ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يېڭى ھاياتنىڭ باشلىنىشى قايسى شەرتلەرگە ئېھتىياجلىق؟

يېڭى ھاياتنىڭ باشلىنىشى قايسى شەرتلەرگە ئېھتىياجلىق؟

ۋاقتى: 2015-10-26 ئاۋاتلىقى: 647 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر ھاياتلىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ساناقسىز تاساددىپىيلىق ئامىللاردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ.
قىزلار جىنسىي يېتىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەر ئايلىق ھەيز دەۋرىدە، ئادەتتە بىر تۇخۇم پۈۋەكچىسى يېتىلىدۇ ھەمدە تۇخۇم چىقىرىدۇ. تۇخۇم چىقىرىش ئادەتتە ئىككى قېتىملىق ھەيز ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، كېلەر قېتىملىق ھەيز كېلىشتىن 14 كۈن ئەتراپىدا بۇرۇن بولىدۇ. تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىن، تۇخۇم تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئەڭ يوغان چەينەكسىمان قىسىمغا بېرىپ بۇ جايدا ئۇرۇقنى كۈتىدۇ.

 ئەر ھەر قېتىم سېپىرما چىقارغاندا، نەچچە مىليون ئۇرۇق چىقىرىدۇ. ئەمما تۇخۇم نەيچىسىنىڭ چەينەكسىمان قىسمىغا يېتىپ بارىدىغىنى ئادەتتە 200 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. كۆپلىگەن ئۇرۇق ئىچىدە، پەقەت 1 تال ئۇرۇق تۇخۇم نەيچىسىدىكى تۇخۇم بىلەن بىرىكىپ ئۇرۇقلىنىش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئۇرۇق تۇخۇمغا كىرگەندىن كېيىن، ئىككى جىنىسلىق يادرو بىرىكىپ بىر يېڭى ھۆجەيرىنى ھاسىل قىلىش جەريانى ئۇرۇقلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. يېڭى ھۆجەيرە ئۇرۇقلانغان تۇخۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر ھاياتلىق باشلىنىدۇ.
ھامىلىدار بولۇش بىر مۇرەككەپ فىزىئولوگىيەلىك جەريان بولۇپ، نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تۇخۇمدان نورمال تۇخۇم چىقىرىشى، مەنىي سۇيۇقلۇقىدا ھەرىكەتچان نورمال ئۇرۇق بولۇشى،  ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم تۇخۇم نەيچىسى ئىچىدە ئۆز-ئارا بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاسىل قىلىشى، يەنى «ئۇرۇق»نى ھاسىل قىلىشى، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالا ياتقۇ بوشلۇقىغا يېتىپ بېرىپ، بالا ياتقۇ ئىچكى پەردىسى چوقۇم ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئورنىغا ماس كېلىشى كېرەك. بۇ جەريان خۇددى بىر ھايات «ئۇرۇق»نىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق «تۇپراق» بولغانغان ئوخشاش. بۇ شەرتلەرنىڭ پەقەت بىرى نورمال بولمايدىكەن، ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر يېتىدۇ. تۇخۇم تۇخۇمداندىن چىقىرىلغاندىن كېيىن 15~18 سائەتتە ئۇرۇقلانسا ئەڭ ياخشى، ئەگەر 24 سائەت ئىچىدە ئۇرۇقلانمىسا جىنس ئۆزگىرىشكە باشلاپ، ئۇرۇقلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىتىدۇ. ئۇرۇق ئادەتتە ئاياللارنىڭ كۆپىيىش يولىدا 3~5 كۈنگىچە ھايات كەچۈرەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئىقتىدارى بار بولغان بولىدۇ. شۇڭا تۇخۇم چىقىرىشتىن 2~3 كۈن بۇرۇن ياكى تۇخۇم چىقىرىپ 24 سائەت ئىچىدە، يەنى كېلەر قېتىملىق ھەيزدىن 12~19 كۈن ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بولىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى