ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولغاندا ئەڭ ياخشى پەسىلنى تاللاش، قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىن ساقلىنىش كېرەك

ھامىلىدار بولغاندا ئەڭ ياخشى پەسىلنى تاللاش، قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىن ساقلىنىش كېرەك

ۋاقتى: 2016-05-21 ئاۋاتلىقى: 631 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېبابەتتە 5-ئايدىن 7-ئايغىچە ھامىلىدار بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. ئەگەر بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار بولغاندا بىر تەرەپتىن يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقىرى دولقۇنىدىن ساقلىنىپ، ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ ۋاقىتتا ھەرخىل يېڭى كۆكتاتلار چىقىدىغان بولۇپ، ئانىنىڭ ھەر خىل ئۇزۇقلۇقلارغا ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. يەنە بىر تەرەپتىن بالا كېيىنكى يىلى 3-ئايدىن 5-ئايغىچە تۇغۇلىدۇ، بۇ دەل قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقى ۋە يازنىڭ قاتتىق ئىسسىقىدىن ساقلىنىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئانىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. 
ھامىلىدار بولغاندا بەك ئىسسىقتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بەك ئىسسىق ھاۋا ئىشتىھاغا تەسىر قىلىپ، ئاقسىلنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە ئىسسىق كۈنلەردە بەدەندىكى سۇنىڭ پارلىنىشى كۆپ بولۇپ، پارلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەندىكى ئانئورگانىك تۇز، ۋېتامىن ۋە ئاممونىي كىسلاتاسى قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ  سەرپ قىلىنىشىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىۋاستە ھالدا ئۇزۇقلۇقنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. ياز كۈنلىرى، ئادەتتە كىشىلەر بىر قەدەر ئۇرۇق، ئاسانلا باش قايىدىغان، يۈرەك سىقىلىش، مەيدىسى چىڭقىلىش، پۇت-قولى ئۇيۇشۇش، روھى جەھەتتىن چارچاش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولغاندا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىرى بار. 
باھار پەسلىدە گەرچە بارلىق جانلىقلار جانلىنىپ كەتسىمۇ، بىراق ھامىلىدار بولۇشنىڭ ياخشى ۋاقتى ئەمەس، چۈنكى بۇ ۋاقىت دەل قىشنىڭ ئاخىرى ئەتىيازنىڭ بېشى بولغاچقا، ھەرخىل تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ يامرايدىغان ۋاقتى. بۇلارنىڭ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھامىلە تېخى شەكىللەنمىگەن، ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى توختاپ قېلىش ياكى خاتا يېتىلىش، ھەتتا غەيرى تۆرەلمە قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى