ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىرسىي كېسەللىكلەرگە ئائىت سوئال -جاۋابلار سوئال

ئىرسىي كېسەللىكلەرگە ئائىت سوئال -جاۋابلار سوئال

ۋاقتى: 2016-06-02 ئاۋاتلىقى: 814 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سوئال: بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئايالى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېرىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بارلىقىنى بايقاپتۇ، ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلادلاردا تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى قانچىلىك؟
جاۋاب: تۇتقاقلىق كېسىلى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ نەتىجىسىدە كۆرۈلىدۇ.  مۇھىت ئامىل،  مەسىلەن: تۇغۇت زەخمىسى، سىرتقى مېڭە زەخىملىنىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ، ئىرسىيەتمۇ تۇتقاقلىقىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل. شۇڭلاشقا نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ دىياگنوزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن،  ئەگەر بىرلەمچى تۇتقاقلىق بولسا، گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئائىلە نەسەبىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم. ئەگەر دائىمىي خىروموسوم ئۈستىدىكى ئاشكارا گېن كونتروللۇقىدىكى كېسەللىك بولسا،  ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى  %50 بولىدۇ.


سوئال: ئەگەر تۇغما گاس، گاچا بالا تۇغۇلسا،  بۇ بالىدا پەقەت گاس-گاچا بولۇشتىن سىرت باشقا غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلمىسە، يەنە بىرنى تۇغقاندىن كېيىن تۇغۇلغان بوۋاق يەنە گاس-گاچا تۇغۇلامدۇ؟
جاۋاب: گاس-گاچىلىق بولسا ناھايىتى مۇرەككەپ كېسەللىك بولۇپ بىر خىل ئىرسىي كېسەل ھېسابلىنىدۇ، يەنە مۇھىت ئامىلى سەۋەبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ. تۇغما خاراكتېرلىكمۇ بولىدۇ، كېيىن پەيدا بولىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. ئاددىيمۇ بولىدۇ، غەيرىي يىغىندى شەكىللىكمۇ بولىدۇ. مۇكەممەلمۇ بولىدۇ، غەيرىي مۇكەممەلمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا قۇلاق-بۇرۇن-تاماق كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى دەسلەپكى قەدەمدە دىياگنوز قويسا بولىدۇ. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا گاسلىقنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %0.1،  ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ سانى 100 خىلدىن ئاشىدۇ، يۇقىرى ئىرسىيەت ئاللوپلازما خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. تۇغما گاسلىق دائىمىي خىروموسوم ئۈستىدىكى يوشۇرۇن گېن كونتروللۇقىدىكى ئىرسىي كېسەل،  دائىمىي خىروموسوم ئۈستىدىكى ئاشكارا گېن كونتروللۇقىدىكى ئىرسىي كېسەل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قىسمەن بىمارلاردا بىر قىسىم كۆپ گېنلىق ئىرسىي ئامىللارنىڭ تەسىرى بولغان بولىدۇ.



سوئال: بىر ئايال ئۇزۇن يىللاردىن بىرى مەلۇم خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا ئىشلەپ كەلگەن بولۇپ بالىسىدا غەيرىيلىك كۆرۈلۈشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرىگەن، ئۇنداقتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم؟
جاۋاب: ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى دوختۇرغا ئېيتىش،  مەسىلەن: دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ماددىلار، ئۇچرىشىش ۋاقتى، ئۇچرىشىش دەرىجىسى،  ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى قايسى ۋاقىتلاردا ئۇچراشقانلىقى دېگەندەك. چۈنكى، ھامىلىدارلىقنىڭ 20-60 كۈنى بولسا ھامىلىدارلىقنىڭ ناھايىتى سەزگۈر مەزگىلى،  بىراق 2 ئايدىن كېيىن ھامىلىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر رادىياتسىيە بىلەن ئۇچراشقان بولسا، خىروموسۇمنى تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق رادىياتسىيە مىقدارىنىڭ ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. ھامىلىدار بولغاندىن 14 ھەپتىدىن كېيىن B تىپلىق تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقى بىلىملەرنى چۈشەنگەندىن كېيىن،  مەن ئويلايمەنكى ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر ئاز گۇمان بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە،  كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار پۈتۈنلەي ساغلام بوۋاققا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ نۇقتىدا چوقۇم خاتىرجەم بولۇش كېرەك. ئەگەر سىز يەنىلا ئەنسىرىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى تۇغۇتتىن ئىلگىرى ياخشى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى