ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنىدىن يىراق تۇرۇپ، رادىيوئاكتىپلىق نۇردىن ھوشيار بولۇش

ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنىدىن يىراق تۇرۇپ، رادىيوئاكتىپلىق نۇردىن ھوشيار بولۇش

ۋاقتى: 2016-06-10 ئاۋاتلىقى: 1056 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنى ھەممە يەرنى قاپلىغان.  كومپيۇتېر، نۇسخىلاش ماشىنىسى، يان تېلېفون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنى ھاسىل قىلىدىغان جىسىملار. ئائىلىدىمۇ ئوخشاش، سىمسىز تېلېفون، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق قاتارلىقلارمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا ئانالىزىدىن قارىغاندا، ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىش، بويىدىن ئاجراش ۋە غەيرى ھامىلە تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدىكەن.


پەن-تېخنىكا دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كومپيۇتېر كەم بولسا بولمايدىغان خىزمەت قورالىغا ئايلاندى. ھەرخىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدىكى ئېلېكتىر رادىياتسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتى، خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى تارقىلىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەر، دۆلەت سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلە تەرەققىياتى توختاپ قېلىش، بويىدىن ئاجراش، غەيرى ھامىلە قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى مىساللىرى، دۆلەت ئىچىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دوكلات ۋە خەۋەرلەر، ھامىلىدار ئاياللارنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بىراق بىر شەيئىنىڭ يەنە بىر شەيئىگە بولغان تەسىرى قانچىلىك چوڭ بولۇشىدا، تېببىي ساھەدىكى يېتەرلىك ئىسپات بولۇشى، ئىلمىي ئىستاتىستىكا ئۇسۇلى، ئىلمىي تەجرىبە، كىلىنىكىلىق تەتقىقات، چوڭ ئەۋرىشكىلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىش كېرەك. ئايرىم ھادىسىلەر ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، نۇقتا ئارقىلىق ئومۇمغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولمايدۇ.


بويىدىن ئاجراش، ئۆلۈك ھامىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان بۇ ئامىلدىن باشقا يەنە باشقا ئامىل بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن خىزمەت كۈچلۈكلۈكى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار، كومپيۇتېر ئېكرانى ئىيونلۇق رادىياتسىيەسى ۋە غەيرى ئىيونلۇق رادىياتسىيە، ئاۋاز رادىياتسىيەسى ھاسىل قىلىدۇ. ناھايىتى ئاز بىر قىسمى تارقىلىپ كېتىدۇ. خەلقئارادا بازاردىكى يۈز خىلدىن ئارتۇق تىپتىكى كومپيۇتېرغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ رادىياتسىيە مىقدارى تەبىئىي رادىياتسىيە سەۋىيەسىدە بولغان. خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بېكىتتى. دۆلىتىمىزمۇ كومپيۇتېر ئېكرانىغا نىسبەتەن بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بېكىتتى.  1999-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ئاللىبۇرۇن ئىجرا قىلىنغان. بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان ئېكران ئىيونلۇق رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش، سىتاتىك ئېلېكتىردىن ساقلىنىش، ئەكس نۇردىن ساقلىنىش قاتارلىق قوغدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئېكراننىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ئارىلىقى 70 سانتىمېتىرلىق ئورۇندا تۇرۇپ ھەر كۈنى سەككىز سائەت خىزمەت قىلىدىغانلار ئۇچرايدىغان ئىيونلۇق رادىياتسىيەسىنىڭ يىللىق مىقدارى دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ مىقدار چېكىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كەسپىي ئۆلچەش ئارقىلىق، ئېكران ئالدىغا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش ئېكرانى ئورنىتىش ئورناتماسلىقتا، ئۇنىڭ مەركىزى ئورنىنىڭ مىقدارىنىڭ قىممىتى 0. 992 بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش ئېكرانى يوق ۋاقىتتىكى رادىياتسىيە سەۋىيەسى بىلەن كۆپ پەرقلەنمىگەن. قوشۇمچە كۆرۈش قۇۋۋىتى قوغداش ئېكرانىنىڭ ئىيونلۇق رادىياتسىيەسىگە نىسبەتەن ھەرقانداق ئەمەلىي قوغداش ئۈنۈمى يوق. ئەكسىچە، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ئېلېكتىرو ماگنىت رادىياتسىيەسى ۋە ئاكۇستىك رادىياتسىيە پەيدا قىلمايدۇ.
X نۇرى بولسا بىرخىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ناھايىتى قىسقا، تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنى، ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەسىلەن كۆپ مىقداردا X نۇرىنىڭ چۈشۈشىنى قوبۇل قىلىش ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھامىلىدە ئېغىر دەرىجىدە غەيرىلىك، بويىدىن ئاجراش ۋە ھامىلە بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر نۇر كۆپىيىش ھۈجەيرىسى گېنىدا توساتتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلسا، بىرقانچە ئەۋلادتىن كېيىن ئاندىن غەيرىلىك ئىپادىلىنىپ چىقىشى مۇمكىن.



ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، كۆكرەك ياكى تۆت مۈچىگە X نۇرى چۈشۈرگەندە ھامىلىگە بولغان تەسىرى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى رادىيوئاكتىپلىق نۇر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر ئاياللار X نۇرىغا چۈشسە، بولۇپمۇ قورساق قىسمىنى چۈشۈرسە، چوقۇم تۆت ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولسا ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ.
ئۇرۇقلانغاندىن تارتىپ ئورۇنلاشقىچە بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا X نۇرى چۈشۈرسە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا زىيىنى بولۇشى مۇمكىن. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولسا تۆرەلمە ئەزالىرىنىڭ پەيدا بولىدىغان ۋاقتى، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالتىنچى ھەپتىسىدە X نۇرى رادىياتسىيەسىگە يولۇققاندا، ھامىلىدە غەيرىلىك يۈز بېرىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ياش ئاياللار ئەگەر X نۇرىدا تەكشۈرتۈشكە ئېھتىياجلىق بولسا، ھەيزنىڭ ئونىنچى كۈنى ئىچىدە تەكشۈرتسە بولىدۇ، چۈنكى تۇخۇم چىقىرىش ھەمىشە ھەيزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئەتراپىدا بولىدۇ. ھامىلىدار ئانىلار ئون تۆتىنچى كۈنىدىن ئېشىپ كەتكەندە ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى بولسا، چوقۇم X نۇرى بىلەن تەكشۈرتۈشتىن ساقلىنىش، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ھەقىقەتەن X نۇرى بىلەن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ھامىلىدارلىقنىڭ 28 ھەپتىسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.
بەزى دوختۇرلار بوۋاق تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى X نۇرى بىلەن ئۇچراشسا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ دەپ قارايدۇ. X نۇرى چۈشۈرۈلگەن ئايال توغرىلىق يېزىلغان ماقالىمۇ بار، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى X نۇرى چۈشۈرۈلمىگەن ھامىلىدار ئايالغا سېلىشتۇرغاندا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتى تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈتۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۇلترا ئاۋازدا تەكشۈرۈش بولسا، رادار تېخنىكىسى بىلەن ئاۋاز ئىلمى تېخنىكىسىنى ئۆز-ئارا بىرىكتۈرۈشتىن پايدىلانغان بولۇپ، تېببىي كىلىنىكىنىڭ قوشۇمچە دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنى 60-يىللاردىن باشلاپلا دۆلىتىمىز ئاياللار تۇغۇت كىلىنىكىسىغا كېڭەيتىپ ئىشلەتتى، مەسىلەن: بۇ ئارقىلىق بالدۇر تۇغۇتقا دىياگنوز قويۇش، ھامىلە چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئورنىغا ھۆكۈم قىلىش، بالا ھەمراھى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلغان. نەچچە ئون يىللىق كۆزىتىش ئارقىلىق ھامىلىدە غەيرىلىك پەيدا قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.



ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۆپ ساندىكى ھامىلىدار ئانىلارغا نىسبەتەن رادىياكتىپلىق نۇر، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، ھەم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قاتارلىقلارنىڭ ھامىلىگە نىسبەتەن تەسىرى چوڭ ئەمەس، بىراق تېخىمۇ بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەسىرى بارلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدۇكى ئىشەنمەسلىككە بولمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا تېلېفونىڭىزنى ئېتىۋېتىپ، ئىمكانقەدەر كومپيۇتېردىن يىراق تۇرۇڭ. بۇ مەزگىلدە كۆپرەك قەغەز، قەلەم ئىشلىتىڭ. باشلىقىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ سىزنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئائىلىدە يولدىشىڭىز كۆپرەك ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە، سىز باشقا ئۆيگە چىقىپ تۇرۇڭ.
ۋاقىتلىق سىمسىز تېلېفون ئىشلەتمەي، ئادەتتىكى تېلېفون ئىشلىتىڭ.
بۇ بولسا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن!
ئەگەر بۇ ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، ئەڭ ئاۋۋال ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك؛
ئىككىنچىدىن، ئامال بار قۇۋۋىتى تۆۋەن بولغان ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش ؛
ئۈچىنچىدىن، ئانتېنىسى بار يان تېلېفون ئىشلەتكەندە، ئانتېننىنى ئېچىپ ئىشلىتىش؛
بۇنىڭدىن باشقا، سىز يەنە ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بەللىك ۋە كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ، بوۋىقىڭىزنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىپ، ئېلېكتىرو ماگنىت دولقۇنى، رادىياتسىيە قاتارلىقلارنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىز چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ رادىياتسىيەلىك دىياگنوز قويغۇزماقچى بولسىڭىز، دوختۇرغا چوقۇم سىزنىڭ ھازىر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى ھەم يېقىنقى 365 كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلغان رادىياتسىيەلىك دىياگنوزنىڭ قېتىم سانىنى ئېيتىپ بېرىڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى