ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
ۋاقتى: 2015-04-09
ئاۋاتلىقى: 629 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولغان تۇنجى ھەپتىسى، ئەمەلىيەتتە تېخى ھەقىقىي «ھامىلىدار» بولغان ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھامىلىمۇ تېخى شەكىللەنمىگەن بولىدۇ. ئۇ پەقەت، ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ «پىروزوما (前体)» ھالىتىدە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئانا ۋە دادا تەرەپنىڭ تېنىدە بولىدۇ. (رەسىمگە قاراڭ)
ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ سۈپىتى ئاتا-ئانىنىڭ تەن سالامەتلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن، چوقۇم ھەر جەھەتتى ھامىلىدارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.