ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ياستۇق يېنىدىكى ھامىلىدارلار قوللانمىسى: مۇقەددىمە

ياستۇق يېنىدىكى ھامىلىدارلار قوللانمىسى: مۇقەددىمە

ۋاقتى: 2016-02-03 ئاۋاتلىقى: 680 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىق قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان كونا تېمىلارنىڭ بىرى، بىراق قانداق قىلىپ بىر ئەقىللىك، ساغلام بوۋاققا ھامىلىدار بولۇش بولسا يېڭى بىر تېما، شۇڭا ھامىلىدارلىق يېڭى بىر ئىش.
دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، مۇھىت ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ھەتتا ھامىلىدار بولىدىغان ئەر-ئايال پېرسوناژمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش كېرەك، ئەگەردە يەنىلا كونا ھامىلىدار بولۇش ئىدىيەسى بىلەن بۈگۈنكى ھامىلىدارلىق ئىشلىرىغا مۇئامىلە قىلىدىغان بولساق، بۇ سەل ئارقىدا قالغانلىق بولىدۇ!
شەك-شۈبھىسىزكى، بۈگۈنكى تېببىي سەھىيە ئىشلىرى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىراق بويىدىن ئاجراپ كېتىش، تۇغۇتى قېيىن بولۇش، غەيرى تۇغۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا.
داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، 80-يىللاردىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ پىسخىكا سەۋەبىدىن تۇغۇتىنىڭ قېيىن بولىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلاپ باققان دەيسىز؟
يەنە، ھامىلىدار بولۇش ۋاقتىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن، بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى، ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈتمىگەنلىكتىن بالىنىڭ ئىرسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى، ھاراق-تاماكىنىڭ سېھرى كۈچىدىن قۇتۇلالماي، رادىياتسىيەگە سەل قاراش سەۋەبىدىن بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولماي قالىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلاپ باققان دەيسىز؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆزىنىڭ بىخەستىلىكى بىلەن بالىغا گېنتامىتسىن ئوكۇلى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ مەڭگۈلۈك گاس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟
ھامىلىدارلىق مۇرەككەپ ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىر جەريان، بىيولوگىيە، ئوزۇقشۇناسلىق، مۇھىت ۋە ئىرسىيەت قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلارغا چېتىلىدۇ. ھامىلىدار بولۇشتىن تاكى تۇغۇلغۇچە بولغان ھەرقانداق بىر جەريانغا سەل قارالسا، تولدۇرغۇسىز ئازاب -ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدۇ. 
ساغلام ۋە ئەقىللىك بىر بوۋاقنى تۇغۇپ تەربىيەلەش ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۈمىدى، ئەگەر كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان بوۋاققا ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن پەرۋىش قىلىنسا، ھامىلىدارلىقنىڭ ھەربىر باسقۇچىدىكى خېيىم-خەتەرلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىنسا، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۈمىدى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
«ھامىلىدارلارنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى-ياستۇق يېنىدىكى ھامىلىدارلىق قوللانمىسى» نۇرغۇن تۇغۇت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەجرىبىلىرى بىلەن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى مۇھىم نۇقتا، قېيىن نۇقتا ۋە سەل قارايدىغان بىراق ناھايىتى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى يېشىپ چۈشەندۈرىدۇ، مۇشۇ ئارقىلىق ھامىلىدارلارنىڭ غەم-ئەندىشىسى ۋە قايغۇ-ھەسرىتىنى يېشىشكە ياردەم بېرىدۇ، بۇ قوللانمىنى ھامىلىدارلارنىڭ تالانتلىق بىر بوۋاق تۇغۇشىدىكى بىر ياخشى ياردەمچى دېيىشكە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى