا راست-يالغان ئارىلىشىپ كەتكەن، ھەتتا تولىسى يالغان. 20-ئەسىردىكى ھەربىر جىنسىيەت مۇتەخەسسىسى-فرېئۇد، كىنسېل، ماستېر ۋە جو...
  • ئورۇق ئاياللارنىڭ قىرقى تائاملىرى رىسالى-كۇلى بېھسى قۇۋرۇغا شورپىسى

    ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 741 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كۇلى بېھىسى قوۋۇرغا شورپىسى:
    ئېتىش ئۇسۇلى : 1. قوۋۇرغا پارچىسىنى كىچىك-كىچىك پارچىلىۋېلىپ، قايناق سۇغا سېلىپ بىردەم تۇرغۇزىمىز. 2. كۇلى بېھىسىنىمۇ كىچىك-كىچىك توغراپ تەييارلىۋالىمىز. 3. سۇ قاينىغاندىن كېيىن، قوۋۇرغا پارچىلىرىنى، بېھى پارچىلىرىنى، يۇمران زەنجىۋىل، تۇز قاتارلىقلارنى سېلىپ ،يۇقىرى ئوتتا سۇنى قايناتقاندىن كېيىن سۇس ئوتتا 25 مىنۇت تۇرغۇزىمىز. ئۈستىگە پىياز سېپىۋېتىپ ئۇسساقلا بولىدۇ. ئەسلى ماتېرىيالى: قوۋۇرغا 350 گرام، يېڭى كۇلى بېھىسى 300 گرام خۇرۇچلار: تۇز، يۇمران زەنجىۋىل، پىياز؛  ئالاھىدىلىكى: يېڭى كۇلى بېھىسى بولسا بىرخىل يۇقىرى تالالىق يېمەكلىك بولۇپ، ھەم سۈت ئاجرىلىپ چىقىرىشنى تېزلىتىدۇ، ھەم قوۋۇرغا سۆڭىكى تەركىبىدە كالىتسىي، تۆمۈر، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلار مول بولۇپ،بۇ ھەقىقەتەن تۇغۇتتىن كېيىنكىلەرگە كۆپ پايدىلىق تائام ھېسابلىنىدۇ.
    ...
  • نېمە ئۈچۈن قورساقنى يېرىپ بالا ئالغاندا چىللە خۇنى ئاز بولىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 816 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھامىلىدار بولغاندا بالا ھەمراھى 20×20 سانتىمېتىر كېلىدىغان پىسا (پىسا قاتلىمىسى)غا ئوخشاش بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، بالا تۇغۇلۇپ تەخمىنەن5 مىنۇتتىن كېيىن بالا ھەمرىيىمۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىن ئاجرايدۇ، ئارقىدىنلا ھەممىسى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. ئۆزى تۇغقان ئاياللاردا، بالا تۇغۇلۇپ، بالا ھەمرىيى ئاجرىغاندىن كېيىن جىنسىي يول، بالىياتقۇ بوينىدىن ئېقىپ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كىرىپ، قېپقالغان بالىياتقۇ ھەمراھى توقۇلمىلىرى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قاسراقچىلىرىدىن ئۆزگەرگەن توقۇلمىلارنى تازىلايدۇ، قورساقنى يېرىپ بالا ئالغاندا دوختۇر، بالا تۇغۇلۇپ بالا ھەمرىيى ئاجرالغاندىن كېيىن، داكا بىلەن قېپقالغان بالىياتقۇ ھەمرىيى توقۇلمىلىرى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە توقۇلمىلارنى تازىلايدۇ، شۇڭا قورساقنى يېرىپ بالا ئالغاندا چىقىدىغان چىللە خۇنى ئۆزى تۇغقانغا قارىغاندا ئاز بولىدۇ. ئ...
  • قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى تۇغۇتلۇق ئايال بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

    ۋاقتى: 2015-08-28 ئاۋاتلىقى: 883 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى تۇغۇتلۇق ئايال بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
    ئون ئايلىق جاپا-مۇشەققەت، ئون ئايلىق كۈتۈش، بوۋاق ئاخىرى دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇنداقتا قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى ئايال نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
    قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى ئايالغا نىسبەتەن ئۆينى پاكىزە، نەم-خۇش ھەم ئسسىق تۇتۇش ناھايتى مۇھىم. ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى20℃~25℃ بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەمما تىمپېراتۇرنىڭ بىردەم يۇقىرى بىردەم تۆۋەن بولۇشىدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. ئادەتتە جەنۇب تەرەپلەردە پار يوق بولغاچقا ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى توك پارۋاي ئارقىلىق ئۆي ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشىسە بولىدۇ. ئەمما ھاۋاسى قۇرغاق شىمال تەرەپكە نىسبەتەن ئۆينىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكى 55% ~65% بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.
    بەك تار كىيىم كىيمەسلىك
  • بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى

    ۋاقتى: 2015-08-24 ئاۋاتلىقى: 1317 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    1. دورا ۋە ئىسپىرت. دورا ۋە ئىسپىرت قانغا ئۆتكەندىن كېيىن، سۈت بىلەن بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ئۆتىدۇ. شۇڭا دورا ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. 2. ئاچچىق يېمەكلىكلەر ۋە قەھۋە. ئاپېلسىن، پىياز، سامساق ۋە باشقا ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ئۇلار بوۋاقتا ئىچ سۈرۈش ياكى قورساق ئېسىلىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئانا بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، سۈتنىڭ تەمى ۋە كىسلاتالىق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەگەر بىرەر خىل يېمەكلىك بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىدا بىئاراملىق پەيدا قىلغانلىقى بايقالسا، شۇنى يېمەسلىك كېرەك. 3. ياغلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: ياغدا قورۇلغان بەرەنگە، شېكەر، تورت قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمەسلىك كېرەك. 
    ...
  • تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلى بېرىش

    ۋاقتى: 2015-08-23 ئاۋاتلىقى: 681 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    1. نورمال تۇغۇت ياكى يەتتە ئايلىقتىن ئېشىپ بالا چۈشۈپ كەتكەن بولسا ئالدىنقى يىلدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ %25 بويىچە ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك.
    2. تۇغۇتى تەس بولغان،  قوش كېزەك تۇغقان بولسا ئالدىنقى يىلدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ %50 بويىچە ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك.

     

    تولۇقلىما ياردەم پۇل بېرىش
    بىرىنچى،  ئىككىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا يەڭگىگەن بولسا ھەر بىرىگە 300 يۈەندىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك.
     

    ...
  • چوقۇم سۈنئىي سۈت ئېمىتىش زۆرۈر بولىدىغان ئەھۋاللار(3)

    ۋاقتى: 2015-08-22 ئاۋاتلىقى: 804 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

       روھى كېسەللىكلەر
    ئانا ئېغىر روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولغاندا، مەسىلەن تۇتقاقلىق. ئانا ئۇزۇن ۋاقىت تۇتقاقلىققا قارشى دورا ئستېمال قىلغاچقا ، بالىغا مەلۇم تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن بالىنىڭ شوراش كۈچى ئاجىز بولۇش، ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولۇش، كۆپ مۈگىدەش، قۇسۇش قاتارلىق. تۇتقاقلىق قوزغالغان ۋاقىتتا يەنە بالىغا زەخمە يەتكۈزۈپ ، ئۇشتۇمتۇت ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشكە بولمايدۇ.
       يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسلى
    ئانا خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىشى ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ھورمون تۈرىدىكى دورىلارنى يېيىشكە ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا بالا ئېمىتىشكە بولمايدۇ.


      باشقا سەۋەبلەر
    ئانا سۈتى يېتىشمەسلىك ياكى ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك. ئانا خىزمەت، چەتئەلگ...

  • كۆز قىسىمىدىكى كىچىك قورۇقلار

    ۋاقتى: 2015-08-20 ئاۋاتلىقى: 771 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كۆز قىسىمىدىكى كىچىك قورۇقلار
    كۆز قىسىمىدىكى كىچىك قورۇقلارنىڭ سەۋەبى:
    يۈز قىسىمىدىكى مۇسكۇللار ئىچىدە كۆزنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار ئەڭ نېپىز. بۇ مۇسكۇللارنىڭ تېرە بېزى، تەر بېزى يوق، ئىنتايىن نېپىز، يۈز قىسىمىدىكى باشقا مۇسكۇللار قېلىنلىقىنىڭ 5/3-5/1گە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا كۆزنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى موسكۇللارنىڭ قوغداش ئىقتىدارى ئاجىز، تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى ئاسان پارلىنىپ كېتىدۇ. سۇ قوغداش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تېخىمۇ ئاسان قورۇق پەيدا قىلىدۇ.
    يۈز قىسىمىدىكى قورۇقنى سۇسلىتىش تەكلىپى:
    1. ئەلا سۇپەتلىك كۆز مەلھىمىنى تاللاش 2. كۆز مەلھىمىنى ئىشلەتكەندە ھەرىكەت سىلىق بولۇش كېرەك. ئاستا ئۇۋۇلاپ، كۆز مەلھىمىنى تې...
  • ئانا سۈتىنى سېغىش ماھارىتى

    ۋاقتى: 2015-08-20 ئاۋاتلىقى: 884 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0


    سۈت سېغىش سىگنالى: يېڭى ئانا بولغانلارنىڭ كۆكسى بەك چىڭىپ بالىنىڭ سۈمۈرۈشىگە تەسىر قىلغان ۋاقىتتا، بىر ئاز سۈتنى سىقىپ چىقىرىۋىتىپ، ئەمچەك ھالقىسىنى بوشىتىپ، بالىنىڭ ئەمچەك ھالقىسىغا توغرا يېتەلىشىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىش. يېڭى ئانا بولغانلار ئەمچەك توپچىسى ئاغرىپ ۋاقتىنچە ئېمىتىشكە ئامال بولمىغاندا، ئانا سۈتىنى سېغىپ چىقىرىش، بۇنداق بولغاندا ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، ھەمدە بوۋاقنىڭ ئوزۇقلىقىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. بوۋاق ئەمدىلا تۇغۇلغاندا سۈمۈرۈش كۈچى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئەگەر ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولسا بالغا سۈتنى سېغىپ ئىچكۈزۈش كېرەك. بالىنىڭ ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن بولغاندا، ئاي كۈنى توشماي تۇغۇلغان بوۋاقلار، ياكى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولىمغان بوۋاقلارغا...

  • كالتسىي تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم

    ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 782 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كالتسىي تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم
    جۇڭگو ئوزۇقشۇناسلىرى شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى،  سۈت ئانىسىنىڭ كۈندىلىك كالتسىي قوبۇل قىلىش مىقدارى mg1200بولسا مۇۋاپىق.  يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش بولسا ئەڭ بىخەتەر ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلدۇر.  كۈنجۈت مەلھىمى،  پالەك،  كۈدە،  چاكا مۇخ،  ھايۋان جىگىرى،  بېلىق ۋە  سۆڭەك شورپىسى،  سۈت قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كالتسىي يۇقىرى بولۇپ ئادەتتە بۇلار بىلەن ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.   
    بۇندىن باشقا تۇغۇتتىن كېيىن يۇقىرى كالتسىيلىق تۇغۇتلۇق ئاياللار سۈت پاراشوكىنى ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.  ھاۋاسى ئىسسىق جايلاردا،  چۈش ياكى چۈشتىن كېيىن دېرىزىنى مۇۋاپىق ئېچىپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرسە ياخشى. 
    كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. 
    بەدەن ۋە پىس...
  • قىشتا تۇغىدىغان ئاياللارنىڭ تەييارلىقى

    ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 714 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئادەتتە تۆتىنچى، بەشىنچى ئايلار تۇغۇشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن ئانىلار قىش پەسلىدە تۇغۇشتىن، بولۇپمۇ قىش پەسلىدىكى يۇقۇملۇق زۇكام، قاتتىق سوغۇق ۋە تۈرلۈك كېسەللەردىن قورقىدۇ. دېمىسىمۇ، قىش پەسلى ھەقىقەتەن خەتەرلىك: يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى: قىش پەسلى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن، قان تومۇرلار قىسقىراپ، ئىسسىقلىق تارقىتىش ئازىيىدۇ. بۇ يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقتىن، ئانا بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ئوخشاشلا زىيانلىق. شۇڭا ئانا بولغۇچى قىش پەسلىدە قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، شارائىت يار بەرسە ئائىلىدە ھەر كۈنى بىر قېتىم قان بېسىمنى ئۆلچەپ تۇرۇش لازىم. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابېت كېسىلى: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابېت كېسەللىكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، بوۋا...
  • چوقۇم سۈنئىي سۈت ئېمىتىش زۆرۈر بولىدىغان ئەھۋاللار(2)

    ۋاقتى: 2015-08-17 ئاۋاتلىقى: 796 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئانا-بالا يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى
    ئانا ھەرىكەتچان ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز كېسىلى ياكى چوڭ ھۈجەيرە ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا، ۋىرۇس ئانا سۈتى ئارقىلىق بوۋاقنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى چەكلەش، سۈنئي ئۇسۇلدا ئېمىتىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك.


       مېتابولىزم كېسەللىكلىرى
    ئانا قالقان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش ياكى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، دورا ئىشلىتىۋاتقان ياكى بىر ئۆمۈر دورا يېيىشكە توغرا كەلگەندە، بالىنىڭ قالقانسىمان بېزىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشكە بولمايدۇ. ئانا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتىشكە بولمايدۇ، قايسى ۋاقىتتا ئېمىتىشكە بولىدىغانلىقنى دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بېكىتىش كېرە...

  • ئورۇق ئاياللارنىڭ قىرقى تائاملىرى(2)

    ۋاقتى: 2015-08-16 ئاۋاتلىقى: 799 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    موگو تۇرۇپ شورپىسى ماتېرىيالى: قىشلىق موگۇ، كۆك پۇرچاق مايسىسى 25 گرام، ئاق تۇرۇپ 500 گرام، زەنجىۋىل بىر پارچە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. ئېتىش ئۇسۇلى: ئاق تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، ئاقلاپ، ئۇششاق توغراپ، قىشلىق موگۇنى بىر قانچە پارچە قىلىپ بۆلۈپ، زەنجىۋىلنىمۇ ئۇششاق قىلىپ، قازانغا سېلىپ، سۇس ئوتتا تۇرۇپ پىششىق پىشقۇچە قاينىتىمىز، ئاندىن مۇۋاپىق تۇز قوشۇپ ئىستېمال قىلسىلا بولىدۇ.
    كۆرسەتمە: بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ئەكسىچە، تۇغۇتتىن كېيىنكى تاماق بەك قۇۋۋەتلىك بولۇپ، قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيەسى بەك يۇقىرى بولىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن ھەرىكەت ئازلىغانلىقتىن، بۇ كۆپ مىقداردىكى ئېنېرگىيە ماي بولۇپ يىغىلىپ، تېرە ئاستى ۋە ھەر قايسى توقۇلمىلاردا ساقلىنىدۇ. شۇڭا، تۇغۇتلۇق ئاياللار ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ. ئەقىللىق ئانىلار قاند...
  • تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللارنىڭ تازىلىق بۇيۇملىرى

    ۋاقتى: 2015-08-12 ئاۋاتلىقى: 925 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    بوۋاقلار يۇيۇنۇش دېسى 1دانە ــــ ھەر كۈنى بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.  1. يۇيۇنۇش دېسى تورى(洗澡盆浴网)دانە ــــ ئانىنىڭ بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇشىغا قولايلىق. سۇ تېرمومېتىرى 1دانە ـــــ يۇيۇندۇرغاندا سۇ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ. كىچىك سۇلياۋ داس 2دانە ــــ بىرى بوۋاقنىڭ يۈزىنى يۇيۇشقا، يەنە بىرى ساغرىسىنى يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بوۋاقلار مۇنچا لۆڭگىسى 2دانە ــــ بىرى بوۋاقنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈشكە، يەنە بىرى يۇيۇندۇرغاندىن كېيىن ئوراشقا ئىشلىتىلىدۇ. بوۋاقلار يۇيۇنۇش داكىسى 2دانە، يۈز سۈرتۈش داكىسى 3دانە ـــــ داكا يۇمشاق بولۇپ، بوۋاقنىڭ تېرىسىگە ماس كېلىدۇ. بوۋاقلار بەدەن سۈرتكۈچى 1دانە ــــ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدىكى كىرلەرنى پاكىز تازىلاشقا قولايلىق.
    يۇيۇنۇش بويۇملىرى 1يۈرۈش ـــــ يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، بەدەن مېيى، ن...
  • دوۋسۇن سۆڭەك ئايرىلىش ئالامىتى تۇغۇتقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ – يوق ؟

    ۋاقتى: 2015-08-11 ئاۋاتلىقى: 837 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك، بالا بەك چوڭ بولمىسىلا تۇغۇتقا تەسىر يەتمەيدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، بالا بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، قورساق يېرىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش كېرەك. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاياللىق ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى ئازىيىپ، ئاجرالغان دوۋسۇن سۆڭەكلىرى ئەسلىگە كېلىدۇ-دە، ئاغرىق يوقايدۇ. بىراق، تۇغۇت مەزگىلىدە يەنىلا ئاز مېڭىپ، كۆپ يېتىش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.
    ...
  • يېڭى ئانا بولغۇچىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ھەيزى

    ۋاقتى: 2015-08-10 ئاۋاتلىقى: 1008 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    تۇغۇتلۇق ئايال ئەگەر بوۋاقنى ئېمىتمىسە تۇغۇتتىن كېيىن تەخمىنەن ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە ھەيز كۆرىدۇ. تۇنجى قېتىملىق ھەيزنىڭ مىقدارى مۇقىم بولمايدۇ، بەزىلەرنىڭ ئاز، بەزىلەرنىڭ كۆپ بولىدۇ . بوۋىقىنى ئېمىتىدىغان تۇغۇتلۇق ئايال كېچىكىپ ھەيز كۆرۈشى مۇمكىن، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا 18ئايدىن كېيىن ئاندىن كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئېمىتىش، بەدەندىكى سۈت ئاجرىتىش ھورمونىنى ئاشۇرۇپ، تۇخۇم چىقىرىشنى توسىدۇ، شۇڭا ھەيز كۆرمەيدۇ. تەن سالامەتلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، يەنە بالا ئېمىتىشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بەزى ئانا بولغۇچىلاردا ھەيز نورمال بولماسلىق ياكى كېچىكىپمۇ كەلمەسلىك مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى ئالتە ئاي چىللە مەزگىلى دېيىلىدۇ. چىللە ئالدىنقى مەزگىلىدە جىنسىي يولدىن چىللە خۇنى ئاجرىلىپ چىقىدۇ، چىللە خۇنى بولسا ھامىلىدارلىق مەزگىلدە بالىياتقۇ پەردىسىنىڭ قېلىنلىشى ۋە قان تومۇرلارنىڭ كۆپىيىشىدىن ش...
  • تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سۈت چىقىرىشىغا قانداق ياردەم قىلىنىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-08 ئاۋاتلىقى: 924 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئاياللار ئەمچىكىنى يىنىك ئۇۋلاش، سىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمچەكنى غىدىقلاپ تۇرغاندا، تۇغۇتتىن كېيىن سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشقا قولايلىق بولىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن ئانا بالا ئىمكانقەدەر بالدۇر ئۇچرىشىشى كېرەك، بالا توغۇلۇپ 30 مىنۇتتىن كېيىنلا بوۋاققا ئانىنىڭ ھەر ئىككى ئەمچىكىنى 3-5 مىنۇتقىچە ئەمدۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا تۇنجى سۈتنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ كىچىكلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

    ...
  • ئەقىقە قىلىش

    ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1163 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    ئەقىقە دېگەنلىك بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى قوي سويۇپ بوۋاقنى قۇتلۇقلاشتۇر. ئادەتتە ئوغۇل پەرزەنت ئۈچۈن ئىككى قوي ئەقىقە قىلسا ياخشى بولىدۇ، بىر قوي ئەقىقە قىلسىمۇ بولىدۇ. قىزلارغا بىر قوي ئەقىقە قىلىنسىلا بولىدۇ. ئەقىقە قىلىنىدىغان قوي قوچقار بولۇشى، ئاقساق-چولاق بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.  ئەقىقە قىلىش بوۋاقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا كېلىدىغان ھەر خىل ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇپ قىلىشى ئۈچۈن فىدىيە بېرىش بولۇپ، ئىسمائىل ئەلەيھىسىسالامغا كەلگەن ئۆلۈمنى بىر قوچقار قۇربانلىق قىلىش بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەقىقە قىلغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىنىڭ ئەقىقە مۇراسىمىغا چاقىرىپ خوشاللىققا ئۇلارنى شېرىك قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەقىقە گۆشىدىن يېقىنلىرىغا، پېقىرلارغا سەدىقە بېرىش كېرەك....
  • بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئورۇقلاش(2)

    ۋاقتى: 2015-08-05 ئاۋاتلىقى: 922 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئورۇقلاش(2)

     

    سىزگە ماس كېلىدىغان بىر قانچە خىل بەدەن چىنىقتۇرۇش ھەركەتلىرى:

     

    قورساقچە نەپەسلىنىش ھەركىتى:

    مەقسەت: قورساق مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىش.

    ۋاقىت: ئۆزى تۇغقاندىن كېيىن بىرىنجى كۈنى باشلىسا بولىدۇ.

    ئۇسۇل: تۈز يېتىپ، ئېغىزىنى يۇمۇپ، بۇرنىدا نەپەس ئېلىپ قورساق  قىسىمىنى كۆپتۈرۈپ، ئاستا-ئستا نەپەس چىقىرىپ قورساق قىسىمىنى بوشىتىدۇ، قايتا-قايتا 10-5 قېتىم قىلىدۇ.

     

    باش بويۇن ھەركىتى؛

    مەقسەت؛ قورساق  موسكۇلىنى قىسقارتىپ، بويۇن ۋە دۈمبە قىسىمىدىكى موسكۇللارنى بوشېتىش.

    ۋاقىت: تۇغۇتتىن كېيىنكى  ئۈچىنجى كۈنى باشلىسا بولىدۇ.

    ئۇسۇل؛ تۈز يېتىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، بەدىنىنىڭ باشقا قىسىمىنى مىدىرلاتماي، ئېڭىكىنى كۆكرەك قىسى...

  • تېرە قۇرغاقلىشىش

    ۋاقتى: 2015-08-01 ئاۋاتلىقى: 833 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تېرە قۇرغاقلىشىش  
    تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ سەۋەبى 
    بوۋاققا قااش بىلەن بولۇپ كىتىپ تېرىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا سەل قاراش. تېرىدە سۇ كەمچىل بولغاندا يرىكلىشىپ تېرە تاشلاش، قىسمەن سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ.
    تېرە قورغاقلاشقاندىكى تەكلىپ
    ئاۋال مۇسكۇللارنى جانلاندۇرۇش، قېرىغان مۈڭگۈز ماددىسىنى تازىلاپ چىقىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى مۈڭگۈز ماددىسى ھۈجەيرىللىرىنى تولۇق سۇ بىلەن تەمىنلەش، نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 
    قىزىق ساپ سۇ بىلەن مۇزدەك ئېمۇلسىيەنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلەشتۈرىمىز، سۇ بىلەن ئېمۇلسىيەنىڭ نىسبىتى 2:1 ، بۇ خىل ئارلاشما ماددىنى ئاستاغىنە يۇيۇپ تازىلانغان تېرىگە ئالقان بىلەن  تېرىگە سىڭىپ كەتكىچە سۈركەيمىز.
    دائ...
  • بالىنى قانچىلىك ۋاقىت ئېمىتسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-31 ئاۋاتلىقى: 788 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0


    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار پاراۋانلىق جەمئىيتىنىڭ قارىشىچە بالىنى ئېمىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بولسا بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە ساپ ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش. دەسلەپكى ئالتە ئاي بالىلارغا يېمەكلىك زىيادە سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولىدىغان ۋاقىت بولۇپ ،ئەگەر ئالتە ئايغا توشمايلا بالىغا كالا سۈتى ۋە  قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرگەندە، بالىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۋېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئالتە ئاي ئىچىدە ساپ ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش كېرەك. بالىلارنىڭ زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئادەتتە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە باشلىغاندا ئاز-ئازدىن بېرىش، بارا–بارا مىقدارىنى كۆپەيتىش، ئەگەر زىيادە سېزىمچانلىق ئالامەتلىرى ...

  • ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

    ۋاقتى: 2015-07-24 ئاۋاتلىقى: 931 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئانا سۈتى ئېمىتىشىنىڭ ئانىغا بولغان پايدىسى.   ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت شەكللەندۈرۈشكە پايدىلىق. ئانا ئۆزىنىڭ ئانا بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولىدۇ، بالا ئانىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە خۇشال بولىدۇ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ، بۇ ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا پايدىلىق. ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىنچە توختايدۇ، ھەمدە تەبىئىي ھامىلىدارلىق ساقلىنىش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە بىر قېتىملىق تۇغۇتنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە  بالا ئېمىتىش تۇخۇمدان راكى بولۇپ قىلىش خەتىرىنى ئازايتىپ، ئانىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدىكەن. بالا ئېمىتىش بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىياتقۇنىڭ ئىلگىرىكىدەك ھالىتىگە قايتىشىغا ياردىمى بولىدۇ، جىنسىي يولدىن قان چىقىشنى ئاز...
  • چىللە خۇنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش

    ۋاقتى: 2015-07-22 ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    چىللە خۇنى بولسا تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇدىن جىنسىي يول ئارقىلىق ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئاجرالما ماددىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ھامىلە بالىياتقۇ دىۋارىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان قان سۇيۇقلۇقى، يىپىشقاق سۇيۇقلۇق، بالىياتقۇ بوشلۇقى ئىچىدە قېپ قالغان ئىچكى پەردە، تۇغۇت يولى ئېغىزىدىن ئاجرىلىپ چىققان ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارى، رەڭگى ۋە پۇرىقى بالىياتقۇنىڭ ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش كېرەك.
    كۆزىتىش ئۇسۇلى 1. ئادەتتە تۇغۇتتىن 4~3 كۈن كېيىن جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققىنى ئاساسەن دېگۈدەك قان بولۇپ، ناھايىتى ئاز ئەھۋاللاردا قان ئۇيۇتمىسى كۆرۈلىدۇ. رەڭگى سەل قىزىل بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە چىققان ماددا قان تىپىدىكى چىللە دەپ ئاتىلىدۇ. 2. تۇغۇتتىن كېيىنكى 10~5 كۈن ئەتراپىدا، قان مىقدارى بارا – بارا ئازلايدۇ، رەڭ...
  • ئۆزى تۇغقاندا قانداق ياردەملىشىش ئۇسۇللىرى بار؟

    ۋاقتى: 2015-07-22 ئاۋاتلىقى: 825 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تۇغۇت قىسقۇچىنى ئىشلىتىش دوختۇر تۇغۇت قىسقۇچىنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى سىزنىڭ تۇغۇۋاتقاندىكى ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ. تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار: بوۋاقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، داس بوشلۇقىڭىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تولغاق ئىقتىدارى، ھەتتا بوۋاقنىڭ تېز تۇغۇلۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇش-بولماسلىقى قاتارلىقلار. تۇغۇت قىسقۇچى قارىماققا ئىككى تال مېتال قولغا ئوخشايدىغان بولۇپ، تۇغۇتتا بوۋاقنىڭ باش قىسمىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ. لامازې ئۇسۇلى: لامازې ئۇسۇلى ھازىر ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان تۇغۇشقا ياردەم بېرىش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى، ھەر قايسى جايلاردا تەربىيەلەش سىنىپلىرى بار.
    ...
  • تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-21 ئاۋاتلىقى: 758 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    تۇغۇتلۇق ئاياللار قىرقى مەزگىلىدە ئىشىك-دەرىزىلەرنى مەھكەم تاقىۋالىدۇ، بۇ ‹بىكىنمە تۇغۇت› دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق. تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ مىتابولىزم پائالىيىتى كۈچىيىدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، چىللە خۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ-كىچىك تەرەت قوشۇلۇپ، ئۆيدە ھەر خىل پۇراقلار ئارىلىشىپ كېتىدۇ. بۇ تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە بەك پايدىسىز.

    دوختۇرخانا ياتاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋانى دىزىنفىكسىيەلەش تەجرىبىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئىشىك-دەرىزىلىرى ھىم ئېتىلگەن ياتاقلاردىكى ھاۋا بوشلۇقىدا كۆپ مىقداردا باكتېرىيە توپى بولىدىكەن، ھاۋا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، باكتېرىيە توپىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازلىغان. دېمەك، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ھاۋانى دىزىنفىكيەلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.  شۇڭا قىش پەسلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قىسقا ۋاقىت دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش...

  • خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش

    ۋاقتى: 2015-07-21 ئاۋاتلىقى: 740 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يېڭى مېھمان-پەرزەنتنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ئەمەلىيەتتە بىر ئائىلىنىڭلا خۇشاللىقى بولۇپلا قالماي، بىر جەمەتنىڭ، شۇنداقلا بىر يۇرتنىڭمۇ خۇشاللىقى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى ھايات سېپىنى تولۇقلايدۇ، ئائىلىگە ئىزباسار بولىدۇ، بىر جەمئىيەتكە ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇلىدۇ. خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بوۋاق تۇغۇلغاندا خوش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە مۇبارەكلەش. ئەگەر بىرىنىڭ ئايالىنىڭ يەڭگىگەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقان كىشى ھامان ئۇ كىشىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشگە ئالدىرايدۇ. بۇ، ئۇ كىشىگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ كىشى بىلەن، شۇنداقلا ئائىلىلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق. ئەگەر كېيىن خەۋەر تىپىپ قالسا ئەر-ئايالنى مۇبارەكلەيدۇ. بوۋاققا ئاللادىن ئۇزۇن ئۆمۈر، ئنىساپ-تەۋپىق، بەخت-سائادەت تىلەپ خۇشاللىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ تېپىلغۇسىز خۇشاللىق ئىش يۈز بەرگەن ھامان يېقىن ئ...
  • ئاياللار كىلماكتېرىيە دەۋرىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-07-17 ئاۋاتلىقى: 780 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1


      1. كىلماكتېرىيە (ھەيز كېسىلىش)دەۋرىگە ئائىت ساۋاتلارنى بىلىشى كېرەك.   2. پىسخىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى يەنى ئۆزىنى خوشال تۇتۇشى، قورقۇنچلۇق خىياللاردا بولماسلىقى، بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلىماسلىقى كېرەك.   3.ئىناق ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتالىشى، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى كېرەك.   4. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشى، خىزمەت ۋە تۇرمۇشى قانۇنيەتلىك بولۇشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، چاي قاتارلىق ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى، قورقۇنۇچلۇق، تەسىرلىك فىلىملارنى كۆرمەي ۋاقتىدا ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.   5.كىلماكتېرىيە دەۋرىدە ئاشقازاننىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاقسىللىق، ۋىتامىنلىق، كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.   6.ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن جىنسىي يولدى...
  • قىرقى مەزگىلىدە قارا شېكەر ئىچسە راستىنلا قان تولۇقلامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 888 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0


    نۇرغۇن كىشىلەر قىرقى مەزگىلىدە قارا شېكەر ئىچىش قان تولۇقلايدىغان ياخشى ئۇسۇل دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداقمۇ؟

    قارا  شېكەر تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولۇپ، مىقدارى ھەتتا ئاق شېكەردىكىدىنمۇ كۆپ. ھەر 100 مىللىگرام قارا شېكەر تەركىبىدە 2.2 مىللىگرام تۆمۈر بار، ھەر 100 مىللىگرام ئاق شېكەر تەركىبىدە 0.2 مىللىگرام تۆمۈر بار. گەرچە قارا شېكەردىكى تۆمۈر ماددىسى ئاق شېكەردىكىنىڭ 10 ھەسسىسىگە تەڭ بولسىمۇ، بىراق بۇ تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولغان ھايۋانات قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قارا شېكەردىكى تۆمۈر ماددىسى يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ھەر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق تۆمۈرنىڭ  مىقدارى 35~25 مىللىگرام   بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھا...
  • ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ تۇرمۇشتىكى تەدبىرلىرى

    ۋاقتى: 2015-07-07 ئاۋاتلىقى: 867 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     1. بالدۇر ئېمىتىش،  دائىم ئېمىتىپ تۇرۇش-سۈت يېتەرلىك بولۇش.   چۈنكى ئېمىتىش ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا،  سۈت بېزىنى غىدىقلاش شۇنچە ياخشى بولىدۇ،  ئالدىنقى بىر نەچچە  كۈندە سۈت  ھەرگىزمۇ يېتەرسىز بولۇپ قالماسلىقى،  ئانا سۈتى ئارقىلىق بېقىشتىن ۋاز كەچمەسلىك  كېرەك.  چۈنكى ئانا يەڭگىگەندىن كېيىنكى 7-2 كۈن بولسا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش،  سۈت مىقدارى كۆپىيىش مەزگىلى،  بۇ مەزگىلدە پەقەت بوۋاقلارنى دائىم ئېمىتىپ بەرگەندە ئانا سۈتى چوقۇم كۆپىيىدۇ.


    2. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك،  يېمەكلىك كۆپ خىل بولۇشى كېرەك.  ئانا سۈتى بولسا ئانا تېنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن كەلگەن،  شۇڭا ئېمىتىش مەزگىلدىكىلەر ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يې...

  • ئاياللار ساغلاملىقىغا ۋە گۈزەللىكىگە نوقسان يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق ئورۇقلاش ئادەتلىرى

    ۋاقتى: 2015-07-06 ئاۋاتلىقى: 1121 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئاياللار ساغلاملىقىغا ۋە گۈزەللىكىگە نوقسان يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق ئورۇقلاش ئادەتلىرى 1. تاماق تاللاش. تاماق تاللاش ئادىتى ئاياللاردا، بولۇپمۇ ياش قىزلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ياقتۇرمايدىغان نەرسىسىنى پەقەتلا يېمەيدۇ، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى بولسا خۇدىنى بىلمەي يەيدۇ. تاماق تاللىغاندا، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ-دە، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ.  2. بەك تويۇپ تاماق يېيىش. بەزى ئاياللار زىياپەتلەرگە، مېھماندارچىلىققا بارسا تاماقنى مۇۋاپىق يېمەي، تويغۇدەك يەۋالىدۇ. بەك تويۇپ تاماق يېيىش ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، ئاسانلا ئۆت يولى كېسەللىكى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، مېڭە قان تومۇر ياللۇغى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  3. تېز تاماق يېيىش. تېز تاماق يېيىش ئاشقازاننىڭ يۈكى...
  • تۇغۇت ئالدىدىكى ئانىنىڭ سومكىسى

    ۋاقتى: 2015-07-06 ئاۋاتلىقى: 814 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كىيىم- كېچەك ــــــ ئىككى قۇر ئالدى تۈگمىلىك ئۇزۇن يەڭ مايكا (ئالدى تۈگمىلىك بولغاندا ئېمىتىشكە قولايلىق بولىدۇ)؛ ئەرەنچە تەنتەربىيە پايپىقىدىن ئىككى جۈپ (بۇ خىلدىكى پايپاقنىڭ قونچى ئۇزۇن بولۇپ، ئىسسىق ساقلاشقا پايدىلىق)؛ يۇمشاق ساپما كەشتىن بىر جۈپ، ئېمىتىشكە قولايلىق باغىرتاقتىن تۆت قۇر، يۇيۇشقا بولىدىغان سۈت ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان كۆكسى تەگىلىكىدىن ئۈچ دانە، بىر قېتىملىق سۈت ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان سۈمۈرۈشچان كۆكسى تەگلىكىدىن 20-30 دانە؛ تۇغۇتتىكى ئاياللار ئىشلىتىدىغان ئېيىل (تېڭىق)، بىر قېتىملىق قەغەز ئىچ كىيىمدىن ئون دانە، كېچىلىك ئۇزارتىلغان ھەيز قەغىزىدىن ئەللىك تال، سۈت سۈمۈرگۈچ، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن كىيىدىغان پوسما، پەلەي ۋە باشقا كىيىم-كېچەكلەر. تازىلىق بويۇملىرى ــــــ يۈرۈشلۈك شەخسىي تازىلىق بويۇملىرى (يۈز سوپۇنى، ئەتىر سوپۇن، يۇمشاق قىللىق چىش چوتكىس...
  • تۇغۇت ئالدىدىكى ئانىلارنىڭ نەرسە-كېرەك تىزىملىكى

    ۋاقتى: 2015-07-05 ئاۋاتلىقى: 756 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بوۋاق ئۈچۈن لازىملىق بويۇملار:      بوۋاقلار كارىۋىتى ـــــ كونا بولسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ياغاچتىن ياسالغان، پۇختا، سىلىق بولۇشى كېرەك. كارىۋاتنىڭ ئېگىزلىكى چوڭلار كارىۋىتى بىلەن ئوخشاش بولسا، كارىۋاتنى ئانىسىنىڭ كارىۋېتى يېنىغا قويغاندا بىر قەدەر قولاي بولىدۇ.
         كارىۋات بويۇملىرى ـــــ   يوتقان-كۆرپە، ئۇخلاش خالتىسى، پاشىلىق، سۇ ئۆتكۈزمەس كىرلىك، بەل ئورىغۇچ  . بۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى چوقۇم كارىۋات بىلەن ماس كېلىشى كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياستۇققا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، دەسلەپكى ئۈچ ئايدا بىر لۆڭگە تەييارلاپ، ئۇنى قاتلاپ بوۋاقنىڭ بېشىغا قويۇش، پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش لازىم. ئۈچ-تۆت ئايدىن كېيىن ياستۇق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.  يۇيۇنۇش سايمانلىرى  ـــــ  كىچىك داستىن ئىككى دانە، يۇيۇنۇش دېسى، بەدەن لۆڭگىسى، يۇيۇن...
جەمئىي 4 بەت/186پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 كېيىنكى بەت