ھامىلىدارلىقنىڭ 3- ھەپتىسىدە دادا بولغۇچىنىڭ مەسئولىيىتى
ۋاقتى: 2016-06-20
ئاۋاتلىقى: 573 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدە، ئايالىڭىز ئاللىبۇرۇن ھەقىقىي ھامىلىدار بولغان بولىدۇ. مۇبادا ئۆيىڭىزدە مۈشۈك، ئىت قاتارلىق ئەرمەك ھايۋانلار بار بولسا، دەرھال بۇ ھايۋانلىرىڭىزنى ئۆيۈڭلاردىن ئايرىۋېتىشىڭىز، ياكى ئايالىڭىز بىلەن يېقىن ئۇچراشتۇرماسلىقىڭىز كېرەك.
بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمە ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئەمدىلا ھامىلىدار بولغان ئايالىڭىز شاۋقۇن-سۈرەن ۋە قاتتىق تەۋرىنىشتىن يىراق تۇرۇشى، كۈچلۈك ئېلېكتىر ماگېنىت دولقۇنى بىلەن ئۇچراشماسلىقى كېرەك. ئۇندىن باشقا ئايالىڭىز بىلەن گەپ تالاشماسلىقىڭىز ئۇنىڭ كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.