ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالدۇر تۇغۇلۇش دېگەن نېمە؟ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

بالدۇر تۇغۇلۇش دېگەن نېمە؟ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-17 ئاۋاتلىقى: 655 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالدۇر تۇغۇلۇش دېگىنىمىز ھامىلىدار ئايال ۋاقتى توشماي تۇرۇپ تۇغۇشنى، يەنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ھامىلىدار بولۇپ 28 ھەپتىدىن 37 ھەپتىگىچە ئارىلىقتا تۇققانلارنى كۆرسىتىدۇ. بالدۇر تۇغۇلۇش ئاي كۈنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، تۇغۇلغان بالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ھايات قېلىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بالدۇر تۇغۇلۇش ئاي كۈنى قانچە كىچىك بولسا، بالىنىڭ ئېغىرلىقى شۇنچە يىنىك، ھايات قېلىش ئىقتىدارى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا كۈچلۈك بولىدۇ.
بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بېرى: بولۇپمۇ ئاي كۈنى كىچىك بولغان بالدۇر تۇغۇلۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى كىچىكلىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا.


بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ بىز بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى.
ئانا جەھەتتىكى سەۋەب: ھامىلىدار بولغۇچى جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل، ئېغىر قان ئازلىق ۋە يۈرەك، جېگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسا، شۇنىڭدەك ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەگەشمە كېسەللىك يۇقىرى خەتەرلىك تۇغۇت (妊高症)، تۇغۇشتىن بۇرۇن قان چىقىش، تۆرەلمە پەردىسى بالدۇر يىرتىلىپ كېتىش، بالىياتقۇ غەيرىيلىكى، سىرتقى زەخمىلىنىش قاتارلىقلار.



تۆرەلمە جەھەتتىكى سەۋەب: قوشكېزەك، كۆپكېزەك، باش سۈيى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش، تۆرەلمە غەيرىيلىكى قاتارلىقلار.
بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا:
بىرىنچىدىن، ھامىلىدار ئايال تۇغۇتتىن بۇرۇن چوقۇم تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى قەرەللىك ھالدا ئېلىپ بېرىشى، يۇقىرىقى كېسەللىكلەرنى ئىمكانقەدەر بالدۇر بايقاپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشى، بۇ خىل بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەرنى يۇقىتىش ياكى ئازايتىش كېرەك.
ئىككىنچىدىن، ھامىلىدار ئايال ھەددىدىن زىيادە ھېرىپ-چارچاشتىن، روھى جىددىچىلىكتىن ساقلىنىش، ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئىمكانقەدەر رادىئاكتىپلىق نۇر قاتارلىق ماددىلار بىلەن يولۇقۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، ئۆي ئىشلىرىدا بەلگىلىك پەرھىزلەرنى تۇتۇش، كۆپكېزەكلىك ياكى بالدۇر تۇغۇلۇش تارىخى بارلار چوقۇم بالدۇر دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دوختۇرخانىدا ئارام ئېلىش ۋە داۋالىنىشى كېرەك. ئەگەر بالدۇر تۇغۇلۇش ئالامەتلىرى بايقالسا، مەسىلەن، قورساق ئاستىنقى قىسمى ئاغىرىش، جىنسىي ئەزادىن قان چىقىش ئەھۋاللىرى بايقالسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. دوختۇر كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش دورىلىرىنى، تىنچلاندۇرۇش دورىسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك بېرىشى ۋە كارىۋاتتا دەم ئېلىش قاتارلىقلار. كۆپ ساندىكى ھامىلىدار ئاياللارنى داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ، ئاز ساندىكى ھامىلىدار ئاياللاردا بەلكىم ھامىلىدارلىق ۋاقىتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق تۆرەلمىنىڭ ھايات قىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى