ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن قانداق تەييارلىق كۆرۈش كېرەك؟

ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن قانداق تەييارلىق كۆرۈش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-09-18 ئاۋاتلىقى: 608 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۈپەتلىك تۇغۇتچىلار تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى جەھەتلەردە تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك.


1. ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشىنىش. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىن تۆۋەن بولسا، مۇۋاپىق مىقداردا يېمەك-ئىچمەكنى كۆپەيتىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ، يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىپ، تۆرەلمىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى مۇۋاپىق ئۇرۇقلاپ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىغا يەتكەندە ئاندىن ھامىلىدار بولۇش كېرەك. چۈنكى ھامىلىدار مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى 12. 5 كىلوگىرام ئاشىدىغان بولۇپ، ھەددىدىن زىياردە سېمىز ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچ سانى، يەنى بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگىرام) بىلەن بوي ئىگىزلىكى (مېتىر) نىڭ كىۋادىراتىنىڭ نىسبىتى 24 تىن چوڭ بولسا، ئاسان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ، دىئابېت كېسىلى، چوڭ بالا (巨大儿)، تۇغۇت قىيىن بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. چوقۇم كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق، ۋېتامىن ھەمدە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنى ياخشى غەملەش كېرەك. ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرگۈچى ئاياللار، كالا گۆشى، ھايۋانئاتلار جېگىرى، يېشىل سەي-كۆكتات، سۈت مەھسۇلاتلىرى، دانلىق زىرائەتلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر، كالتسىي، يوپۇرماق كىسلاتاسى ھەمدە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار بىر قەدەر يۇقىرى.
3. ناچار ئادەتلەرنى تاشلاش كېرەك. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، زەھەر چېكىش قاتارلىقلار ئۇرۇق، تۇخۇم، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم قاتارلىقلارغا زىيانلىق بولۇپ، ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن چوقۇم بۇ ئادەتلەرنى تاشلاش كېرەك. ھامىلىدار بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تاشلايمەن دېگەندە ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتكەن بولىدۇ.
4. خىزمەت مۇھىتىدىكى ناچار ئامىللاردىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن، رادىئوئاكتىپ نۇر، شاۋقۇن، خىمىيەۋى ماددا قاتارلىقلار. پۇرسەت يار بەرسە ئىمكانقەدەر مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا ئالمىشىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى