ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك

توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك

ۋاقتى: 2016-02-29 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بىر جۈپ ياش توي رەسمىيىتىنى ئۆتەشتىن بۇرۇن چوقۇم بەدەن تەكشۈرۈتۈشى ئېلىپ بېرىش كېرەك (بۇ يەنە تويدىن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق پۈتۈن سىستېما خاراكتېرلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ(
ھەرخىل يۇقۇملۇق ۋە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئائىلىنىڭ مۇكەممەل ۋە بەختلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، تويدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ناھايىتى مۇھىم. 
تويدىن بۇرۇنقى تېببىي تەكشۈرۈتۈش توي قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر جۈپ ياشقا نىسبەتەن، ئىككى تەرەپ گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە، توي ۋە پەرزەنتلىك بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تېببىي تەكشۈرتۈش ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرىدىغان كېسەللىكلەر ئوبيېكتى ئاساسلىقى:  ئېغىر تىپتىكى ئىرسىي كېسەللىكلەر، بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، نېرۋا  خاراكتېرلىك ۋە باشقا ھەرخىل تىپتىكى كېسەللىكلەر. 
تويدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق ئىرسىي كېسەللىكلەر ۋە ئىرسىي كەمتۈكلۈك تەرەپلەردىكى ھەرخىل مەسىلىلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ ۋە سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىگە ھەرخىل ئىرسىيەت بىلىملىرىدىن مەسلىھەت بەرگىلى، ھەرخىل ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، تۈرلۈك كۆرسەتمىلەرنى بەرگىلى بولىدۇ، مانا بۇ سۈپەتلىك تۇغۇشتىكى بىرىنچى باسقۇچ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يەنە بەزى بىر توي قىلىشقا پايدىسىز بولغان كېسەللىكلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ. 
بۇ توي قىلماقچى بولغان بىر جۈپ ياشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ پىسخىكا ۋە تەن ساغلاملىقىغا ناھايىتى پايدىلىق.  بايقالغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە قارىتا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تويدىن كېيىنكى ھەرخىل ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى