ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2013-05-26 ئاۋاتلىقى: 641 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ساغلام بىر ئەرنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، دائىم 300-500 مىليونغىچە ئۇرۇق چىقىرىدۇ-دە، بۇ ئۇرۇقلا تۇخۇم بىلەن بىرلىشىش پۇرسىتىنى تالىشىدۇ. ئەلۋەتتە، مۇۋەپپەقىيەت بىرىنچى بولغۇچىغا مەنسۈپ، يەنى شۇنچە كۆپ ئۇرۇق ئىچىدىكى ئىككىنچى بولۇپ قالغۇچىمۇ يېڭىلگۈچىدۇر، بۇ مۇسابىقىدە پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئۇرۇق ئۇتۇق قازىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.


يېتىلگەن ئاياللار ئادەتتە ھەر ئايدا بىر قېتىم بىر تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇرۇق بىلەن بىرلىشىش پۇرسىتى يارىتىدۇ. بۇ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى قويۇپ بېرىش جەريانى تۇخۇم چىقىرىش دېيىلىدۇ. مەزكۇر ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 20 گە يېقىن تۇخۇم تۇخۇم پۈۋەكچىسىدە پىشىپ يېتىلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر تۇخۇم پۈۋەكچىسى باشقىلاردىن تېز ھەم ئەڭ بالدۇر پىشىپ يېتىلىپ، يېرىلىپ ئىچىدىكى تۇخۇمنى قويۇپ بېرىدۇ، ئەمما باشقا تۇخۇم پۈۋەكچىسى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۇخۇم يىگىلەپ ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.


تۇخۇمنىڭ تۇخۇم نەيچىسى ئىچىدىكى ئۆمرى 12-36 سائەتكىچە بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە، تەخمىنەن 300-500 مىليونغىچە ئۇرۇق بۇ تۇخۇم بىلەن بىرىكىش پۇرسىتىنى قولغان كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇخۇمغا يېتىپ بارالايدىغان ئۇرۇق تەخمىنەن بىر قانچە يۈز ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرى پەقەت بىر تاللا ئۇرۇق قاتمۇ-قات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بۇ تۇخۇم بىلەن بىرىكىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھاياتلىق مۇساپىسى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى