ۋەھىمە روھى قالايمىقانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ۋاقتى: 2016-06-26
ئاۋاتلىقى: 624 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئاياللار ناھايىتى قورقۇنچاق، بەزى ئەر-خوتۇن، كېلىنلەر ياكى خىزمەتداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك سۈركىلىشلەرمۇ ئۇلارنى بىئارام قىلىدۇ، توختىماي غەم قىلىدۇ، ھەركۈنى ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇزۇن مەزگىل روھى بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن، چوڭ مېڭە ۋە جىنسىي نېرۋىلارنىڭ تەڭشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئىچكى ئاجرالما ۋە مېتابولىزمنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ، بۇلار ئاياللارنىڭ ئىستېرىيە كېسىلى، نېرۋا فۇنكسىيەسى بۇزۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىر قىسىم ئەسەبىي مىجەز خاراكتېرىدىكى ئاياللار جىنسىي غىدىقلىنىشقا ناھايىتى سەزگۈر، ئاغرىقتىن قورقىدۇ، ئاسانلا تارتىشىپ قالىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالمايدۇ، نەتىجىدە ئۇزۇن مەزگىلگىچە ھامىلىدار بولالمايدۇ، ئادەتتە بىر مەزگىل روھى جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن نورمال ھامىلىدار بولالايدۇ.