ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھەشەملىك بىزەكلەردىن بۇلغىنىش ۋە ھامىلىدارلىق

ھەشەملىك بىزەكلەردىن بۇلغىنىش ۋە ھامىلىدارلىق

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 781 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىرقى ئۆيلەرنىڭ بېزىلىشى ھەقىقەتەن ھەشەمەتلىك، بىراق كىشىلەر بۇ ھەشەمەتلىك بىزەكنىڭ ئارقىسىدىكى بۇلغىنىشنى بىلەمدىغاندۇ؟ 
بىر قىسىم مەرمەر تاش قاتارلىق تەبىئىي بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ تەركىبىدە رادون، يىدار قاتارلىق رادىياكتىپلىق ماددىلار بار، بۇ خىل ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش خۇددى ئۆيدە كىچىك تىپتىكى بىر رادىياتسىيەلىك داۋالاش ماشىنىسىنى ئورناتقانغا باراۋەر بولىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى كىچىك، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇنىڭ تەسىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم مۇۋاپىق بولغان بېزەك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك. 

بېنزول سىر، بوياق ۋە يېپىشتۇرغۇچىنىڭ ئېرىتكۈچىسى ۋە سۇيۇقلاندۇرغۇچىسى، ئۇنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىك رولى يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قايتا ئىشلەپچىقىرىش توسۇلۇش خاراكتېرلىك قان ئازلىق ۋە ئاق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۆي ئىچىنى بېزىگەندە مېتىل بېنزول، دىمېتىل بېنزول ۋە بېنزىنلارنى بېنزولنىڭ ئورنىغا ئېرىتكۈچى ۋە سۇيۇقلاندۇرغۇچى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بېنزولنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 
تولۇئالدېگىد بىرخىل پارلىنىشچان خىمىيەلىك بىرىكمە بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆز، كېكىردەك ۋە نەپەسلىنىش يوللىرىنى غىدىقلايدۇ. شۇنداقلا ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئىرسىيەت ماددىسىغا ناھايىتى چوڭ بۇزغۇنلۇق رولى بار بولۇپ، گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى، DNA نىڭ ئۈزۈلۈشى ۋە خروموسومانىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمغا بولغان غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش تەسىرى چوڭ. ئۇ بىر خىل پارلىنىشچان ئورگانىك ماددا، ھەرخىل بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان تولۇئالدېگىد بولىدۇ. شۇڭا بېزەك ماتېرىياللىرىنى تاللىغاندا مۇۋاپىقىنى تاللاش كېرەك، شۇنداقلا تولۇئالدېگىد مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆي بېزەلگەندىن كېيىن كەم دېگەندە ئۈچ ئاي ھاۋا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن كۆچۈپ كىرىش كېرەك. ئۆينى بېزىگەندە ناچار بېزەك ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بۈگۈنكى بۇلغىنىش ئاللىبۇرۇن يېمەك-ئىچمەككە تەسىر قىلىپ ئۈلگۈردى. بەزىلىرى يالتىراق بۇيۇملار، پىلاستىك خالتىلار ۋىنىل خىلورىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلاردىن ياسالغان، بولۇپمۇ بىر قىسىم رەڭلىك قايتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ناچار پىلاستىك خالتىلاردىكى مىكروب ۋە راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنىڭ مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. قايتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پىلاستىك خالتىلارنىڭ رەڭلىگۈچىسىنىڭ تەركىبىدە بېنزول ۋە پىرېن قاتارلىق ماددىلار بىر خىل ناھايىتى كۈچلۈك راكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار بولۇپ، يېمەكلىك بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاسانلا يېمەكلىككە يۆتكىلىپ، كىشىلەرنىڭ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
شۇڭلاشقا، ماي ۋە ئىچىملىك سۇلارنى ئىمكان بار بۇ خىل  پىلاستىك بۇيۇملارغا قاچىلىماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ پىلتا قۇيماق، پۇرچاق سۈتى ۋە ئۇماچ قاتارلىق قىزىق يېمەكلىكلەرنى بۇ خىل پىلاستىك بۇيۇملارغا قاچىلىماسلىق كېرەك، بۇخىل يېمەكلىكلەرنى قاچىلايدىغانغا پولىستىرېن، پولىپروپېن تۈردىكى ماتېرىياللار بىر قەدەر مۇۋاپىق. 
يېمەكلىكنىڭ ئورىلىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، قايتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ماتېرىياللاردىن ياسالغان پىلاستىك بۇيۇملارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، پىلاستىك خالتىنىڭ رەڭلىك يۈزى يېمەكلىككە تېگىشمەسلىك كېرەك، قەلەي قېتىشمىسىدىن ياسالغان چەينەكنى، رەڭلىك فار-فور بۇيۇملاردىن ياسالغان قازان-قۇمۇچلارنى نەرسىلەرنى قىزىتىشقا ۋە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى ساقلاشقا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 
ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەر-ئايال تەرەپ يېمەكلىكنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، بۇلغانغان ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى