ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

X زەنجىرسىمان ئېرسىي كېسەللىكى

X زەنجىرسىمان ئېرسىي كېسەللىكى

ۋاقتى: 2016-01-29 ئاۋاتلىقى: 541 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاللىبۇرۇن بايقالغىنى 70 خىلدىن كۆپرەك.  كىلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغىنى A، B قاناشقا مايىللىق كېسەللىكى، ساختا سېمىزلىك تىپتىكى مۇسكۇلدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىق كېسىلى، قىزىل، يېشىل رەڭ قارىغۇسى قاتارلىقلار.

X زەنجىرسىمان يوشۇرۇن خاراكتېرىدىكى ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش قانۇنىيىتى بولسا ئايال ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلەنمىگەن ياكى يېنىك ئىپادىلەنگەن بولسا،  ئەر ئېلىپ يۈرگۈچىدە چوقۇم كېسەللىك كۆرۈلىدۇ.  ئەگەر ئايال ئېلىپ يۈرگۈچى بىلەن نورمال ئەر توي قىلسا، تۇغقان ئوغۇل بالىلىرىنىڭ ئىچىدە يېرىمىدا كېسەللىك كۆرۈلۈشى، يېرىمى نورمال بولۇشى مۇمكىن، ئەكسىچە بارلىق قىز بالىلىرى نورمال، شۇڭا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دىياگنوزدىن كېيىن قىز ھامىلىنى ساقلاپ قېلىپ، ئوغۇل ھامىلىدىن ۋاز كېچىش كېرەك.  ئەگەر ئەرX  زەنجىرسىمان ئىرسىي كېسەللىك بىمارى بىلەن نورمال ئايال توي قىلسا، ئوغۇل بالىلاردا كېسەللىك كۆرۈلمەي ئەكسىچە قىزلارنىڭ ھەممىسى ئارىلاش زىگوتىلىق بولىدۇ.  ئەگەر دادىسى X زەنجىرسىمان ئوچۇق ئىرسىي كېسەللىك بىمارى ئانىسى نورمال بولسا، تۇغۇلغان قىز بالىسىنىڭ ھەممىسىدە كېسەللىك كۆرۈلىدۇ، شۇڭا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دىياگنوزدىن كېيىن ئوغۇل ھامىلىنى ساقلاپ قېلىپ قىز ھامىلىدىن ۋاز كېچىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى