ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن داۋالاشقا تېگىشلىك 8 كېسەللىك

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن داۋالاشقا تېگىشلىك 8 كېسەللىك

ۋاقتى: 2014-02-08 ئاۋاتلىقى: 489 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. قان ئازلىق
ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق ھامىلىدار ئاياللارنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئازابلاپلا قالماستىن، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ناۋادا پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلاشقان ئاياللاردا قان ئازلىق كېسەللىكلىرى بولسا، يېمەكلىكتىن تۇلۇق تۆمۈر ۋە ئاقسىل، مۇۋاپىق مىقداردا تۆمۈر رىئاكتىپى تۇلۇقلاپ، قان ئازلىق ئەھۋالى ياخشلانغاندىن كېيىن، ئاندىن ھامىلىدار بۇلۇش لازىم.


2. تۇبېركۇليۇز كېسىلى
تۇبېركۇليۇز كېسلى بىۋاستە ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار بۇلۇشتىن بۇرۇن جەزمەن داۋالىتىپ ساقايتىش كېرەك.
3. يۈرەك كېسىلى
 يۈرەك ئىقتىدارى بىنورمال بولسا قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بالا ھەمرىيى قان تومۇرلىرىنىڭ غەيرى بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ، بالا چۈشۈپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇلۇش، ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنى ۋە ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىتىش ۋە دوختۇرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاش كېرەك.



3. بۆرەك كېسەللىكى
بۆرەك كېسەللىكى بىمارلىرى ئەگەر ھامىلىدار بولسا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، بالا چۈشۈپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇلۇش، بەزىلىرىدە ھەتتا ھامىلىدارلىقنى توختىشىشقا مەجبور بۇلۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بۆرەك كېسەللىكىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئالامەتلىرىگە ئاساسەن، دوختۇردىن ھامىلىدار بۇلۇش ئىمكانىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم.
4. يۇقىرى قان بىسىم كېسەللىكى
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئاسانلا ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بۇلىدۇ ھەمدە ئېغىر كېسەللىك ئەھۋالىغا ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ قان بىسىم قىممىتىنى ئۇقمايدىغانلاردا قاتتىق باش ئاغرىش، مۈرىلەر سىرقىراپ ئاغرىش، ئۇيقۇسىراش، باش قېيىش ۋە سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم.


5. جىگەر كېسەللىكلىرى
ھامىلىدارلىقتىن كېيىن، جىگەرنىڭ بېسىمى ئارتىدۇ، ئەگەر جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا، جىگەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ناچارلىشىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ھامىلىدارلىقنى توختىتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى يىنىك بولسا، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىنى داۋاملاشتۇرسا بۇلىدۇ.



6. دىيابېت كېسەللىكى
ھامىلىدار ئاياللاردا دىيابېت كېسەللىكى بولسا، بالا چۈشۈپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇلۇش، بەزىدە بالا بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بالىنىڭ زىيادە چوڭلاش، كەمتۈك بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا دوختۇردىن ھامىلىدار بولسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
7. دوۋساق ياللۇغى، بۆرەك جامى-بۆرەك ياللۇغى
دوۋساق ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ بۆرەك جامى-بۆرەك ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ، بۆرەك جامى-بۆرەك ياللۇغى بىمارلىرىدا سۈيدۈك كۆپ بۇلۇش، سۈيدۈكنىڭ ھەممىسىنى چىقىرالماسلىق ۋە سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. دوۋساق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاياللار چوقۇم داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش كېرەك.
8. جىنسىي يول ياللۇغى
جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ تۈرى كۆپ بۇلۇپ، كۆپىنچىسى تەسۋىسىمان باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كېسەللىك بار ئەھۋالدا يەڭگىگەندە، ھامىلىنى ياللۇغلاندۇرۇپ، بوۋاقنىڭ جاۋغاي ياللۇغى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى