ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 3- ھەپتىسى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى

ھامىلىدارلىقنىڭ 3- ھەپتىسى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى

ۋاقتى: 2016-05-28 ئاۋاتلىقى: 611 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسى، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم ئاللىبۇرۇن بىرلىشىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاسىل قىلغان، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ چوڭلۇقى 0.2 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 1.505 مىكروگىرام ھالەتتە بولىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم 3-4 كۈنلۈك ھەرىكەتتىن كېيىن، بالىياتقۇ بوشلۇقىغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئەسلىدىكى بىر ھۈجەيرىدىن كۆپلىگەن ھۈجەيرىگە ئايرىلىدۇ ۋە ھەمدە بىر تال ھەجىمى ئۆزگەرمەيدىغان ئۇيۇل ھالەتتىكى بىر تال ھۈجەيرىلەر توپىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ تۆرەلمە پۈۋەكچىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

تۆرەلمە پۈۋەكچىسى بالىياتقۇنىڭ ئىچكى دىۋارىغا يىتىپ بېرىپ، بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىدۇ. بۇ جەريان تۈرەلمىنىڭ بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ. كەلگۈسىدە بالا ھەمرىيىغا ئايلىنىدىغان بۇ بىر قىسىم تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن  (hCG ) ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ھورمۇن سىزنىڭ دەسلەپكى ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈتۈش نەتىجىڭىزنى مۇسبەت چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدە باش سۈيى خالتىسىغا ئايلىنىدىغان بوشلۇقتا، ھۈجەيرە ئەتراپىدا باش سۈيى يىغىلىشقا باشلايدۇ. 
ھامىلىدارلىق مەزگىلىڭىزدە، باش سۈيى ئىزچىل ھالدا ھامىلىنى ئوراپ، قوغداش رولىنى ئۆتەيدۇ. كىچىك تۇخۇم پۈۋەكچىڭىز بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم پەقەت مىكروسكوپتىلا كۆرگىلى بولىدىغان مىكرو يوللار ئارقىلىق بالىياتقۇ دىۋارى بىلەن تۇتىشىپ، ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىغا ئېرىشىدۇ. بالا ھەمرىيى كېيىنكى ھەپتىدىن باشلاپ يېتىلىشكە باشلايدۇ-دە، ئۆزىنىڭ بۇ مۇھىم بۇرچىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.



تۆۋەندىكىسى ھامىلىنىڭ ھەر قايسى قىسىمدىكى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈشى
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى:  ھامىلە ئاللىبۇرۇن قان تومۇرغا تولغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىگە كىرىشكە باشلايدۇ.
ھامىلە پۈۋەكچىسى: يېتىلىش دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ھامىلە بۇ ۋاقىتتا نەچچە يۈز تېز سۈرئەتتە بۆلۈنىۋاتقان ھۈجەيرىلەردىن بىر توپچىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ توپچە ھامىلە پۈۋەكچىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
تۇخۇم سېرىق خالتىسى: بۇ بوشلۇق تېزلا تۇخۇم سېرىق خالتىسىغا ئايلىنىپ، ئوماق ھامىلىڭىز ئۈچۈن قىزىل ھۈجەيرە ئىشلەپچىقىرىدۇ ھەم ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددا بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ خىزمەت ئودا بالا ھەمىرىيى بۇ بۇرچنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
ھامىلە: يېتىلىپ ھامىلىگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان ھۈجەيرە توپى نىپىز ئىككى قەۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
باش سۈيى خالتىسى: باش سۈيى بۇ بوشلۇقتا يىغىلىشقا باشلاپ، تېزلا ھامىلىنى ئوراپ، باش سۈيى خالتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ھامىلە ھۈجەيرىسى: بۇ ھۈجەيرىلەر تېزلا ھامىلىگە ئايلىنىدۇ. ھازىر، ئۇلار تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن (hCG) ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ھورمۇن سىزنىڭ دەسلەپكى ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈتۈش نەتىجىڭىزنى مۇسبەت چىقىرىدۇ. z
جىنسىي يول: بۇ ھەپتە ئاخىرىدا، بەلكىم جىنسىي يولدىن ئاز مىقداردا قان چىققانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ بەلكىم ھامىلە قان تومۇرغا تولغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كىرگەنلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى