ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 646 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولىدۇ:
1. ئىچكى، تاشقى جىنسىي ئەزا ئامىلى. تۆشۈك بولمىغان قىزلىق پەردىسى، جىنسىي ئەزاسىدا يانتۇ پاسىل بولۇش (横隔)، تۇغما جىنسىي ئەزاسى بولماسلىق قاتارلىق غەيرىي ئەھۋاللار تۇغۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئېغىر جىنسىي ئەزا ياللۇغى بولغاندا، كۆپلىگەن مىكروئورگانىزملار ۋە ئاق ھۆجەيرىنىڭ ئۇرۇقنى يۇتۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


2. بالىياتقۇ بوينى ئامىلى. تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى ھەيزدىن كېيىنكى 1 مىللىمېتىرلىق دىئامېتىرى چوڭىيىپ 3 مىللىمېتىر بولىدۇ. بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى سۈزۈك بولۇپ،  PH قىممىتى 7. 0~8. 2 بولۇپ، جىنسىي ئەزانىڭ كىسلاتالىقىنى نىيتراللاشتۇرغانلىقتىن، ئۇرۇق ئاسانلا ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر ئاستا خاراكتىرلىق بالىياتقۇ ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا ياكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە كۆپلىگەن ئاق ھۆجەيرىنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى سۈپەتلىك شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ تەسرىگە ئۇچرىشىدىن ھامىلىدار بولالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بالىياتقۇ بوينىدا مونچاق گۆش پەيدا بولۇپ قالسىمۇ ئۇرۇقلىنىش جەريانىغا تەسىرى يېتىدۇ.



3. بالىياتقۇ ئامىلى. نورمال بالىياتقۇ ئورنىدا بالىياتقۇ ئالدىغا ئېغىشقان، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى ئارقىغا ئېغىشقان بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ سىپېرما قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى ئۇرۇق سۇيۇقلۇقى ئېرىقچىسىغا چىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇقلىنىشقا پايدىلىقتۇر. ئەگەر بالىياتقۇ ئارقىغا ئېغىشقان، بالىياتقۇ ئېغىزى ئالدىغا ئېغىشقان بولسا، ئۇرۇقنىڭ بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ-دە، ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر يېتىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى بولسىمۇ ئوخشاشلا ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
4. تۇخۇم نەيچىسى ئامىلى. تۇخۇم نەيچىسىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بېرى. تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغلىنىپ قالسا، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش ئازلايدۇ.
نەيچە بوشلۇقى ۋە پۈتكۈل تۇخۇمداننىڭ لۆمۈلدىشى ئاجىزلايدۇ-دە، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئېكتوپىك ھامىلىدارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. داس بوشلۇقى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنى ئالمىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولسىمۇ تۇخۇم نەيچىسىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىدىن ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. تۇخۇمدان ئامىلى. تۇغما تۇخۇمدان يوق بولۇش، بالىلىق تۇخۇمدان (幼稚卵巢)، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان (多囊卵巢) ياكى تۇخۇمدان ئىقتىدارى بالدۇر قېرىش، تۇخۇمدان ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم چىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ھامىلىدار بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. ئىمۇنتىت ئامىلى. ئاز بىر قىسىم ئەر-ئاياللارنى تەكشۈرگەندە ھېچقايسىسىدىن تۇغماسلىق سەۋەبى كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما تۇغماس ئايالنىڭ قان زەردابىدىكى ئۇرۇققا قارىشى تۇرغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كىيدۈرمىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق 3~6 ئاي ئىچىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى