ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىش ۋە ھامىلىدارلىق

يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىش ۋە ھامىلىدارلىق

ۋاقتى: 2015-05-17 ئاۋاتلىقى: 612 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئورمان ئوت ئاپىتى، ئەخلەتلەرنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى، ئوت-چۆپ ئۆلتۈرۈش دورىسى، دىزېل دىۋىگاتېلى ۋە ماشىنىلارنىڭ كېرەكسىز گازلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىيوكسىن قويۇپ بېرىدۇ. دىيوكسىننىڭ مايدا ئېرىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى، ئاسانلا ھايۋانلارنىڭ يېغى ۋە سۈتلىرىدە يىغىلىپ قالىدۇ، بېلىق، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرى ۋە تۇخۇم قاتارلىقلار ئاسانلا بۇلغىنىدۇ. 

سىمابنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ، دوختۇرخانىدا، چىش داۋالاشتا، قان بېسىم ئۆلچىگۈچتە ۋە دېزىنفېكسىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سىمابتىن ئايرىلالمايدۇ، تەجرىبىخانىلارمۇ سىمابلىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىدۇ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز ۋە داشقانلاردا سىمابنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. سىماب سۇغا قۇيۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەسىرىدە  مېتان رادىكاللىق سىمابقا ئايلىنىدۇ، سۇ جانلىقلىرى سۇدىن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، تېنىدە مېتان رادىكاللىق سىمابنى توپلايدۇ، راك ۋە كىچىك بېلىقلار بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ-دە، ئوزۇقلۇق زەنجىرى ئارقىلىق ئاستا-ئاستا ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك دورىلىرىنىڭ قۇرت ئۆلتۈرۈش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ئۇلارمۇ دىيوكسىن تۈرىدىكى ماددىلار بولغاچقا، زىرائەتنىڭ تېنىدە يىغىلىپ قالىدۇ. كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى ئەگەر ئادەملەر بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ناھايىتى تەستە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، يىغىلىپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندە تەن سالامەتلىككە ۋە كۆپىيىش سالامەتلىكىگە زىيانلىق. بىر قىسىم قانۇنسىز سودىگەرلەر يېڭىدىن تۇتۇلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تولۇئالدېگىد بار ئېرىتكۈچىلەرگە چىلايدۇ، چۈنكى لولىگو سىياھبېلىقى، سىياھبېلىق ۋە دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىقلار تولۇئالدېگىد سۇيۇقلۇقىغا چىلانغاندىن كېيىن سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى پارقىراق، چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، شۇڭلاشقا تاللىغاندا دىققەت  قىلىش كېرەك. 
ئۇنىڭدىن باشقا ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم، مۇز كالتەك، كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەر ئاسانلا قوغۇشۇندىن بۇلغىنىدۇ، شۇڭا كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. 
ئىلمىي تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، تالالىق يېمەكلىكلەر ۋە خلوروفىلنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قالغان زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردىمى بار ئىكەن، گۈرۈچ كېپىكى، پالەك ۋە تۇرۇپنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ زەھەر تازىلاش رولى تېخىمۇ ياخشى ئىكەن. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى