ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاياللار تۇغمىسا قايسى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك؟

ئاياللار تۇغمىسا قايسى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2014-02-08 ئاۋاتلىقى: 639 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاياللاردىن تۇغماسلىققا گۇمانلانغاندا، تۆۋەندىكى 3 جەھەتتىن تەكشۈرۈش كېرەك:
1. كۆپىيىش نەيچىسىدە كېسەل بارمۇ-يوق ئېنىقلاش كېرەك. ئاياللار كېسەللىكلىرى تەكشۈرۈش ۋە  Bتىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىغا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بالىياتقۇنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، بالىياتقۇ غەيرىيلىكى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى ئالمىشىش كېسىلى قاتارلىقلار.


2. تۇخۇم چىقارغانمۇ يوق ئېنىقلاش كېرەك. ئاساسىي تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش ئاددى بولغان ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدۇر. ھەيزنىڭ 3-كۈنى قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئاجرالمىلارنى تەكشۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، FSH (تۇخۇم پۈۋەكچىسى ستىمولىنى )، LH (سېرىق تەنچە پەيدا قىلغۇچى ھورمۇن )، E (ئانىلىق ھورمۇن )، P (ھامىلىدارلىق ھورمۇنى) ،T  (تېستوستېرون )قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان، تۇخۇمدان بالدۇر قېرىش، يۇقىرى سۈت ئاجراتقۇچى قان كېسىلى (高泌乳素血症)، تۆۋەن جىنسىي بەز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇنى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ.


 

 جىنسىي ئەزا Bتىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۇرۇش ئارقىلىق تۇخۇمدان پۈۋەكچىسىنىڭ يېتىلىشىنى ۋە تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارغانمۇ يوق بىلگىلى بولىدۇ ھەمدە يېرىلمىغان تۇخۇم پۈۋەكچىسى فلاۋىنلاش ئۇنىۋېرسال كېسىلى (تۇخۇم پۈۋەكچىسى يېتىلگەن، ئەمما تۇخۇم ئاجراتمىغانلىقتىن تۇخۇم پۈۋەكچىسى داۋاملىق يوغىناپ ھەمدە فلاۋىنلاش سەۋەبىدىن ئاساسىي تېمپېراتۇرىسى قوش فازىلىققا ئىگە، ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەكشۈرۈش بەلكىم نورمال بولۇشى مۇمكىن. يەنى ئاددىيلاشتۇرۇپ LUFS دەپ ئاتىلىدۇ. )
3. تۇخۇم نەيچىسى راۋانمۇ يوق بۇنى ئېنىقلاش كېرەك. ھەيز پاكىزلانغاندىن كېيىن 3~5 كۈن ئىچىدە تۇخۇم نەيچىسى ئۆتكۈزۈش سۇيۇقلۇقى سىناق قىلىش ياكى بالىياتقۇ نەيچىسىگە تەسىر قىلدۇرۇش، بالىياتقۇ بوشلۇق ئەينىكىنى تەكشۈرۈش، قورساق بوشلۇقى ئەينىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ بالىياتقۇ ۋە داس بوشلۇقىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە بالىياتقۇ ئەتراپى شۇنداقلا تۇخۇمداندا كېسەل بارمۇ يوق تەكشۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىممۇنىتېت ئامىلىنى تەكشۈرۈش كېرەك. مەسىلەن قان ئېلىپ ئۇرۇققا قارىشى تۇرغۇچى ئانتىتېلانى تەكشۈرۈش. يېقىندىن بېرى تەخمىنەن %25 ئەتراپىدىكى سەۋەبىنى بىلگىلى بولمايدىغان ھامىلىدار بولالماسلىقنى بەلكىم ئۇرۇققا قارىشى تۇرغۇچى ئانتىتېلا سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇرۇققا قارىشى تۇرغۇچى ئانتىتېلالار بەدەنگە كىرگەن ئۇرۇقنى ئۆلتۈرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى