ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆي ھايۋانلىرىدىن يىراق تۇرۇش ۋە ھامىلىدارلىق

ئۆي ھايۋانلىرىدىن يىراق تۇرۇش ۋە ھامىلىدارلىق

ۋاقتى: 2015-10-05 ئاۋاتلىقى: 640 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

80-يىلنىڭ كەينىدىكى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ نىكاھ قەسىرىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولى جەھەتتىكى بۇرۇلۇشقا دۇچ كەلمەكتە، يەنى ئۇلار پات ئارىدا ئاتا-ئانا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم ياش قىزلار ئاۋۋال بىر ئۆي ھايۋىنىنى بېقىپ ئانا بۇلۇش ھېسسىياتىنى سىناپ كۆرمەكچى بولىدۇ ۋە تەجرىبە توپلىماقچى بولىدۇ. 
ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش ئادىتى بار ئاياللار ئاسانلا سېمگمىنېت قۇرتىدىن يۇقۇملىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، بالىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشى، بويىدىن ئاجراپ كېتىشى ۋە ئۆلۈك تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا سەۋەبچى بولىدۇ. 
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ بەش ئايدىن كېيىن سېمگمىنېت بىلەن يۇقۇملانسا، گەرچە بوۋاق تۇغۇلغاندا باشقىچە ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، بىراق ئۆگىنىشتە قىينىلىش قاتارلىق يىراق كەلگۈسىدىكى قىيىنچىلىقلار كېلىپ چىقىدىكەن. چۈنكى سېمگمىنېت قۇرتىنىڭ نېرۋا يەيدىغان ھۈجەيرىسى مېڭىدە پارازىت ياشاپ، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدۇ، نېرۋا كېسەللىكلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇ بالىلاردا سېمگمىنېت قۇرتىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى نورمال كىشىلەردىن كۆپ بولىدۇ، خەتىرىمۇ چوڭ بولىدۇ. 
شۇڭا تۇغۇش نىيىتى بار ئاياللار ئۆي ھايۋانلىرىنى باقماسلىق كېرەك. باققان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا قارىتا قەرەللىك ھالدا ۋاكسىنا ئەملەش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بېرىش، سەھىيە ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ گەندە-سۈيدۈكلىرىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشلارنى باشقىلار قىلىش، قەتئىي ئۇلار بىلەن يېقىن يولىماسلىق كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى