ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشى

ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشى

ۋاقتى: 2016-02-26 ئاۋاتلىقى: 533 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش



سۈپەتلىك تۇغۇپ، سۈپەتلىك بېقىش دېگىنىمىز بىر ئايرىم تەننى ياخشى بولغان ئېرسىيەت گىنلىرىدىن تەركىب تاپقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئېسىل گېندىن تۈزۈلگەن تەننىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېسىل بولۇشى ناتايىن، چۈنكى ئۇ يەنە سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ياخشى بولغان مۇھىت ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، روھى-كەيپىنى ياخشى قىلىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق شارائىتنى تاللاپ ھامىلىدار بولسا، سۈپەتلىك تۇغۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق. ياخشى بولغان مۇھىت مۇۋاپىق بولغان تېمپېراتۇرا، ياشاش مۇھىتىنىڭ پاكىزە، ئازادە بولۇشى، ھاۋانىڭ ساپ بولۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ يەنە تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ بىرىكىشىگە ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. 
ھازىر مۇھىت بۇلغىنىش بەك ئېغىرلاپ كەتتى، دىققەت قىلمىغاندا كۆپىيىش ھۈجەيرىسى گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ۋە غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
رادىياكتىپلىق ماددىلار، زەھەرلەر، دورىلار ۋە خىمىيەلىك ماددىلارنى ئاڭلىغاندا، ھەممە ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ. 
ئىنسانلار جەمئىيىتىدە رادىياكتىپلىق ماددىلار، زەھەرلەر، بۇلغىغۇچى ماددىلاردىن ئىبارەت تۆت خىل گېننىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا بار. مۇھىتنىڭ تەسىرىدە، نورمال ھۈجەيرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئۆلۈپ كېتىشى ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. خىمىيەلىك بۇلغىغۇچى ماددىلار تۆرەلمە، ھامىلە ۋە بوۋاققا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئانا تېنىنىڭ بالا ھەمراھى ۋە تۆرەلمە پەردىسىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلە ۋە تۆرەلمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇھىت بۇلغىنىش ئىچىدىكى ئازۇت (Ⅰ) ئاكسىد، ئازوتنىڭ ئوكسىدلانغان بىرىكمىلىرى، گىدروكسىئانىتلىق بىرىكمىلەر (氢氰化合物)، ۋىنىل خلورىد بىرىكمىلىرى (乙烯基氯化物)، كۆپ كاربونلۇق ئاروماتىك بىرىكمىلەرنىڭ ھەممىسى ھامىلىنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تورمۇزلاپ، غەيرىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرخىل خىمىيەلىك بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ ئىچىدە ئارسېن، سىماب، مىس، گاللىي، قوغۇشۇن، كادمىي قاتارلىقلار تۆرەلمىنى زەھەرلەپ، غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خەتىرى ناھايىتى چوڭ. 
كۆپ كۆرۈلىدىغان ھەمدە بىر قەدەر ئېغىر بولغان بۇلغىنىش دەل خىزمەت مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئىبارەت. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەر تەرەپ ئۇزۇن مەزگىل قوغۇشۇن، سىماب، ناركوز گازى ۋە خىمىيەلىك ماددىلار ۋە ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەر بار مۇھىتتا، ياكى شاۋقۇن-سۈرەنلىك، تەۋرىنىش، يوقىرى تېمپېراتۇرا، كېرەكسىز گاز ۋە كېرەكسىز سۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كۆپ بولغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغاندا، ئايالىنىڭ تۇيۇقسىز بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى يوقىرىلايدىكەن. ئەگەر ئانا تەرەپ بىۋاسىتە ئۇچراشقاندا خەتىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. 
خىزمەت جەريانىدا بۇلغىغۇچى ماددىلاردىن يىراق بولالمايدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كەم دېگەندە ھامىلىدار بولۇشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن خىزمەت مۇھىتىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش، زىيانلىق ماددىلار بولغان خىزمەت مۇھىتىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش كېرەك. ھامىلىگە زىيانلىق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان ئەر-ئايال، بولۇپمۇ ئايال تەرەپ ئالتە ئاي بۇرۇن خىزمەتتىن توختاش كېرەك، چۈنكى خىزمەت ۋە مۇھىت خاراكتېرلىك بۇلغىغۇچى ماددىلار تۇخۇم ۋە ئۇرۇققا تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىروموسوملىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. 
شۇڭلاشقا، بارلىق زەھەرلىك بۇيۇملار بار تەجرىبىخانا خىزمەتچىلىرى، دوختۇرخانىنىڭ ناركوز دوختۇرلىرى، ئوپېراتسىيەخانىنىڭ سېستىرالىرى ۋە سىماب، قوغۇشۇن، بېنزول، كادمىي، مانگان، ئارسېن قاتارلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەر-ئاياللار، ياكى نۇر كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك خىزمەت كېسىلى ھەمدە يېقىندا جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش تارىخىي بار ئاياللار، ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن خىزمەت مۇھىتىدىن ئايرىلىش كېرەك. ئىلگىرى ئېنىق بولمىغان ئىككى قېتىملىق بويىدىن ئاجراپ كېتىش تارىخى بار ئاياللار قايتا ھامىلىدار بولماقچى بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۈچ ئاي بۇرۇن خىزمەت مۇھىتىدىن ئايرىلىش كېرەك.
دورا پۈركۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئۇزۇن دېڭىز سەپىرىدىن قايتىپ كېلىدىغان دېڭىزچىنىڭ ئۇرۇقداندىكى ئىسپېرما بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ئەڭ بولمىغاندا 70 كۈندىن بۇرۇن ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، زەخمىلەنگەن ئىسپېرما 70 كۈندە ئاندىن پاك-پاكىز چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. 
تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار، كەلگۈسىدە ئەقىللىق بىر بوۋاق تۇغۇش ئۈچۈن خەتەرلىك زەھەرلىك بۇيۇملاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى