ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خان جەمەتى كېسىلى

خان جەمەتى كېسىلى

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 692 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1840-يىلى 2-ئايدا، 21 ياشلىق ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە  ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى (تاغىسىنىڭ ئوغلى) ئەراپات بىلەن توي قىلىدۇ، ئۇلار جەمئىي توققۇز پەرزەنتلىك بولىدۇ، تۆت ئوغۇل، بەش قىز پەرزەنت. تۆت ئوغۇلنىڭ ئىچىدە ئۈچى «قاناشقا مايىللىق كېسىلى»دىن ئىبارەت ئىرسىي كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. قىز پەرزەنتلىرىمۇ بۇخىل كېسەلنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىلىرى بولۇپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچ شاھزادىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككى ياش ئەتراپىدا كېسىلى قوزغىلىدۇ. بۇ كېسەل بىر خىل ئازراقلا زەخىملىنىش يۈز بەرسە، قان ئېقىپ توختىمايدىغان بىر خىل كېسەل . ئەينى دەۋردىكى تېببىي ساھەدە بۇ كېسەلگە ھېچقانداق داۋا يوق ئىدى، ھەتتاكى ئەڭ ئىقتىدارلىق دوختۇرمۇ بىرەر داۋا تاپالمىغانىدى. ئاقىۋەتتە ئىككى پەرزەنتى كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.


بەختكە يارىشا، ئۇنىڭ بەش مەلىكىسى ساغلام ھەم ئەقىللىك چوڭ بولغان، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شاھزادىلىرى بۇ قىزلارغا توي تەكلىپى قويغان. ئۇ قىزلار ئالدى-كەينى بولۇپ ئىسپانىيە، رۇسىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا شاھزادىلەر بىلەن توي قىلغان. كېيىن بۇ مەلىكىلەر تۇغقان كىچىك شاھزادىلەرنىڭ ھەممىسى قاناشقا مايىللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.
بۇ ئىش ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان پادىشاھ جەمەتلىرىنى قاتتىق چۆچۈتكەن ھەمدە ئەينى دەۋردە بۇ «خان جەمەتى كېسىلى» دەپ ئاتالغان.

قاناشقا مايىللىق كېسىلى بولسا بىرخىل جىنسقا ئەگەشكەن ئىرسىي كېسەللىك بولۇپ يەنى بۇ خىل كېسەل بىلەن ئادەمنىڭ جىنسىي پەرقى ناھايىتى مۇناسىۋەتلىك. بۇ كېسەللىكنىڭ كېسەللىك گېنى ھۈجەيرىدىكى  Xخىروموسومنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. ئەرلەرنىڭ خىروموسوما شەكلى  XY تىپلىق بولغاچقا، بۇ كېسەل ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ خروموسومى XX تىپلىق بولۇپ، ساغلام بولغان بىر تالX  خىروموسوما بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىر تال بىنورمال  Xخروموسومى كېسەللىكنى ئاشكارىلاپ چىقالمايدۇ، يەنى كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما كېسەللىك گېنى بولغان بۇ بىر تال خىروموسوما كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. كېيىنكى ئەۋلادلاردا ئوغۇللارنىڭ يېرىمىدا بۇخىل كېسەللىك ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ، ئەمما قىزلارنىڭ يېرىمى بۇ كېسەللىكنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كېسەل داۋاملىق ئىرسىيەت بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. مانا بۇ «جىنسقا ئەگىشىش ئىرسىي كېسەللىكى» نىڭ قانۇنىيىتى.
ئىرسىي كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا يېقىن تۇغقانلار ئارىسىدىكى توي قىلىش بولۇپ، خان جەمەتى قان سىستېمىسىدىكى ساپلىق ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا  ئېغىر پاجىئە ئېلىپ كەلگەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى