ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەقلى-ئىقتىدارى بىلەن ھامىلىدار ئانا ۋە بوۋاقنىڭ يېمەك-ئىچمىكى

ئەقلى-ئىقتىدارى بىلەن ھامىلىدار ئانا ۋە بوۋاقنىڭ يېمەك-ئىچمىكى

ۋاقتى: 2016-03-29 ئاۋاتلىقى: 578 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى: كاللىنى تېخىمۇ ئەقىللىك قىلىدىغان يېمەكلىك مەۋجۇت.  ياپونىيە ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى (Osaka University) ئاقسىل تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى جوڭ چۈۋەن با لاڭ يېمەك-ئىچمەك بىلەن خاراكتېر ھەم مەنىۋى پائالىيەتنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.  مەسىلەن: ياۋروپا، ئامېرىكىلىقلار گۆشنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلغاچقا، نەزەرىيەۋى تەپەككۈرگە ماھىر، قەيسەر، جاھىل؛ ئەكسىچە ياپونىيەلىكلەر گۈرۈچنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلغاچقا، بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا باي بولىدۇ. 


كۆپ ساندىكى مېڭە ماددىسى ئامىنو كىسلاتادىن بىرىككەن، ئەكسىچە ئامىنو كىسلاتانىڭ كېلىش مەنبەسى بولسا ئاقسىل، شۇڭا، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بەلگىلىك دەرىجىدە ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ.  ۋېتامىن بىلەن مېڭە ماددىسى ھەم ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارى ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتكە سەل قارىماسلىق كېرەك. 
ئوزۇقلۇقتا ۋېتامىن B1 نىڭ كەمچىل بولۇشى، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا نىسبەتەن ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.  ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغۇچىلاردا «بېرىبېرى كېسەللىكى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەم ئېغىر بولغان روھى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. 
ئورگانىزمدا دەسلەپكى مەزگىلدە ۋېتامىن B5 كەمچىل بولسا، ئەقلى-ئىقتىدارنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىنكاسى ئاستا، قورقۇنچاق، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكىتى بىنورمال بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.  ۋېتامىن B5 ئۇزۇن مەزگىل كەمچىل بولسا «داۋاملاشما خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك كېسىلى» كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىر بولغۇچىلاردا «ساراڭلىق» كۆرۈلىدۇ. 



ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدە ۋېتامىن B6 كەمچىل بولغان ۋاقىتتا، مېڭە ماددىسى ھاسىل قىلىدىغان تىروسىننىڭ فېرمېنت ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاق تۇغۇلىدۇ. بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇقىدا ۋېتامىن  B6كەمچىل بولسا چۆچۈش، نېرۋا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
ئوزۇقلۇقتا ۋېتامىن  B11نىڭ كەمچىل بولۇشى، باش قېيىش، باش ئاغرىشتىن باشقا يەنە روھى كېسەللىككە گىرىپتار قىلىپ قويۇشى ھەم ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، تىت-تىت بولۇش، ئىچى سىقىلىش، خاتىرجەمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 
ئوزۇقلۇقتا ۋېتامىن B12  كەمچىل بولسا ئاسانلا «ئەقلى ئىقتىدارى چېكىنىش خاراكتېرلىك روھى كېسەل»گە گىرىپتار بولۇپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، گېپى قولاشماسلىق، خاراكتېرى باشقىچە بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 
ئوزۇقلۇقتا ۋېتامىن C كەم بولسا، ئىنچىكە نېرۋا كانالچىلىرىنىڭ چوڭ مېڭىگە ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق ماددىغا ئېرىشەلمەيدۇ. 
ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى:
سەي-كۆكتات بوۋاقلارنى ئۆتكۈر قىلىشى مۇمكىن
كىشىلەرنىڭ تۇغما ئەقلى-قابىلىيىتىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى، ھامىلە ۋاقتىدا ئانا تېنىدىن قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.   ئالىملار ئۇزاق مەزگىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سەي-كۆكتاتتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. 
بىر قىسىم ھامىلىدار ئايال ۋە بالىلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا تاماق تاللاش، بىرلا خىل يېمەكلىكىنى يېيىش ۋە سەي يېمەسلىكتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇ بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى، ئەقلى -ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن زىيانلىق. 



ئالىملار مۇنداق تەجرىبە ئىشلىدى، بىر قىسىم ئەقلى-ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، بىر گۇرۇپپىغا تەركىبىدە ۋېتامىن A، ۋېتامىن C ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى، B تۈردىكى ۋېتامىن مول بولغان كۆكتات ھەم مىنېرال ماددىلار بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان، ئىككىنچى گۇرۇپپىغا ئارام بەرگۈچى دورا بېرىلگەن.  بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يېمەكلىكىدە ۋېتامىن مول بولغان بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارى ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.  ئارام بەرگۈچى دورا بېرىلگەن گۇرۇپپىغىمۇ تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغان كۆكتاتنى تولۇقلاپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ياغ، ئاقسىل، قەنت، ۋېتامىن قاتارلىق يەتتە خىل ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن تۈزۈلگەن.  بۇنىڭ ئىچىدە B تۈردىكى ۋېتامىن، ۋېتامىن C ۋە E ناھايىتى مول، بۇ ۋېتامىن بىلەن بالىلارنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ. يېڭى سەي-كۆكتاتلاردا چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ مىقداردىكى B تۈردىكى ۋېتامىن، ۋېتامىن C  ۋە E لار مەۋجۇت، ئۇلارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. بالىلارنىڭ ئاقسىل، ياغ، قەنتلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەكسىچە ۋېتامىنلار بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا سەل قارىغاندا بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە ۋە ئەقلى-ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى