ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش

ۋاقتى: 2014-02-08 ئاۋاتلىقى: 669 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغۇتتىن ئىلگىرى روھىي-جىسمانىي تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش بولسا بىخەتەر يەڭگىشنىڭ زۆرۈر شەرتى.
1. روھى جەھەتتىكى تەييارلىق:
ھامىلىدار ئاياللاردا چوقۇم ئىشەنچ بولۇشى، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىشى، خۇشال كەيپىيات بىلەن بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك. ئەر بولغۇچى چوقۇم ئايالىغا كۆيۈنۈشى ۋە ئاسرىشى، ئۇرۇق-تۇغقان دوست بۇرادەرلەر ۋە تېببىي خادىملار ھامىلىدار ئايالغا ياردەمدە بولۇشى ۋە قوللىشى كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىدىيەۋى تەييارلىقى قانچە تولۇق بولغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كېلىش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن.


2. جىسمانىي جەھەتتىكى تەييارلىق:
ئۇيقۇ ۋە ئارام ئېلىش: تۇغۇت جەريانىدا سەرپ بولىدىغان جىسمانىي ئېنېرگىيە بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا تۇغۇتتىن ئىلگىرى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ تۇغۇتقا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ.



تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى: تۇغۇت مەزگىلى يېقىنلاپ قالغاندا، ئاياللار ئامال بار سىرتلارغا چىقماسلىقى ۋە ساياھەت قىلماسلىقى كېرەك. كۈن بويى يېتىپ ئارام ئېلىشقىمۇ بولمايدۇ، يېنىك، كۈچى يېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېرىشمۇ تۇغۇتقا پايدىلىق.
3. جىنسىي تۇرمۇش:
يەڭگىشتىن ئىلگىرى قەتئىي جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارماسلىق كېرەك، بۇنداق بولغاندا تۆرەلمە پەردىسىنىڭ بالدۇر بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
4. يۇيۇنۇش:
ھامىلىدار ئايال چوقۇم بەدىنىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىشى كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىن دەرھال يۇيۇنۇشقا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللار دوختۇرخانىدا يېتىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇۋېلىشى، بەدىنىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئەگەر مۇنچىغا بېرىپ يۇيۇنماقچى بولسا چوقۇم بىرەيلەننىڭ ھەمراھلىقىدا بېرىشى، ئىسسىق ھور سەۋەبىدىن ھوشسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


5. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆيۈنۈشى: ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر ئىككىلىسى خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىلەردە، تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان مەزگىللەردە ئەرلەر ئامال بار سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك. ئامال بولمىغاندا، كېچىدە بىرەر يېقىنى ھەمراھ بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا تاسادىپىي يەڭگىش سەۋەبلىك كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتكېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



6. ماددىي بويۇملار تەييارلىقى:
تۇغۇت ۋاقتىدا لازىم بولىدىغان بويۇملار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەييارلىنىپ قويۇلۇشى كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ  ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە بۇ نەرسىلەرنى ھەممەيلەن بىلىدىغان ئورۇنغا قويۇش، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە ئىزدەشكە، ئېلىپ ئىشلىتىشكە قولايلىق جايلارغا قويۇش كېرەك. بۇ نەرسىلەر ھامىلىدار ئايالنىڭ كىملىك كىنىشكىسى، داۋالىنىش كىنىشكىسى، (ھامىلىدار ئايالنىڭ ئالاقىلىشىش كارتىسى)، نومۇر ئېلىش كىنىشكىسى، داۋالاش سۇغۇرتىسى كىنىشكىسى ياكى ھۆكۈمەت خىراجىتىگە داۋالىنىش كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بوۋاقنىڭ لازىمەتلىكلىرى: ئىچ كىيىم، چاپان، يۆگەك، زاكا، لۆڭگە، مەيدىسىدىن ئورايدىغان رەخت، كىرلىك، كىچىك يوتقان، بوۋاقلار سوپۇنى، مەقئەت يولىغا قويۇلىدىغان تېرمومېتىر، ئۇپا قاتارلىقلار بويۇملار ۋە دوختۇرخانىدىن چىققاندا بوۋاقنى يۆگەشكە ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاش كېرەك.
تۇغۇتلۇق ئايال دوختۇرخانىغا كىرگەندە ئىشلىتىدىغان بويۇملار:  يۈز يۇيۇش دېسى، پۇت يۇيۇش دېسى،  چىش پاستىسى، چىش چوتكىسى، چوڭ-كىچىك لۆڭگە، تازىلىق قەغىزى، ئىچ كىيىم قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا يەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ تەييارلاپ قويۇش كېرەك.



ئانا-بالا تورىنىڭ كىچىك ئەسكەرتمىسى:
1. بوۋىقىڭىز ئۈچۈن ئىككى قاپ كىچىك نومۇرلۇق تەييار زاكا، بوۋاقلار كىيىمى، بوۋاقلار چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تەييارلاپ قويۇڭ.
2. بىر قۇتا بوۋاقلار تېرە سىلىقلاش مېيى ئېلىۋېلىڭ،  چۈنكى ئەمدىلا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋىقىڭىز ئۈچۈن ئانىسىنىڭ سىلاشلىرى ئۇنىڭدىكى ئەنسىزلىك ۋە ئىچ سىقىلىشنى يوقۇتۇپ ھەقىقىي ئانا مېھرىنى بالدۇرراق ھېس قىلدۇرىدۇ.
3. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۈندە تەرەت قىلىش سانى بىر قەدەر كۆپرەك بولىدۇ، يۇمشاق قەغەز بىلەن بوۋىقىڭىزنى كاسسىسىنى سۈرتۈڭ ۋە بوۋاقلار ئاسراش مېيى بىلەن ئۇنىڭ كاسسىسىنى ئاسراڭ.
4. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرە پۈرۈلمە قاتلىرى بىرقەدەر يېپىشقاق بولىدۇ، ئەگەر سىز بوۋاقلار ئۇپىسىنى بۇ ئورۇنلارغا سۈرۈپ بەرسىڭىز بوۋىقىڭىز چوقۇم ناھايىتى راھەت ھېس قىلىدۇ.
5. سۈرتكۈچ قەغەز بىلەن ھەر ۋاقىت بوۋىقىڭىزنىڭ تېرە قىسىمدىكى زىيانلىق نەرسىلەرنى سۈرتۈپ تۇرۇڭ.
6. بوۋاقنى ئېمىتكەن ۋاقتىڭىزدا، لۆڭگىنى ئەمچىكىڭىزنىڭ ئاستىغا قويۇپ سۈتنىڭ كىيىملىرىڭىزنى بۇلغىشىدىن ساقلىنالايسىز.
7. بوۋاقنى يۇيۇندۇرغاندا، غىدىقلاش رولى تۆۋەن بولغان بوۋاقلار يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش كېرەك، شۇڭا بۇ ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇشىڭىز ۋە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى