ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
بوۋاق دەۋرى - دىكى يازمىلار
  • بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

    ۋاقتى: 2016-01-25 ئاۋاتلىقى: 1804 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
    جىنسىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەردە ئادەتتە نۇرمال بولغان ئەھۋاللارنىمۇ نۇرمالسىز دەپ قارايدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلىپ دائىم تەشۋىشتە يۈرۈيدىغان ئەھۋاللار ئېغىر بولماقتا. جىنسىي تۇرمۇش كەيپىياتنىڭ ساز بولۇشى بىلەن ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەبئىي جەريان بولغاچقا يۇقۇردىكىدەك ئۆزىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى نۇرمالسىز دەپ قارايدىغان ئەندىشە كاللىسىغا ئورناپ قالغان كىشىلەرنىڭ بەدىنى ساغلام، جىنسىي ئىقتىدارى نۇرمال بولسىمۇ نېرۋىسىغا تەسىر قىلىپ بېكىپ كەتكەن تەشۋىش سەۋەبلىك راستىنلا جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولىشى ياكى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قىلىشى مومكىن. بۇ ئەھۋال تەجىربىسىزرەك دوختۇر-تېۋىپلارغا كۆرۈنۈپ جىنسىي ئاجىزلىقى، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقى مۇئ...
  • بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى تەرجىمە قىلالايدىغان ئەپ بارلىققا كەلدى

    ۋاقتى: 2016-01-05 ئاۋاتلىقى: 1377 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى تەرجىمە قىلالايدىغان ئەپ بارلىققا كەلدى


    رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەنلىك تەتقىقاتلار كەشىپ قىلغان بىر تۈرلۈك ئەپ پىروگراممىسى بوۋاقلارنىڭ ئوخشىمىغان يىغا ئاۋازىدا ئىپادىلەنگەن مەنىنى ئانالىز قىلىپ بېرەلەيدىكەن.
    تەيۋەن ئۇنۋېرسىتىتى دوختۇرخانىسى يۈنلىن تارماق دوختۇرخانىسى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بۇ خىل بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى تەرجىمە قىلىش ئەپ پىروگراممىسى ئالدى بىلەن بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى سىنغا ئالغاندىن كېيىن ئاندىن چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرىدا بوۋاقلارنىڭ يىغىسىدىكى تۆت خىل ئوخشىمىغان مەزمۇننى ئايرىپ بېرەلەيدىكەن.


    تەتقىقاتچى خادىملار ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا، تەخمىنەن 100 نەپەر يېڭ...
  • يېڭى توي قىلغان ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر يىلى مۇنداق ئۆتىدىكەن

    ۋاقتى: 2015-12-07 ئاۋاتلىقى: 1438 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يېڭى توي قىلغان ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر يىلى مۇنداق ئۆتىدىكەن ئانا بولۇش دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت، بولۇپمۇ بالا بىر ياشقا كىرگۈچە
    بالا تۇغقاندىكى بۇ ئازابنى پەقەت تۇغۇپ باققانلار بىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ بىلىشى مۇمكىن ئەمەس
    بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن بۇرۇنقى پارقىراپ تۇرىدىغان ھالىتىڭىزدىن مۇشۇنداق چاچلىرى پاخپايغان، يۈزلىرى سەپكۈن، كىيىملىرى رەتسىز بىر خوتۇنغا ئايلىنىسىز
    بۇرۇنقى رەتلىك ئۆيمۇ قالايمىقان رەتسىز ئۆيگە ئۆزگىرىدۇ
    بالىڭىزنىڭ پوق سۈيدۈكلىرىنىڭ پۇراقلىرىنى پۇراۋېرىپ كۆنۈپمۇ قالىسىز
    دەسلەپتە بالىغا زاكا ئا...
  • نېمە ئۈچۈن بەڭباش ساۋاقداشلار خوجايىن بولۇپ كەتتى؟

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 1164 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ساۋاقداشلار يىغىلىشى قاتناشقاندا، ئۇزۇندىن بېرى كۆرمىگەن ساۋاقداشلارنى كۆرگەندە يېقىنقى ئەھۋالى توغۇرلۇق پاراڭلىشىمىز، شۇ ۋاقىتتا ھېس قىلدىڭىزمۇ، بۇرۇن دەرسكە دىققەت قىلمايدىغان، ئىمتىھاندا يا ئۇخلايدىغان يا باشقىلارنىڭ قەغىزىنى كۆچۈردىغان ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر خوجايىن بولۇپ كەتكەن. بۇرۇن دەرسىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلايدىغان تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەيدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلار قورسىقىنى باققىدەك مائاشنىلا ئېلىپ، ئۆي ماشىنىنىمۇ ئالالماي يۈرگىنىنى، ئەھۋالنىڭ شۇنچە پەرقلىقلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىڭىزمۇ؟ ياخشىراق ئويلىنىپ باقسىڭىز بۇنىڭ جاۋابى بۇ بىرقانچە سەۋەپتە بولىدۇ.
    1. نەتىجىسى ناچار، بەڭباش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزى قىلىنراق بولىدۇ.سودىدا بولسۇن ياكى شىركەت ئېچىشتا بولسۇن يۈزى قېلىنراق بولۇشنى تەل...
  • تاشپولات روزى: پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ ئۇلى - مېھرىبانلىق

    ۋاقتى: 2015-10-26 ئاۋاتلىقى: 2494 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ ئۇلى - مېھرىبانلىق تاشپولات روزى ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟ 

    مەكتەپ مائارىپىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىغا ئېنىق قىلىپ ئېنىقلىما بېرىش مۇرەككەپ بولسىمۇ، بىراق بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق، ئوقۇتقۇچى دېگىنىمىز ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، ئۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئەقىل ۋە  ئىلھام بەرگۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئاكتىپ خاراكتېر بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، سەۋرچان، مېھرىبان، كۆيۈمچان، سەمىمىي، ھەقىقىي، دوستانە، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئېھتىياتچان، چېچەن قاتارلىقلار.


    مەن بۇ يىل ئۈندىداردا سىنىپ ئىچىدە يۈز بەرگ...
  • [بىلگەجان] بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا

    ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 1275 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    سالام تورداشلار، 
    بۇ يازمىنى توردىشىمىز ummet نىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئەسلى ئنكاس شەكلىدە يوللىماقچى ئىدىم، لىكىن ھەجىمى ۋە مەزمۇنى كۆپ بولغاچقا، شۇڭا بىر تىما شەكلىدە يوللىدىم. تورداشلارنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنىڭ توردىشىمىز ummet نىڭ ئەسلى سۇئالىنى بۇ يەرگە "ئامرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق قارىشىدىكى پەرقلەر" دىگەن تىمىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم. ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمنى تورداشلارغا سۇندۇم. 
    ummet: 
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ھۇرمەتلىك قىرىنداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىىڭ ساق-سالامەت،ئىشڭلارنىڭ كۈڭۈلدىكدەك بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھ دىن تىلەيمەن! شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى سىلەردىن ھەم يۇقىردىكى چەتئەلدە جاپالىق ئىلىم تەھسىل ق...
  • [بىلگەجان] بوۋىقىڭىزنى «يىگۈڭىز» كىلەمدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 2407 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    خىلمۇ-خىل ئىنسان قىلمىشلىرىنى چۈشىنىش تەس تۇيۇلىدۇ. لىكىن بىئولوگىيە، پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بۇنىڭ نېمىشقا ئىكەنلىكىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بوۋىقىڭىزنى يىگۈڭىز كەپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭىز بولغان بولسا، بۇنىڭدىن بەكمۇ بىئارام بولماڭ، بۇ ئەمەليەتتە پۈتۈنلەي نورمال ئەھۋال.
    «پىسخولوگىيە فىرونىتى» ناملىق داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئوماق دەپ قارايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا تويماي يىگۈسى كەپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تىپىپ بەرگەن.
    http://www.frontiersin.org/Journal/10.3389/fpsyg.2013.00597/full?utm_source=NPG&utm_medium=Facebook&utm_campaign=FBK_SM_1309_FPSYG&WT.mc_id=FBK_SM_1309_FPSYG_CON
  • يېڭى كىيىملەرنى بالىغا بىۋاستە كىيدۈرمەسلىك كېرەك.

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1179 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يېڭى كىيىملەرنى بالىغا بىۋاستە كىيدۈرمەسلىك كېرەك.  
    ئەسكەرتىش : يىڭى كىيىملەرنى بىر قېتىم پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن بوۋاققا كىيدۈرۈش كېرەك،  بۇنداق بولغاندا بىخەتەر ھەم پاكىز بولىدۇ.  كىيىمنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ماتېرىيالى،  تىكىلىشى،  ئورىلىشى ھەتتا ھەرقايسى ئورۇنلارغا يۆتكىلىش مەزگىلىدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قولىدىن ئۆتىدۇ.  بۇ مەزگىلدە كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىرىيىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇلارنى بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز.  شۇڭا يىڭى كىيىم ئالغاندا چوقۇم يۇيۇۋىتىپ كىيدۈرۈش كېرەك. 
    بوۋاقنىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، تېرىسى يۇمران،  قارشى تۇرۇش  ئىقتىدارى ناچار  بولىدۇ.  بولۇپمۇ يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ  تېرە مۈڭگۈز قەۋىتى نېپىز بولىدۇ.  يىڭى ئالغان ك...
  • بالىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرتۈشىدە دوختۇردىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىشلار

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1009 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    قايسى ئىشلارغا نىسبەتەن چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش كېرەك؟
    دوختۇردىن مەسلىھەت ئالىدىغان ۋە مۇزاكىرىلىشىدىغان ئىشلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ يېزىۋېلىڭ، بۇنداق قىلغاندا مەلۇم بىر مۇھىم تۈرنىڭ چۈشۈپ قېلىپ سورالماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.  ئەڭ ياخشىسى قەغەز قەلەم ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇڭ، تېخىمۇ ياخشى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئۈنگە ئېلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. سوراشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن: بالامنىڭ يېتىلىشى نورمالمىكەن؟ ئۇنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق يېتىلىش مەزگىلىدە مەن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك؟ قانداق قىلغاندا بالامنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمەن؟. ..قاتارلىقلار.
    سورىغىلى بولمىغۇدەك مەسىلە يوق


    سىزنىڭ دوختۇر بىلەن سۆزلىشىش ۋاقتىڭىز ناھايىتى چەكلىك، شۇڭلاشقا بۇ ۋاقىتتىن چوق...

  • يۇيۇندۇرۇش

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1195 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بالا تۇغۇلغاندا ئۈستى-بېشىغا تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماددىلار چاپلاشقان بولىدۇ، شۇڭا، بالا تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىلگەندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ ساغلام بەدەن، چىداملىق بولۇشى ئۈچۈن يۇيۇندۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنىدۇ. يۇيۇندۇرۇشقا ياغاچ داس ياكى تۈنىكە داس تەييارلىنىپ، ئىچىگە بوۋاقنىڭ يۇمران بەدىنى كۆيمىگۈدەك ئىسسىق سۇ قۇيۇلىدۇ، سۇغا ئازراق تۇز سېلىنىدۇ، سۇغا يەنە ھەر خىل ئېرەملىك دورا-دەرمانلاردىن ئالما قېقى، ئادراسمان، ئارتىش ياپرىقى، ئالتۇن ۋەرەقلەر سېلىنىدۇ. ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، ئاندىن تۇغۇت ئانىسى، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە بالا سۇغا سېلىنىپ يۇيۇندۇرۇلىدۇ، يۇيۇندۇرۇشتا بىر ئادەم سۇ قۇيۇپ بەرسە، يەنە بىرى يۇيىدۇ. ئالدى بىلەن باش قىسمى پاكىز يۇيۇلۇپ، ئاندىن بەدىنى يۇيۇلىدۇ. بالىنى يۇيغاندا يۇمران تېرىسىنى زەخملەندۈرۈپ قويماسلىق، سۇ بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولۇپ كەتمەسلىكك...
  • بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1444 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    1. بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلارغا كۆپ سۆزلەپ بېرىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار پىكىر ئالماشتۇرغاندا، سىزنىڭ سۆزلىگەن ھەر بىر سۆزىڭىز، ھەر بىر يېڭى ئىشىڭىز  بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا كۆپ سۆزلەپ بەرسە، بالىلار ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ. 2. بالىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە مەدەت بېرىش كېرەك. بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بالىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ھازىر كىشىلەردە بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا نىسبەتەن بىر خىل خاتا قاراش بار، ئۇلار بىلىم توپلاش بىلەن ئەقىللىق بولۇشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئەقىل ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. مۇبادا، پەقەت بالىلارنىڭ مېڭىسىگە بىلىملا قاچىلاپ، ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەتمىگەندە، بالىلارنى ئەقىللىق قىل...
  • 7 ئايلىق بوۋاق تىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 767 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    7 ئايلىق بوۋاق تىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

    بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالا تىلىنىڭ چىقىش جەريانىغا ئېتىبار بېرىشى تېخىمۇ مۇھىمدۇر، بۇ چاغدا بالىلار ئاكتىپ ھالدا گەپنى دوراشقا باشلايدۇ، بىر بوغۇمنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۇ كۈن بويى ھەتتا بىرنەچچە كۈنگىچە ئۇدا بۇ بوغۇمنى تەكرارلاۋېرىدۇ. پىششىق ھالدا ئاۋاز مەنبەسىنى ئىزدەيدۇ، ئوخشىمىغان ئاھاڭلارنى، ئوخشىمىغان مەنالارنى چۈشىنىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ سىز چىقارغان ئاۋازغا بولغان ئىنكاسى تېخىمۇ جانلىق، چېچەن بولىدۇ، دائىم سىزگە ئەگىشىپ سۆزلەپ باقىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا «دادا» ۋە «ئانا» دېگەن گەپنى ئۆگەتكەنگە ئوخشاش، «مۈشۈك»، «ئىت»، «قىزىق»، «سوغۇق»، «ماڭ»، «كەت» دېگەندەك بىر قىسىم ئاددىي بوغۇم ۋە سۆزلۈكلەرنى ئۆگىتىش كېرەك. ئاز كەم دېگەندە يەنە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا سىز ئاندىن ئۇنىڭ گۇڭ-گۇڭ گەپلىرىنى چۈشىنەلەيسىز،...

  • مۇھەببەتنىڭ چېگراسى يوق

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 880 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    مۆھتەرەم بوۋاي ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان نەۋرىسىگە سۆزلەپ بېرىشنى ئويلاپ يۈرگەن تېمىلاردا خېلى ئەتراپلىق سۆزلەپ، بىلقۇتجاننىڭ يادىغا سالغانلىقىدىن، ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە نېمىگە دىققەت قىلىپ، قانداق خىسلەتلەرنى يېتىشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى سەمىگە سالغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان ئىدى.
    ـــ بالام بىلقۇتجان، ـــ دېدى بىر كۈنى ئۇ نەۋرىسىنى يېنىغا تارتىپ تۇرۇپ، ـــ ئىنسانلار ئارا دوستلۇق ئورنىتىش ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئىش، ئىنسانىيلىقنى جارى قىلدۇرۇش، ئىنسانىيلىققا ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانىيلىق ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەنە شۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىي مېھىر ــ مۇھەببەتنىڭ چېگراسى يوق. ئادەم ئەنە شۇ پايانسىز مېھىر ـــ مۇھەببەت قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندىلا، كەلگۈسى دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدۇ. كىشىلەر ئارا زىددىيەت ــ توقۇنۇشلار ئازىيىپ،...

  • بوۋاقنى كىيىندۈرۈش (بوۋاقنىڭ كىيىم-كېچىكى)

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 825 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولغان توقۇلمىلار، يۇڭ توقۇلمىلار،  بولمىسا پاختا توقۇلمىلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ھاۋا ئۆتكۈزۈشى ياخشى بولغان توقۇلمىلار تەر ۋە غەلىتە پۇراقلارنى تارقىتىپ، تېرىنىڭ قۇرۇقلىقىنى ساقلايدۇ، ھەمدە تېمپېراتۇرىنى تەڭشەيدۇ، ئادەتتە يۇڭ، پاختا تالالارنىڭ نەملىكنى سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى،  ھەمدە بىر قەدەر تېز تارقىتىۋېتەلەيدۇ، توقۇلمىلارنىڭ قۇرۇقلۇقنى ساقلاپ، تېرىنىڭ پاكىزە بولۇشىغا پايدىلىق.
    ...
  • بالىلارنىڭ بېلىق مېيى يېيىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 1220 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بالىلارنىڭ بېلىق مېيى يېيىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە
    بېلىق مېيىنىڭ رولى
    تار مەنىدىكى بېلىق مېيى دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ جىگىرىدىن ئىشلەنگەن ماي، كەڭ مەنىدىكى بېلىق مېيى بولسا، كىت، دېڭىز يىلپىزى قاتارلىق دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ جىگىرىنىڭ مېيى بولۇپ ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا سۈزۈك سېرىق سۇيۇق ھالەتتە بولىدۇ، ئازراق بېلىقنىڭ پۇرىقى بولىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى تويۇنماسلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ماي كىسلاتاسى گىلىتسىرىندىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاز مىقداردا فوسفاتىد ۋە سوپۇنلاشمايدىغان ماددا بار. ترېسكا بېلىقى، ياۋروپا چوڭ كامبالا بېلىقى قاتارلىقلار بولسا خەلقئارادا بېلىق مېيىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەنئەنىۋى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگودا ئاساسلىقى ئاكۇلا، سىكات بېلىقى، سېرىق گوربىل بېلىقى، كۆك دۈمبىلىك مۇكا بېلىقى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ....
  • 5 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى قانداق يېتىلىدۇ ؟!-بوۋاقلار دەسلەپكى تەربىيە ئويۇن خاتىرىسى

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 730 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    5 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى قانداق يېتىلىدۇ ؟!-بوۋاقلار دەسلەپكى تەربىيە ئويۇن خاتىرىسى 
    5 ئايلىق ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى: بەش ئايلىق بوۋاق مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناشنى، نەرسىلەرنى تۇتۇشنى، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى چېكىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دۈم يېتىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپنى كۆزىتىدۇ، ئۆرۈلەلەيدۇ، يۆلەپ قويسا ئولتۇرالايدۇ، ئېغىزىغا سالغان نەرسىنى چىشلەيدۇ، ئەينەكتىكى كۈلگەن سىماغا قارايدۇ. قوڭغۇراقنى ئىزدەيدۇ،   تېلېۋىزور كۆرەلەيدۇ.   5  ئايلىق بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە  ماس كېلىدىغان دەسلەپكى تەربىيە ئويۇن  تۈرلىرى ۋە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى: بوۋاقلار ئويۇنى 1. جىسىملارنى تۇتۇش، بوۋاقنى كۆتۈرۈپ چىراغ ئالدىغا كېلىپ چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئاندىن قايتا يېقىش، بۇ بىر يورۇق بىر قاراڭغۇ جەرياندا ئانا ‹چىراغ›دەپ كۆپ قېتىم ...
  • بوۋاقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ موھىم نۇقتىسى

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 952 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بوۋاقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ موھىم نۇقتىسى
    باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش(ئارىلىشىش)
    بوۋاقنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەندە، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.   

    ھەمبەھرلىنىشنى ئۈگىنىش


    بالىنى كىچىك دوستلىرى بىلەن بىللە ئوينىغاندا ياكى بىر نەرسە مىنىپ ئوينىغاندا ھەمبەھرلىنىشنى ئۈگىنىشى كېرەك.  قارشى ئىلىنىدىغان كىچىك بالىلار دائىم ئاكتىپ ھالدا باشقا بالىلار بىلەن ئويۇنچۇقلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئوينايدۇ.  

    ئاكتىپچانلىقنى ئۈگىنىش


    ...
  • B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گېرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىش تەدبىرى

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 783 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

      ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گېرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
    1. پاسسىپ ئىممۇنىتېتلاش: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ‹جىددى خاراكتېرلىك دەۋرى ۋە ئەسلىگە قايتىش دەۋرى› دىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغقان بالىسىغا نىسبەتەن، تۇغۇلۇپ 24 سائەتنىڭ ئىچىدە ۋە 3 ئاي، 6 ئايدا بىر قېتىمدىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قان زەردابى شارچە ئاقسىلى (HBIG)دىن 1-0.5 مىللىمېتر ئوكۇل قىلىش. %70-%80 قوغداش رولىنى ئوينىيالايدۇ.


    2. ئاكتىپ ئىممۇنىتېتلاش: سىرتقى يۈز ئانتېتىللاسى ياكى e ئانتېتىللانىڭ بىرسى ياكى ھەر ئىككىسى مۇسپەت چىققان. ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغقان بالىسىغا نىسبەتەن تۇغۇلۇپ 24 سائەت ‹ياكى 7 كۈن› ، 1 ئاي، ئالتە ئايدا بىر قېتىم B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش، قان پلازما ۋاكسىنىسى ھەر قېتىمدا 20-30 مىكرو گىرام. گېن...

  • بالىلارغا يالغانچىلىقنى قانداق ئۈگىتىۋاتىمىز؟

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 626 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

              مەريەم قاسىم
    - ئاپا رامزاندا يالغان گەپ قىلسا يامان بولىدۇ - ھە ؟
    ئەمدىلا 2-سىنىپقا قەدەم قويغان سەبى بالىنىڭ سوئالى مېنى ھەيران قالدۇردى.
    - ھەرقانداق ۋاقىتتا يالغان گەپ قىلسا ياخشى ئەمەس- دېدىم مەن قىزىمغا ئەستايىدىللىق بىلەن.
    - چوڭ ئاپام رامزاندا يالغان گەپ قىلغان ئادەمنىڭ تىلى قۇرۇپ كېتىدۇ دېگەنتى، - بىراق بىزنىڭ مۇئەللىم بۈگۈن يالغان گەپ قىلدى،
    تېخى بىزنىمۇ يالغا گەپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى.
    قىزىمنىڭ سۆزىدىن بىر نەرسىنى ھېس قىلمىغان بولساممۇ، قىزىقىش بىلەن سورىدىم.
    - قانداق يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى؟ قىزىم قانداقتۇر بىر مەخپىيەتلىكنى دەۋەتمەكچىدەك ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئاۋازىنى ئالاھىدە چىقىرىپ :
    - مەكتىپىمىزگە تەكشۈرۈشكە كېلىدىكەن، ئۇلار كەلگەندە: « مۇئەللىمىڭل...

  • قورساقتىكى ھاۋانى ئۆزى قول سېلىپ چىقىرىپ تاشلاش ئۇسۇلى

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 885 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0


    بوۋاقلارنىڭ قورسىقىدىكى ھاۋانى چىقىرىپ تاشلاشنىڭ بىر قىسىم ئۇسۇللىرى بار، مەسىلەن ئېمىتكەندىن كېيىن، بوۋاقلارنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇش ئارقىلىق ھېق كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازاندىكى گازلارنى چىقىرىپ تاشلىغىنى بولىدۇ.  بەزى بوۋاقلارمۇ گازنى چىقىرىپ تاشلاشقا ماھىر، ئۇلار مەقئىتى ئارقىلىق ھاۋانى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان دىۋارىنىڭ سۈمۈرۈشى ئارقىلىق، قورساق كۆپۈش ئەھۋالىنى يېنىكلىتىدۇ.


    ...
  • بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ پايدىلىنىشىغا بولىدىغان يېمەك –ئىچمەك تىزىملىكى

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 810 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
     بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ پايدىلىنىشىغا بولىدىغان يېمەك –ئىچمەك تىزىملىكى           سەھەر سائەت 6: ئانا سۈتى (ياكى كالا سۈتى) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9: ھوردا پىشۇرۇلغان تۇخۇم                                                 چۈش سائەت 12: ئانا سۈتى(ياكى كالا سۈتى) چۈشتىن كېيىن سائەت3: مېۋە بوتقىسى، مېۋە شەربىتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 5: ئۇماچ(ئېزىلگەن كۆكتات، بېلىق بوتقىسى ياكى جىگەر مېيى قىيما گۆش قوشۇلىدۇ) كەچ سائەت 8: ئانا سۈتى(ياكى كالا سۈتى)  كەچ سائەت 11: ئانا سۈتى(ياكى كالا سۈتى)                                      &n...
  • 7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئومۇمىي خۇلاسە))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))(2)

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 693 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئومۇمىي خۇلاسە))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))))(2)

     

      ئايلىقتىكى بوۋاق تىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى

     

    بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالا تىلىنىڭ چىقىش جەريانىغا ئېتىبار بېرىشى تېخىمۇ مۇھىمدۇر،  بۇ چاغدا بالىلار ئاكتىپ ھالدا گەپنى دوراشقا باشلايدۇ،  بىر بوغۇمنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن بۇرۇن،  ئۇ كۈن بويى ھەتتا بىرنەچچە كۈنگىچە ئۇدا بۇ بوغۇمنى تەكرارلاۋېرىدۇ. پىششىق ھالدا ئاۋاز مەنبەسىنى ئىزدەيدۇ،  ئوخشىمىغان ئاھاڭلارنى،  ئوخشىمىغان مەنالارنى چۈشىنىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ سىز چىقارغان ئاۋازغا بولغان ئى...

  • كىچىك بالىلاردىكى تولغاق ھەققىدە

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 767 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0


    تولغاق بولسا تولغاق باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۈچەي يۇقۇملۇق كېسەللىكى. كىلىنىكىلىق ئالامىتى ئىچ سۈرۈش، قۇرۇق ئىنجىقلاش، قان-يىرىڭلىق تەرەت قىلىش، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇشى ئاساسى ئالاھىدىلىك بولغان كېسەللىك، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يۈز بېرىدۇ، ياز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ. جۇڭيىدا نەم ئىسسىقتىن ياكى ۋابا كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىلىدۇ.
    ...
  • قېتىقلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 959 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
     يەتتە ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. خۇرۇچلار: پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، قېتىق، بۆلجۈرگەن مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى: پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى تەكشى يالپاقلاپ توغراپ، قايناقسۇدا قاينىتىپ پىشۇرىمىز، ئۇنى ئېلىپ ئۈستىگە قېتىق ۋە بۆلجۈرگەن مۇرابباسىنى قۇيساقلا بولىدۇ.

    تەھرىر تەۋسىيەسى:

    قىيمىلىق پالەك-بەرەڭگە شوۋىگۈرۈچى

    بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىشىشنى داۋالاش 

  • تاۋۇز شەربىتى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قېتىقى

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 834 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0


    يەتتە ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

    خۇرۇچلار: بىر دانە تاۋۇز، مايلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدىن 1/8 پارچە تەييارلاش ئۇسۇلى: مېۋە سىقىش ماشىنىسى ياكى قوشۇق بىلەن تاۋۇزنى سىقىپ، شەربىتىنى چىقىرىمىز، مايلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سۇدا قاينىتىپ پۇشۇرۇپ ئېلىپ، تاۋۇز شەربىتىگە سالىمىز.
    ...
  • كۈتۈلمىگەن يارىلارنى بىرتەرەپ قىلغاندا چاپلاقنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 630 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

      چاپلاقنىڭ يۈزى كىچىك بولۇش سەۋەبلىك پەقەت دائىرىسى كىچىك، بىرقەدەر تېيىز، جاراھەت يۈزى بىرقەدەر پاكىز، قان كۆپ چىقمىغان، تىكىش ھاجەتسىز بولغان يارا ئېغىزلىرىدا ۋاقىتلىق قان توختىتىش، جاراھەت يۈزىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى چاپلاقنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.


      ئادەتتە نۇرغۇن كىشلەر چاپلاقنى يارا ئېغىزىغا بىۋاسىتە چاپلاپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل خاتا بولۇپ ئاسانلا يارا ئېغىزىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىشلەتكەندە ئالدى بىلەن يارا ئېغىزىنى پاكىزلاش چاپلاق چاپلاشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دالىلارغا چىقىپ ھەرىكەت قىلغاندا تازىلىق شارائىتى ناچار بولۇش سەۋەبلىك يارىلانغاندا ياللۇغلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى  زور بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل...

  • بوۋاقلار ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 1036 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئادەتتە،  ئاڭلاش نېرۋىسى ۋە مېڭە تونۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى ماس قەدەملىك بولىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاڭلاش نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ سېزىمچانلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلايدۇ. 3  ئايلىقنىڭ ئىچىدە،  تۇيۇقسىز يۇقىرى ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندا كۆزنى چىمچىقلىتىدۇ، قاپىقىنى تۈرىدۇ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مۇشتىنى تۈگىدۇ، تىپچەكلەيدۇ ياكى پۈتۈن بەدىنى تىترەيدۇ، مانا بۇلار ئاڭلاش رېفلېكس پائالىيتىدۇر.


         6 ئايلىق ئۆپچۆرىسىدە، تۇيۇقسىز ئاۋاز ئاڭلىغاندا، بېشىنى بۇراپ يۈزىنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىتىدۇ. 9 ئايلىق ئۆپچۆرىسىدە، سىز بوۋاققا "خەيرى-خۇش"دېگەندە، بوۋاق قولىنى پۇلاڭلىتال...
  • بوۋاقلار ئويۇنى (1): تىك كۆتۈرۈپ ئەتراپنى كۆزىتىش

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 605 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بويۇننىڭ تەدرىجىي ھالدا باش قىسمىنىڭ ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈشى مەشىق قىلىدۇ، ھەرىكەت قىلالايدىغان ۋە ئاۋاز چىقىرالايدىغان ئويۇنچۇقلارنى كۆرۈش، سىرتتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈش، بوۋاقنىڭ شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرىدۇ، شەكلىنى ئەستە تۇتۇش، ئۇزۇن مەزگىل كۆزىتىش ئارقىلىق كۆرگەن شەكلىنى ۋە كۆرمىگەن شەكلىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

    ...
  • بالىلارغا كالا سۈتى بېرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 1213 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بالىلارغا كالا سۈتى بېرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
    1. كالا سۈتى قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى
    قويۇق بولغان كالا سۈتى بولسا كالا سۈتىگە كۆپ مىقداردا سۈت پاراشوكى ئاز مىقداردا سۇ قوشقان بولىدۇ ، كالا سۈتىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى نورمال سېلىشتۇرما ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋىتىدۇ، بەزى ئادەملەر سۈت سۇيۇق بولۇپ قالسا، سۈت پاراشوكى قوشىدۇ. چۈنكى بالىنىڭ ئىچكى ئەزاسى يۇمران، ئۇزۇن مۇددەت قويۇق كالا سۈتىنى ئىستېمال قىلىۋەرسە ئىچى سۈرۈشنى ، قەۋزىيەتنى ،ئىشتىھاسىزلىقنى ھەتتا ئىشتىھا تۇتۇلۇشنى، يەنە جىددىي قاناش خاراكتېرلىك كىچىك ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    2. قەنتنى قانچە كۆپ قوشسا شۇنچە ياخشى 
    قەنت قوشۇشتىكى مەقسەت بولسا، كاربون سۇ بىرىكمىسى تەمىنلەيدىغان ئىسسقلىق ئېنىرگىيەسىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش، بىراق مىقدارى بەلگىلەنگەن بولىدۇ، ئادەتتە ھەر ...
  • 3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(2)

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 712 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

     3 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچ خۇلاسىسى(2)

     

    3 ئايلىق بوۋاق نېمە يەيدۇ----بوۋاق پەرۋىشى خۇلاسىسى 

     

    بوۋاق 3 ئايلىق بولغاندا، ئانا سۈتى يېتەرلىك بولسا ، داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 3 ئاي بولسا بوۋاق ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ 2-يۇقىرى باسقۇچى بولۇپ، بوۋاق ئۈچۈن ھەر بىر ئېمىتكۈچى ئانا چوقۇم ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك . 

     

    خىزمەت ئورنىدىكى ئانىنىڭ پەرۋىشى 

     

    ئانا خىزمەت ۋاقتىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ ئېمىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ. ئەگەر شارائىت يار بەرسە،  دېزىنفىكسىيەلەنگەن سۈت بوتۇلكىسىغا ئامال قىلىپ سۈتىنى قاچىلاپ ئېلىپ يۈرسە بولىدۇ...

  • بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن خۇلاسە

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن، ئاسان ئاغرىپ قالىدۇ، شۇڭا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ساقلاش، ئانا سۈتى ئېمىتىشتە چىڭ تۇرۇش، خالىغانچە دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    ...
  • زىققا كېسىلى ۋە دىيابىت كېسىلى

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 1109 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    زىققا كېسىلى


    ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ بىرسى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %25 بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلىسى بۇرۇن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا بالىنىڭ گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %50 گە يېتىدۇ.
    دىيابېت كېسىلى
    ئەگەر ئەر-ئايال ئىچىدە بىرسى I شەكىللىك دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىسىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %5 ئەگەر ئەر ئايال ھەر ئىككىلىسى  Iشەكىللىك دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا ھەمدە ھەر ئىككىلىسى MHC گېنىغا ئىگە بولسا، پەرزەنتىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %20 گە كۆتۈرىلىدۇ.
    II تىپلىق  دىيابېت كېسىلى ئوخشاشلا جەمەت ئىرسىيىتىگە ئىگە. چۈنكى سېمىزلىك گېنىنىڭ بىرلىشىشىگە تاقابىل تۇرۇش ناھايىتى قىيىن.
    ...
  • بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللاپ سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش(1)

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 733 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللاپ سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش(1)
    بازاردىكى بوۋاقلار ھارۋىلىرى كۆپلىكىدىن كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ. ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ماس كېلىدىغىنىنى تاللىسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇغقانلاردا بولسا ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
    بوۋاقلار ھارۋىسىنى قانداق تاللاش كېرەك؟
    بوۋاقلار ھارۋىسىنى تاللىغاندا، چوقۇم ھارۋىنىڭ قوزغىلىشى قولايمۇ-ئەمەس، بىخەتەرلىك تاسمىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىللرى ئۆلچەمگە يېتەمدۇ-يەتمەمدۇ، دىگەندەك تەرەپلەرنى تەكشۈرۈش كېرەك، ئورۇندۇق چوڭقۇر بولۇشى كېرەك، ئەگەر تېيىز بولۇپ قالسا، بوۋاق بەدىننى ئۆرىگەندە ياكى بۇرۇلغاندا ھارۋا ئاسانلا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ.
    يۇمشاق تەگلىكنىڭ قېلىنلىقىنىڭ يىتەرلىك ياكى ئەمەسلكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قول ھارۋىسىنىڭ...
  • بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك(2)

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 902 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش--- ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش
    بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇش بولسا تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم چارە. مەسىلەن، كالمېت ۋاكسىنىسى ئارقىلىق تۇبىركىلىيۇزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇلۇن-سۈر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئارقىلىق يۇلۇن-سۈر ماددا كېسىلى(小儿麻痹症)نىڭ ئالدىنى ئېلىش، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئارقىلىق B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا چوقۇم ۋاقتى-ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش لازىم.


    تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى--- يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش
    ئاتا-ئانىلار بالىلارغا چوقۇم سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنىڭ رىتىملىق تۇرمۇش ئادىتى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم قىلىشى لازىم. ئۆسۈپ-يېتىلىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بالىلار كۈندە يېتەرلىك ئۇخلاشقا ئېھتىياجلىق. ئەگەر بالىڭىزنىڭ كېچىدىكى ...

  • بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(4)

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 783 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    1. ۋېتامىن A
    ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: كۆزنىڭ كېچىدە كۆرۈش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ئۈچەي ئاسان يۇقۇملىنىش، تېرە قۇرغاقلىشىش ۋە يىرىكلىشىش، ھەرخىل تېرە داغلىرى پەيدا بولۇش قاتارلىقلار.
    يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ۋېتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەردىن ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، سۈت تۈرىدىكىلەر، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، پەمىدۇر، قىزىل تاتلىقياڭيۇ، كۆممىقوناق، ماندارىن قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.


    8. ۋېتامىن B1
    ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: ئىشتىھاسى ناچارلىشىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىدۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، ئاسان ھېرىپ قالىدۇ، ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىش، ئاۋازى بوغۇلۇش قاتارلىق ئال...

  • بالا ھوشىدىن كەتسە ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 691 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
     بالا ئەس-ھوشىنى يوقاتقان بولىدۇ، لېكىن نەپەس ئېلىشى ۋە يۈرەك سوقۇشى مەۋجۇت. بۇ خىل ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن بالىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ نەپەس يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە تېزدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش لازىم....
  • ئۇزۇقلۇق يېتىشمىگەن بوۋاقلارنىڭ تاماق تىزىملىكى

    ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 841 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    ئۇزۇقلۇق يېتىشمىگەن بوۋاقلارنىڭ تاماق تىزىملىكى
    چىلان ماتېرىيال: قىزىل چىلان 100 گرام تەييارلاش ئۇسۇلى: قىزىل چىلاننى پاكىز يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ 20~15 مىنۇتقىچە پىششىق قاينىتىمىز.  چىلاننىڭ پوستى ۋە ئۇرۇقىنى چىقىرىۋىتىپ، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.  ماس كېلىش دائىرىسى : 10 ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار ئەسكەرتمە: چىلان ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان ياخشى مەھسۇلات، شۇڭا < مىۋە شاھى > دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چىلان تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلار ۋە 18 خىل ئامىنو كېسلاتاسى .  مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ، بولۇپمۇ ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئۈزۈم ۋە ئالمىنىڭ 80 ~ 70 ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ، ۋېتامىن Pنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننىڭ راكقا ...
  • بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇلدا كالتىسىي تولۇقلاش

    ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 877 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    كالتىسىينىڭ بوۋاقلارغا نىسبەتەن مۇھىم خۇسۇسىيىتى: ئادەم بەدىنىدىكى ئانئورگانىك تۇزلار ئارىسىدا كالتىسىينىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭ %99 ى سۆڭەك ۋە چىشتا بولۇپ، سۆڭەك ۋە چىشنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. قالغان %1 بولسا يۇمشاق توقۇلمىلار، قان ۋە ھۈجەيرە تاشقى سۇيۇقلۇقى قاتارلىق قىسىملاردا بولۇپ، بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقى بەدەن سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىقىنى تەڭشەيدۇ، نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشى شۇنداقلا يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ رىتىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بوۋاقلاردا كالتىسىي كەملەپ كەتكەندە راخت كېسەللىكى ياكى چىشنىڭ ئۆسۈشى ساغلام بولماسلىق، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، پۇت-قوللىرى تارتىشىپ قېلىش ئاسان قاناش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.


    تەركىبىدە كالتىسىي مول بولغان يېمەكلىكلەر: راك تېرىسى، لامىنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈن...

  • ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنى داۋالاش(3)

    ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 697 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
     گېن ئاكتىپلاشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى
    خىمىيەۋى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق γ گېنىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئاشۇرۇش ياكى αگېنىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئازايتىش ئارقىلىق β ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش، كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلاردىن جىڭجىنىياۋ، 5~AZC، ئارابىن سىتىدىن، مالىلەن، رىمىفون قاتارلىقلار بار بولۇپ بۇ خىلدىكى دورىلار تەتقىقات  ئۈستىدە.
    ...
  • بوۋاقلاردىكى قاتما كېسىلى (破伤风) قانداق كېسەللىك؟

    ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 918 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0


    بوۋاقلاردىكى قاتما كېسەل «تېتانۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ كىندىكىنى كەسكۈچنىڭ قولى، قايچا ۋە داكا قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق دېزىنفىكسىيە قىلىنماسلىقى سەۋەبىدىن  قاتما  تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ كىندىكتىن بۆسۈپ كىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپىنچە تۇغۇلۇپ 4-7 كۈن ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ. قاتما تاياقچە باكتېرىيسى كىندىكتىن كىرىپ سپازما توكسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، جاغ كىرىشىپ قېلىش، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇلى تارتىشىپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك.


    ...
  • قاتما كېسەللىكىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى

    ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 759 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    سۆڭەك سۇنۇش، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش، نەپەس توختاپ قېلىش قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر يۈز بېرىدۇ. 1. تۇنجۇقۇپ قېلىش: بوغۇز نەپەس ئېلىش مۇسكۇلنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە بەلغەمنىڭ كاناينى توسۇۋېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 2. ئۆپكە ياللۇغلىنىش: بوغۇز تارتىشىپ قېلىش، نەپەسلىنىش يولى راۋان بولماسلىق، كانايدا شىلىمشىق ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، بەدەننى نورمال ئۆرۈيەلمەسلىك قاتارلىقلار ئۆپكە ياللۇغلىنىش، ئۆپكە كۆپمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى.
    3. كىسلاتادىن زەھەرلىنىش: نەپەس راۋان بولماسلىق، نەپەس يېتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەردىن نەپەسلىنىش خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. مۇسكۇل جىددىي قىسقىرايدۇ، تاماق يېيەلمىگەچكە بەدەندىكى ياغ تولۇق پارچىلىنالماسلىقىدىن ھاسىل بولغان ھاسىلات مېتابولىزم...
  • كىچىك بالىلار بۇرۇن قاناش رىسالىىسىدىكى جەۋھەر تاللانمىلار

    ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 1087 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كىچىك بالىلار بۇرۇن قاناش رىسالىىسىدىكى جەۋھەر تاللانمىلار
    1.پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئاچچىق كاۋا شورپىسى
    ئوزۇقلۇق تەھلىلى: پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئاچچىق سوغۇق، قىزىتما پەسەيتىدۇ، ئاشقازاندىكى  قىززىقلىقنى پەسەيتىدۇ، شۇڭا ئىسسىقتىن بۇرۇن قانىغانلارنىڭ ياخشى تاللىشى.
    ياساش ئۇسۇلى: پۇرچاق  ئۇيۇتمىسىنى پارچە قىلىپ توغرايمىز، ئاچچىق كاۋىنى پاكىز يۇيۇپ نىپىز توغراپ، قۇم قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ، كاۋا ئېزىلىپ پۇرچاق ئۇيۇتمىسى پىشقىچە 2 سائەت قاينىتىپ ئاندىن تەڭشىگۈچىدىن قوشۇشۇپ تەييارلايمىز. ئادەتتە تۇز، قارا پۇرچاق، تېتىتقۇ، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلار تەمنى تەڭشەيدۇ، يالغۇز تۇزنىلا قوشسىمۇ بولىدۇ، قاڭسىق تەمنى باسىدۇ.
    2.توخۇ جىگىرى شۇمشا ئۇمىچى
    ئوزۇقلۇق كۆرسەتمىسى: بۇ ئۇماچ تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل،كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، سىنىك ھەمدە ۋىتامىن ...
  • بوۋاقلارغا دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى

    ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 896 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
     

    بوۋاقلارغا دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 


    1. باۋيىڭدەن(保婴丹): بۇ دورىنى بوۋاقلارغا  دائىم ئىشلەتسە بولىدۇ. كېسەللىك بايقالغاندا چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىكى مىقدار بويىچە ئىشلىتىش، كېسەل بولمىغان ئەھۋالدا چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىكى ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ يېرىمىچىلىك  ئىشلەتسە بولىدۇ.  2. ۋۇباۋسەن(五宝散): بۇ دورىنىڭ  ئىشلىتىش  ئورنى بىر  قەدەر كۆپ، ئاساسلىقى بالىلاردىكى ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن كېلىپ چىقىدىغان قورساق ئاغرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. 3. بوۋاقلار چاپلىمىسى(宝宝一贴灵): ئەگەر بوۋاقلارغا سۇغۇق  شامال تىگىپ قالسا چاپلاپ  قويسا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، لېكىن بۇنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى بۇ دورىنىڭ بالىغا رىئاكسىيە قىلمايدىغىنىنى جەزىمەشتۈرۋېلىش  كېرەك. ئىشلەتكەندە يېرىم سائەتتە بىر  قېتىم چاپلىغان ئۇرۇننى  ئ...
  • بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك(1)

    ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 778 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    ھازىرقى زامان ئىممۇنىتېت ئىلىمىنىڭ قارىشىچە: ئىممۇنىتېت بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ «ئۆز ۋە يات» پەرقلەندۈرۈپ،«يات» ماددىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان فزولوگىيەلىك رېئاكسىيە. بەدەندە بۇ خىل ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرىدىغىنى بولسا ئىممۇنىتېت سىستېمىسى. بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشى بالىلىرىنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشى ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇشتىكى بەزى ئاددى ئۇسۇللار بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ كېسەل بولۇش قېتىم سانىنى ئازايتىدۇ.


     1› ئانا سۈتى بىلەن بېقىش----تۇنجى ئىممۇنىتېت
     ئانا سۈتى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار بار بولۇپ بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. شۇڭلاشقا ئانا ...

  • تەرخەمەك شىرنىسى

    ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 1037 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     

    ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: بەش ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
    خۇرۇچلار: تەرخەمەك
    تەييارلاش ئۇسۇلى:
    1. تەرخەمەكنىڭ پوستىنى ئاقلىۋېتىمىز.
    2. ئۇنى كۆكتات قىرغۇچ بىلەن قىرىمىز.
    قىرىپ تەييارلانغان تەرخەمەكنى پاكىز داكىغا ئوراپ، سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

    ...
  • سۈيدۈك يولىدىكى يۇقۇملىنىش

    ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 874 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئاتا-ئانىدا ئىلگىرى سۈيدۈك يولىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا، قىزىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئوغلىنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، قىزىغا بەلكىم نىسبەتەن قىسقا سۈيدۈك يولى ياكى ئوچۇق دوۋساق شەكلى ئىرسىيەت قىلىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى غىدىقلىغۇچى ماددىلارغا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىدۇ.

    ...
  • بالىنىڭ تۇخۇم يېيىش ئوزۇقلۇق ئۇسۇلى

    ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 844 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    بالىنىڭ تۇخۇم يېيىش ئوزۇقلۇق ئۇسۇلى 
    تۇخۇمنى يېيىشنىڭ ئۇسۇلى ھەرخىل بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ھەزىم قىلىش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پىشۇرغاندا %100 پىشۇرۇش، قورىغاندا %97 قورۇش، مايدا يۇمشاق پىشۇرغاندا %98 پىشۇرۇش، مايدا قاتتىق پىشۇرماقچى بولسا %81.1 پىشۇرۇش، سۇدا، سۈتتە پىشۇرماقچى بولسا، %92.5 پىشۇرۇش، خام يېمەكچى بولسا %30 ~%50 قىلىپ يېيىش كېرەك، مۇشۇنىڭدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۇخۇمنى پىشۇرۇپ يىيىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، يۇمشاق چايناپ ئالدىرماي يۇتۇش كېرەك، بولمىسا ھەزىم ۋە سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارغا تۇخۇم يىگۈزۈشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار:
    1.تۇخۇمنى پىشۇرۇپ بېرىش، 4 تىن 1 قىسىم تۇخۇم سېرىقىنى سۇدا ياكى گۈرۈچ سۈيىدە ئىزىپ ئۇماچ ھالەتتە بېرىش كېرەك. 2.سۈت قازىنىغا كالا سۈتىنى قۇيۇپ، تۇخۇم سېرىقىنى چېقىپ، قوشۇقتا ئىلەشتۈرۈپ يەنە بىر تەرەپتىن ئاستا –ئاست...
  • بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(2)

    ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 756 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    1. سىنىك
    ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: تىلنىڭ تەم سەزگۈسى چىكىنىدۇ، دائىم نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ۋە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان ساقايمايدۇ. ئېغىر دەرىجىدە سىنىك كەم بولغان بولغان بوۋاقلاردا غەيرىي نەرسىلەرنى يەۋالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
    يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: بوۋاققا تەركىبىدە سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، ئويسىتېر قۇلۇلىسى، ئورۇق گۆش، ھايۋانات جىگىرى، بېلىق تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم، سېرىق پۇرچاق، كۆممىقوناق، سۆك، يېسسى پۇرچاق، بەرەڭگە، كاۋا، يېسىۋىلەك، تۇرۇپ، موگۇ، پىدىگەن، ياڭاق، قارىغاي ئۇرۇقى، ئاپلىسىن، لىمون قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈش كېرەك.


    2. يود
    ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: ئۆگىنىش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ، سەمىرىپ كېتىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىدۇ.
    ...

  • قان چىقىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

    ۋاقتى: 2015-08-31 ئاۋاتلىقى: 691 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كۆرگىلى بولىدىغان قان چىقىشقا نىسبەتەن دەرھال قان توختىتىش تەدبىرى قوللىنىش لازىم. پۇت-قوللاردا قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا داكا بىلەن ئوراپ قان توختىتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا قان توختىتىش بوغقۇچى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. قان توختىتىش بوغقۇچى ئارقىلىق قان توختىتىشقا ئامال بولمىغان ئەھۋالدا داكىنى يارا ئېغىزىغا كەپلەپ تۇرۇپ تېڭىش، ئەگەر تېڭىشقا مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا يارا ئېغىزىغا كەپلىگەن نەرسىنى قول بىلەن باسقان ھالەتتە ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. ئەگەر قان قۇسۇش، چوڭ تەرىتىدىن قان كېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە جىددىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش لازىم....
  • مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(10)

    ۋاقتى: 2015-08-31 ئاۋاتلىقى: 788 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بالىغا دەيدىغان سۆزلەر  1) ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان ئادەمگە بەك پىسەنت قىلىپ كەتمە، ھاياتىڭدا مەن ۋە ئاپاڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىش بۇرچى بولمايدۇ. ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئادەملەرنى چوقۇم قەدىرلە، رەھمىتىڭنى بىلدۈر.  2) ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان ئادەم بولمايدۇ، ئادەمنىڭ چوقۇم ئىرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىسى بولمايدۇ، بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلىسەڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭدىن ئايرىلىپ قالساڭمۇ، ئۇنىڭ ھېچقانچە ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالىسەن. 
    3) ھايات تولىمۇ قىسقا بولىدۇ، بۈگۈن بەلكىم ھاياتىڭنى ئىسراپ قىلىۋاتقان بولۇشىڭ مۇمكىن، قانچە بالدۇر ھاياتىڭنى قەدىرلىسەڭ، ھاياتتىن شۇنچە بالدۇر ھۇزۇرلىنالايسەن. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىپ ياشاشتىن، بالدۇرراق ھاياتنىڭ قەدرىگە يېتىش ئەۋزەلدۇر.  4) ...
جەمئىي 12 بەت/591پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 كېيىنكى بەت