ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى تاللاش ئىمكانى بارمۇ؟

قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى تاللاش ئىمكانى بارمۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 570 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان پەرزەنت مەيلى ئوغۇل ۋەياكى قىز بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم. بىزدە پەرزەنت ياراتقۇچىنىڭ بىزلەرگە بەرگەن سوۋغىسى، قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن، يەتتە ئەزايى ساغلام تۇغۇلسىلا بولدى، دەيدىغان قاراش بار. بۇ خىل قاراش ھەقىقەتەن توغرا. ئەمما تېببىي ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەردە بالىنىڭ جىنسىنى خالىغانچە تاللاش ئىمكانى بارمىدۇ؟ دەيدىغان بىر خىل ئۈمىد پەيدا بولدى.


بالىنىڭ جىنسىنى بەلگىلەيدىغىنى X تىپلىق ياكى Y تىپلىق ئىككى خىل ئۇرۇقتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى تىپنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار بار. تەركىبىدە X خروموسوم (染色体) بولغان ئۇرۇق بىرقەدەر چوڭ ھەم ئېغىر، ھەرىكەت ئىقتىدارى ئاجىز ھەمدە سۈرئىتى ئاستا، كىسلاتالىق مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان بولۇپ، ئۆمرى ئۇزۇن، بۇ خىل ئۇرۇقتىن تۆرەلگەن بالا قىز بولىدۇ. تەركىبىدە Y خروموسوم (染色体) بولغان ئۇرۇق بىر قەدەر كىچىك، ھەرىكەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھەرىكەت سۈرئىتى تېز، ئىشقارغا مايىل بولۇپ كىسلاتادىن قورقىدۇ. ئۆمرى قىسقا بولۇپ، بۇ خىل ئۇرۇقتىن تۆرەلگەن بوۋاق ئوغۇل بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىقى ئىككى ئۇرۇقنىڭ پەرقى بولغان ئىكەن، تېببىي ئىلىمدا بىر ئامال قىلىپ بۇلارنى ئايرىپ چىقىپ ياكى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق بەلگىلىك نىسبەتتە جىنسنى بەلگىلەش ئىمكانىغا ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى