ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى، ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش پەيتى

تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى، ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش پەيتى

ۋاقتى: 2015-06-26 ئاۋاتلىقى: 868 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش مەزگىلى دەل ئۇلارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىدۇر، يەنى ھەيز كەلگەندىن كېيىنكى 14-كۈننىڭ ئالدى-كەينىدە. بۇ بەزى ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. نورمال ھامىلىدار بولۇش مەزگىلىدىكى ئاياللاردا، ھەر ئايدا بىر تەرەپتىكى تۇخۇمداندا بىر ھۈجەيرە پىشىپ يېتىلىدۇ ھەمدە ئاجرىتىپ چىقىرىلىدۇ. تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىلىپ بىر نەچچە مىنۇتقا قالماي، تۇخۇم نەيچىسىنىڭ ئامپۇللا قىسمىغا يېتىپ بارىدۇ ھەمدە شۇيەردە ئىككى كۈن ساقلىنىپ قالىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ھايات قىلىش ۋاقتى ئارانلا 12 سائەت بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا تۇخۇم بىلەن ئۇرۇق بىرىكەلمىسە، تۇخۇم ئۆلۈپ كېتىدۇ.
نورمال ئەر ھەر قېتىم ئېھتىلام بولغاندا، چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبىدە 6000 تۈمەندىن ئارتۇق ئىسپېرما بولىدۇ. ئادەتتە ئىپېرمىنىڭ ئۆمرى 48 سائەت دەپ قارىلىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاجرىتىپ چىقىرىلغان ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى 5-20 مىنۇتقىچە بالىياتقۇ بوينى قانىلىنىڭ ئېغىزىغا يېتىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر دانە ئۇرۇق تۇخۇم بىلەن بىرىكەلەيدۇ، قالغان ئۇرۇقلار ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ نورمال بولغان تۇخۇم، ئۇرۇق ۋە راۋان بولغان ئۇرۇق يەتكۈزۈش نەيچىسىنى ھازىرلاشتىن باشقا يەنە، ئايالنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىش تەرتىپىنىمۇ ئىگەللەش كېرەك، ئەستايىدىل كۈزۈتۈش ۋە ھەيز دەۋرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىگەللەپ، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ تىرىك ۋاقتىدا بىرىكىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئىگەللىگەندە، قايسى كۈندە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاسان ھامىلىدار بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاسان ھامىلىدار بولىدىغان كۈن تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش كۈنىنىڭ ئۆزى ياكى ئۈچ كۈن بۇرۇن بولسىمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش كۈنىنى قانداق مۆلچەرلەيمىز؟
تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش بولسا تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئەتراپىدىكى تۇخۇم دۆڭچە دانچىسى ھۈجەيرىسى بىرلىكتە ئاجرىتىپ چىقىرىلىدىغان جەرياندۇر، يەنى نورمال ئايال باشتىن كەچۈرىدىغان فىزىئولوگىيەلىك جەرياندۇر. ھەيزى نورمال بولغان ئايال ئادەتتە ھەر قېتىملىق ھەيز دەۋرىدە تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش ئادەتتە كېيىنكى قېتىملىق ھەيز قىلىشنىڭ ئالدىنقى 14 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىلغاندا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ:
1. پىشىپ يېتىلگەن تۇخۇم تۇخۇمداندىن چىقىش ئۈچۈن تۇخۇمنىڭ سىرتىدا ئورىلىپ تۇرغان بىر قەۋەت نىپىز پەردىلىك فوللىكولدىن ئۆتۈش كېرەك، فوللىكولنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسىم ئېرىتمە داس بوشلۇقىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا كىرىدۇ، ئاياللاردا بۇ ۋاقىتتا مەقئەت تۆۋەنلىگەندەك تۇيغۇ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا بىر تەرەپ تۆۋەنكى قورساق بوشراق ئاغرىيدۇ.
2. ئاياللار تۇخۇم ئاجرىتىشتىن بۇرۇن ئاجرالمىنىڭ مىقدارى ئازلايدۇ، يېپىشقاق ۋە سۈزۈك بولمايدۇ. تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش مەزگىلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاجىرالمىنىڭ مىقدارى كۆپىيىدۇ، سۇيۇق سۈت رەڭدە بولىدۇ. تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارغاندا ئاجرالمىنىڭ مىقدارى روشەن كۆپىيىدۇ، ھەمدە سۈزۈك بولىدۇ، ئاياللار بىر خىل ھۆل ۋە سىلىقلىقنى ھېس قىلىدۇ، قەغەز بىلەن سۈرتكەندە تۇخۇم ئېقى شەكىلدىكى يېپىشقاق ماددا بارلىقىنى بايقايدۇ. بۇ خىل ماددىنىڭ كۆپىيىشى ئادەتتە 2-3 كۈنگە سوزىلىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇشقا ئەڭ ماس كىلىدىغان ۋاقىتىدۇر، تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش دەۋرىنى يەنە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھېسابلاش ئارقىلىقمۇ بىلگىلى بولىدۇ. تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارغاندىن كېيىن، پىروگېستىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى كۆپەيگەنلىكتىن، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئازراق ئۆرلەيدۇ. 
3. ھامىلىدار بولماقچى بولغان ئايال، ھەركۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوخشاش بىر تېرمومېتىر بىلەن ئېغىز ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش كېرەك، ھەمدە ئۆلچىگەن نەتىجىنى كۈندە خاتىرىلەپ مېڭىش كېرەك. شۇ ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىش قائىدىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ، ئادەتتە بىر قەدەر قائىدىلىك بولىدۇ. ھەيزنىڭ ئوتتورا مەزگىلىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى روشەن يۇقىرىلايدۇ، بۇ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرى ئەگرى سىزىق ئۇدا℃36.5 ئەتراپىدا بولغان بولسا، تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىلغان كۈنى بەلكىم ℃0.3-℃0.5 ئەتراپىدا ئۆرلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال 10-14 كۈن ئەتراپىدا داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئەگەر ھامىلىدار بولمىسا تېمپېراتۇرا يەنە ئەسلىگە قايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەيز كېلىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار بولسا بەدەن تېمپېراتۇرىسى℃37 ساقلىنىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى