ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ساياھەت جەريانىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ قانداق ناتوغرا تەرىپى بار؟

ساياھەت جەريانىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ قانداق ناتوغرا تەرىپى بار؟

ۋاقتى: 2016-03-08 ئاۋاتلىقى: 699 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ساياھەت قىلىپ توي قىلىش نەزەر دائىرىنى ئېچىپ، بىلىمنى كېڭەيتىشتەك كۆپ تەرەپلىمە ئارتۇقچىلىقى بار بولۇپ، يېڭى توي قىلغان ئەر-ئاياللارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. ئەمما سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە ساغلاملىق نوقتىسىدىن قارىغاندا، ساياھەت جەريانىدا ھامىلىدار بولۇشنى تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدۇ.
بىرىنچىدىن، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ توي ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلىدۇ. روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ماغدۇرسىزلىنىدۇ. ساياھەتتە توي قىلىش تاغقا چىقىش، سۇغا چۆمۈلۈش، ماشىنىغا ئولتۇرۇش، كېمىگە چىقىش قاتارلىق ئىشلاردا كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلغاندىن سىرت، ناھايىتى ھېرىپ كېتىدۇ. ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاخىرلاشتۇرۇۋېتىپ، زۇكام بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئىككىنچىدىن، يېڭى توي قىلغاندا، ھەمىشە ئۆي ئىشلىرى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ساياھەت جەريانىدىكى ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى، جىنسىي ئەزالارنىڭ تازىلىقىنى ياخشى ساقلىغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئايال تەرەپ ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش، كۆپىيىش ئەزاسى ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر سالامەتلىككە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. يەنە كېلىپ ساياھەتتە توي قىلىش ئادەتتىكى تۇرمۇش رېتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مۇھىتنىڭ بىخەتەر بولماسلىقى، تاماقتىن قالغانلىق سەۋەبىدىن سۈپەتلىك تۇغۇشقا ناچار تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ھامىلىدار بولغان تەقدىردىمۇ بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئېھتىمالى كۆپ بولىدۇ.
يېڭى توي قىلغان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىنچە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ساياھەت جەريانىدا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قېلىش كېرەك. ساياھەت مەزگىلىدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىشتۇر. ئەمما بەزى ئاياللارغا ئەكس تەسىر قىلسا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كىيدۈرمىسى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى