ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تويدىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتقىچە ھامىلىدار بولمىسا چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟

تويدىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتقىچە ھامىلىدار بولمىسا چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟

ۋاقتى: 2013-05-26 ئاۋاتلىقى: 671 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئەر-ئاياللار نورمال جىنسىي تۇرمۇشتا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلانمىغاندا ھەر ئايدا ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى %20~%25 بولىدىكەن. ئادەتتە %60 تىن يۇقىرى ئەر-ئاياللار يېڭى توي قىلىپ 3 ئاي ئىچىدە ھامىلىدار بولىدىكەن،  %95 ئەر-ئاياللار توي قىلىپ 1 يىل ئىچىدە ھامىلىدار بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىم ھامىلىدار بولماسلىقنىڭ سەۋەبى ئاسان ھامىلىدار بولىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىغانلىقتىن بولغان.

 شۇڭا ئەگەر ئودا 3 ئاي قەرەللىك ھامىلىدار بولۇش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ يەنىلا ھامىلىدار بولمىسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزدە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار تويدىن كېيىن 2 يىل ئەر-ئاياللار بىرگە تۇرۇپمۇ ھېچقانداق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمايمۇ  يەنىلا ھامىلىدار بولمىسا بۇنداقلار تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەزەلدىن ھامىلىدار بولۇپ باقمىغانلار ئەسلىدىنلا ھامىلىدار بولماسلىق دەپ قارىلىدۇ. 1 قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېتىم تۇغقان ياكى بالا چۈشۈرۈپ باققانلار ئىككىلەمچى ھامىلىدار بولماسلىق دەپ قارىلىدۇ. ياشنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىرى بار بولۇپ، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار 25 ياشتىن كېيىن كۆپىيىش ئىقتىدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىكەن. 30 ياشتىن كېيىن كۆپىيىش ئىقتىدارى شىددەت بىلەن چۈشىدىكەن. دۆلىتىمىز كېچىكىپ توي قىلىش كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولغاچقا، تۇغماسلىقتىن گۇمانلانغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى بۇرۇنراق دۇختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى