بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-08-06
ئاۋاتلىقى: 569 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش دېگىنىمىز، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇ بوشلۇقى سىرتقى قىسمىدا يېتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە %95 بالىياتقۇ سىرتىدا يېتىلىش تۇخۇم نەيچىسىدە بولىدۇ. ئۇنىڭدا باشقا قىسملاردىن تۇخۇمدان، قورساق قىسىم ۋە بالىياتقۇ بوينى قاتارلىق جايلاردا ئۆسۈپ يىتىلىدۇ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا «يات ئورۇندا ھامىلىدار بولۇش» دېيىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئورۇنلاردا تۆرەلمە ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان ئوزۇقلۇق يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بويىدىن ئاجراپ كېتىش، يېرىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.