ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىشنىڭ ھامىلىگە بولغان زىيىنى

ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىشنىڭ ھامىلىگە بولغان زىيىنى

ۋاقتى: 2016-06-03 ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەممىمىزگە مەلۇم، ھۈجەيرە جانلىقلار تېنىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق بىرلىك. ئادەم تېنى تەخمىنەن نەچچە يۈز مىليونلىغان ھۈجەيرىدىن تەركىب تاپقان. ئىلىم-پەن ئىرسىيەت ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولدى. ھۈجەيرە تەركىبى ئىچىدە بىر خىل رەڭگى قېنىق بولغان ماددىلار بولۇپ بۇ خىروموسوما دەپ ئاتىلىدۇ، خىروموسوما ئۈستىدە ئادەم تېنىنىڭ ھەرخىل ئالاھىدىلىكلىرىنى بەلگىلەيدىغان نۇرغۇنلىغان كىچىك ماددىلار بولۇپ، بۇ ماددىلار بىيولوگىيەدە گېن دەپ ئاتىلىدۇ.

تاماكا ئوتى تەركىبىدىكى نىكوتىن، كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىق ماددىلار، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قان سىستېمىسى ئارقىلىق ئىسپېرمىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. يەنى ئىسپېرمىدىكى خىروموسوما ۋە گېندا توساتتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بويىدىن ئاجراش، ھامىلە بالدۇر تۇغۇلۇپ قىلىش، ھامىلىدە ھەرخىل تۇغما كېسەللىكلەر كۆرۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ.
  يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى: ھاراق ئىچىشنىڭ ھامىلىگە بولغان زىيىنى ئاساسلىقى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. يەنى ھاراق ئىچىش مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ھامىلىدار بولسا، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇپ قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، ئېغىر بولغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگىمۇ گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپنىڭ ھاراق ئىچىش مىقدارى زىيادە كۆپ بولسا ھامىلىگە بولغان خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ھامىلىدار ئايال بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تاماكا چەكسە يەنى چېكىش مىقدارى زىيادە چوڭ بولسا، قان-تومۇر ئاخىرقى ئۇچلىرىدا قىسقىراش يۈز بېرىدۇ-دە، ئوكسىگېننى تولۇق يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ ھەم ئالماشتۇرالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھامىلىگە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ، ئاقىۋەتتە بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ياكى ھامىلە بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇ ئىچىدە ئوكسېگىن كەمچىل بولۇش تۈپەيلى  ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى يېتىلىشى ئاستا، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەنە ھامىلە غەيرى بولۇپ قېلىش ۋە يېتىلىشى مۇكەممەل بولماسلىق، مەسىلەن: يۈرەك، قان-تومۇرلىرى غەيرى بولۇش، يېرىق تاڭلاي، مېڭىسى يوق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

ھامىلىدار ئايال ھاراق ئىستېمال قىلسا، ھامىلىدە تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك كېلىپ چىقىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىلىرى بولسا: بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھامىلە ئۆلۈپ قىلىش. ھامىلە ساقلاپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، يەنى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن، يېتىلىشى ناچار بولۇپ چىقىدۇ. زىيادە كۆپ مىقداردا ھاراق ئىستېمال قىلغان ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاسانلا تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان بالىلارنى تۇغىدۇ. مەسىلەن: كۆز شەكلى كىچىك، كىرپىكلىرى قىسقا، كۆز جىيەكلىرى ئاستىغا قارىغان، كۆز قاپىقى ساڭگىلىغان، كۆز ئىچى بۇرجىكى يېرىلغان قاتارلىقلار. ئېغىر بولغاندا ھەتتا كۆزىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى، كۆرۈش تور پەردىسى بىنورمال بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، يەنە تېخى ئۇلار ئاسانلا بوغۇم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، يۈرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر قىزلاردا چوڭ جىنسىي لەۋنىڭ يېتىلىشى نورمال بولماسلىق ئەھۋالى بولسا، ھامىلىدار بولۇشتىن بىر ئاي ئىلگىرى چوقۇم ھاراق تاشلىشى كېرەك. بىر ئايدىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولسا بولىدۇ، دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، 200 نەپەر بىر يىلدىن ئارتۇق تاماكا چەككەن ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرتكەن. نەتىجىدە كۈنىدە 30 تالدىن يۇقىرى تاماكا چېكىدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى غەيرىلىك باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا چوڭ بولغان.
ئەگەر ھامىلىدار ئايال تاماكا چەكسە، ھامىلە تېخىمۇ بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرايدۇ، زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. گەرچە تاماكا چېكىش ھامىلىدە غەيرىلىك ھاسىل قىلىدىغان بىر خىل قىلمىش بولسىمۇ، ئەمما بۇخىل قىلمىش ئانچە كۆپ تارقالمىغان. ئەمما بۈگۈنكىدەك بىرلا پەرزەنتكە ئاتا-ئانا بولالايدىغان ئەر-ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشىسى بۇ خىل قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇشى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان پىسخىكىدىن ساقلىنىشى لازىمدۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى