ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن ئالتە ئاي بۇرۇن رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىش كېرەك

ھامىلىدارلىقتىن ئالتە ئاي بۇرۇن رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىش كېرەك

ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 728 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەسى ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار خىزمەت قىلغاندا شەكىللىنىدىغان ئېلېكتىروماگنىت دولقۇنىدۇر. ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەسى سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىدىن قالسىلا ئۈچىنچى چوڭ «يۇشۇرۇن قاتىل» ئىكەن. يېقىندىن بىرى دۆلىتىمىزدە تۇغۇلغان ھەر 2000 تۈمەن بوۋاقنىڭ ئىچىدە كەمتۈك تۇغۇلغان بوۋاق 35 تۈمەن، بۇنىڭ ئىچىدە 25 تۈمىنى ئەقلىي-ئىقتىدارى ئاجىز بوۋاقلاردۇر، ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەسى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. 

مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-ئايال ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەدىن قوغدىنىشقا قارىتا، ئەھۋالنىڭ يېنىك-ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولسا بولىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن رادىئاتسىيەدىن ساقلانماقچى بولسا بەكلا كېچىككەن بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ قوغدىنىشى بەك مۇھىم. بىراق ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا سەۋزە، پەمىدۇر، لامىنارىيە، ئۇرۇق گۆش ۋە ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق ۋېتامىن A، ۋېتامىن C ۋە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، بەدەننىڭ ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەسىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاتقىلى بولىدىكەن. رادىئاتسىيەگە قارشى تۇرۇپ، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئاياللار رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى كىيىۋالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئېلېكتىروماگنىت دولقۇنىنىڭ يۆلىنىشى قالايمىقان بولۇپ، توسالغۇ ماتېرىياللىرى كىيىم قىلىپ تىكىلگەندە ياقا، يەڭ ئېغىزلىرى رادىئاتسىيەنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمىنى تاللىغاندا، ياخشى ماركىلارنى تاللاش، ئەڭ ياخشىسى ئىچ كىيىمگە ئوخشاش ئىچىگە كىيىۋالغىلى بولسا تېخى ياخشى. ئەگەر ئېلېكتىروماگنىت رادىئاتسىيەدىن يىراق تۇرماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشى ئامال رادىئاتسىيە مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇشىڭىز كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى