ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالتۇن پەسىلى قاچان؟

ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالتۇن پەسىلى قاچان؟

ۋاقتى: 2016-01-25 ئاۋاتلىقى: 538 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى
بالىياتقۇنىڭ تارىيىش كۈچى ئاجىز بولسا، ھامىلىنىڭ ئورۇنلىشىشى توغرا بولماي، ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئاياللارنىڭ 27-24 ياش ۋاقىتلىرى ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى 30 ياشتىن ھالقىپ كەتمىگەن، بولۇپمۇ 35 ياشتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش كېرەك. چۈنكى، ياش چوڭلاپ كەتكەندە، تۇخۇم ھۈجەيرىسىدە غەيرىي ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ-دە، ھامىلە غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئېشىپ، سۈپەتلىك تۇغۇشقا پايدىسىز. 


ئىككىنچى، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسىلى
تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنسانلارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى، قورساق كۆتۈرۈشى ۋە تۇغۇت جەريانىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدار بولۇشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك پەسىلنى تاللاش ئانىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، ھامىلىدار بولۇشتىن ئاۋۋال ھامىلىدار بولۇش پەسىلىنى ئىمكانقەدەر ياخشى تاللاش كېرەك. ئادەتتە، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالتۇن پەسىلى باھارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە كۈز پەسىلىنىڭ باشلىرىدۇر. يەنى، يىلنىڭ 4-3 ئايلىرى ۋە 10-9 ئايلار ھامىلىدار بولۇشقا ئەڭ باب كېلىدۇ.

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدا، 45  مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئانىلىرى باھار ۋە كۈز پەسىلىدە ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر بويىچە ئەلا بولۇش نىسبىتى %60 بولغان. چۈنكى، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ھامىلىنىڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى يېتىلىدىغان مۇھىم مەزگىل بولۇپ، زىيادە ئىسسىق ۋە تومۇز ھاۋا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سېزىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىشتىھاسىنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئاقسىل قوبۇل قىلىشىنى ئازلىتىپ، ئورگانىزمنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن؛ قىش-قۇرۇن سوغۇقلاردا يېڭى سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر كەم بولغاننىڭ ئۈستىگە، ھامىلىدار ئايال ئۆي ئىچىگە قامىلىپ قېلىپ، نورمال ھەرىكەتلىنىشى، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن. بۇندىن باشقا، سەللا دىققەت قىلمىغاندا ئوڭايلا زۇكامداپ قالىدىغان ئىشكەن. مۇشۇنىڭدەك ھامىلىدارلىققا پايدسىز ھاۋا كېلماتلىرى ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ۋە ئەقلى ئىقتىدارىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

باھارنىڭ ئاخىرقى ئايلىرى، يەنى 4-3 ئايلاردا ھامىلىدار بولغاندا، بۇ ئايلار تەبىئەت راسا ياشنىغان، گۈللەر ئېچىلىپ، قۇشلار سايراشنى باشلىغان ئاجايىپ گۈزەل پەسىل بولۇپ، ھاۋا تېمپېراتورىسى مۇۋاپىق، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئولتۇرۇپ-قوپۇشى، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تەڭشەش ناھايىتى ئوڭايغا توختايدۇ. بۇ خىل شارائىت ھامىلىدارلىق دەسلەپكى مەزگىللىرىنى تېنچ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ناھايىتى پايدىلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ھامىلە غەيرىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق. «كۈزنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى، ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كېلىنىڭنى سال» دەپ بىكار ئېيتمىغان كونىلار. دەرۋەقە، بۇ ئايلاردىكى ئاپتاپ ناھايىتى راھەتبەخىش بولۇپ، يېتەرلىك كۈن نۇرى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ۋېتامىن D ، كالىتسىي، فوسفور قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھامىلىنىڭ سۆڭەك تەرەققىياتىغا ۋە يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بوۋاقلاردىمۇ كالتسىي يېتىشمەسلىك ئەھۋالى نىسبەتەن ئاز كۆرۈلىدۇ ياكى يېنىك دەرىجىدە بولىدۇ.
كۈز پەسىلىنىڭ باش ئايلىرى، يەنى 10-9 ئايلارمۇ ھامىلىدار بولۇشقا بىرقەدەر مۇۋاپىق. چۈنكى، بۇ چاغلارمۇ ھاۋا كېلىمات مۇۋاپىق بولۇپلا قالماي، تۈرلۈك سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر، ھەرخىل ئوزۇقلۇق تۈرلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان ئىسمى جىسمىغا لايىق ئالتۇن پەسىلدۇر. بۇ مەزگىل ھامىلىدار ئايالنىڭ ئوزۇقلىنىشى، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق. بۇندىن باشقا، بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار بولغاندا، بالىنىڭ تۇغۇلۇش مۆلچەر ۋاقتى كېلەر يىلنىڭ باھار پەسلىنىڭ ئاخىرى ياكى ياز پەسلىنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغلارمۇ ئوخشاشلا ئەمدىلا كۆزى يورىغان ئانىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە، سۈت چىقىشىغا، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنى پەرۋىشلەشكە ناھايىتى باب  كېلىدۇ. يېتەرلىك كۈن نۇرى بوۋاقنىڭ سۆڭەڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، راخىت كېسىلى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.



ئۈچىنچى، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى
بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئاجرىلىش پەيتىگە توغرا كەلگەن شۇ كۈن ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى 5 كۈن ئىچىدە، ئەر-خوتۇنلار بىرگە بولغاندا، ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولۇش نسىبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن. ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەل تۇخۇم ئاجرالغان كۈنى بولىدىكەن.
بېكەت تەۋسىيەسى:
ھامىلىدار بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇپ، ھامىلىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تۇخۇم ئاجرىلىش پەيتى يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال (5-3 كۈن بۇرۇن) ئەر-خوتۇنلار بىر مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەي، ھەر ئىككى تەرەپ ئەڭ ياخشى بىرگە بولۇش كەيىپىياتى ۋە قۇۋۋىتىنى ھازىرلىشى كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانىنىڭ بەك ئاز ياكى بەك كۆپ بولۇشى ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولۇشقا پايدىسىز. جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى زىيادە قىسقا، مەنىي سۇيۇقلۇقى سۇيۇق، تەركىبىدىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئۇرۇق ئاز بولسىمۇ ئوخشاشلا ھامىلىدار بولۇشقا پايدىسىز. ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئۈچۈن جەزمەن جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىشى زۆرۈر ئەمەس. ئەمما، جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىش ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ چاغدىكى بالىياتقۇنىڭ ئىچكى بېسىمى تۆۋەنلەپ، مەنپىي بېسىم ھاسىل قىلىپ كۈچلۈك سۈمۈرۈش ئۈنۈمىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، بۇ ئۇرۇقنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۈزۈپ كىرىشىكە پايدىلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى