ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالدىكى ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالدىكى ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2013-05-26 ئاۋاتلىقى: 707 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېببىيدا دېيىلىۋاتقان ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسى دەل سىزنىڭ ھەيزىڭىز توختاپ ئىككىنچى قېتىملىق ھەيز دەۋرىيلىكى باشلانغان ھەپتىنى كۆرسىتىدۇ. بالىياتقۇ پەردىسى خۇددى مۇنبەت تۇپراققا ئوخشاش ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق ھالىتىگە كىرىدۇ. يېڭى تۇخۇم پىشىپ يېتىلىپ، مۇشۇ ھەپتە ئاياقلاشقان ھامان چىقىرىلىدۇ. ساغلام ئۇرۇقمۇ دادا تېنىدە داۋاملىق يېتىلىپ، تۇخۇم بىلەن ئۇچىرىشىشنى كۈتىدۇ. بەزى ھامىلىدار بولغۇچىلاردا، تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋاقتىدا بەلكىم روھى چۈشۈپ كېتىش، خۇي پەيلى يامان بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا ئايالنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، دادا بولغۇچىلار بۇ ۋاقىتتىكى ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشىگە كۆپرەك ياردەم بېرىشى كېرەك.


ئادەتتە، 2-ھەپتىسىگە كىرگەندىن كېيىن، ئاساسىي تېمپېراتۇرىغا ئاساسەن، تۇخۇم چىقىرىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىڭىزنى بىلەلەيسىز. بۇ ۋاقىتتا ياخشى تەييارلىق كۆرۈشىڭىز كېرەك. يولدىشىڭىز بىلەن بىرگە تەن ساغلام ھالىتىگە كىرىپ، ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا، ئۆزىڭىزنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. ھەمدە مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئوزۇقلۇقنى ياخشىلىشىڭىز، يۇپۇرماق كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن گىلاس، ياڭاق، ئالۇچا، ئۆرۈك، دولانە قاتارلىق مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشىڭىز كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى