ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يۇقىرى دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى پەرزەنتلەرگە ئىرسىيەت قالامدۇ؟

يۇقىرى دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى پەرزەنتلەرگە ئىرسىيەت قالامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-04 ئاۋاتلىقى: 724 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۆلىتىمىزدىكى ئادەتتىكى ئادەملەر توپى ئىچىدە تەخمىنەن %20 ئادەم يىراقنى كۆرەلمەسلىك گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بىر خىل دائىمىي خروموسومدىكى يوشۇرۇن گېن كونترول قىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر جۈپ گېن كېسەل قوزغاتقۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر جۈپ گېن ئىچىدىكى پەقەت بىر تال گېندا كېسەللىك بولۇپ، يەنە بىر گېن نورمال بولسا، بۇ كېسەللىك قوزغالمايدۇ، پەقەت كېسەللىك گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى يوق، لېكىن ئۇلار يىراقنى كۆرەلمەسلىك گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولسا، ئۇلاردا كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما ئۇلاردىكى كېسەللىك گېنى پەرزەنتلىرىگە ئىرسىيەت قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پەرزەنتتە ئىككى كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى گېنىنى ئىلىپ يۈرگۈچىلەر توي قىلسا، پەرزەنتلىرىنىڭ يېرىمى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر نورمال كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئىگە ياكى ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار قىز-ئوغۇللار توي قىلسا، پەرزەنتلىرىنىڭ كېسەلگە گىرىپتا بولۇش نىسبىتى %10 بولىدۇ.

ئاددىي بىلدۈرگۈلەر:
كۆز شەكلى ئىرسىيەت قالىدىغان بولۇپ، كۆز شەكلىنىڭ چوڭ بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى، كۆز شەكلىنىڭ كىچىك بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.

بۇ كۆز شەكلى كىچىك بولغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ. مەيلى ئۆزى قانداقلا بولسۇن، توي قىلىدىغان ئوبيېكتنىڭ كۆز شەكلى چوڭ بولسا، كېيىنكى پەرزەنتلىرىنىڭمۇ كۆز شەكلىنىڭ چوڭ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
كۆز قارىچۇقى رەڭگىنىڭ ئىرسىيەت قانۇنىيىتى: قارا رەڭ قاتارلىق قېنىق رەڭلەرنىڭ ئىرسىيەت قېلىش ئېھتىماللىقى، سۇس رەڭلەرنىڭ ئىرسىيەت قېلىش ئېھتىماللىقىغا قارىغاندا چوڭ بولىدۇ. ئەگەر سىز كۆك كۆز كىشىلەرگە ھەۋەس قىلسىڭىز، ھەمدە توي قىلغان ئادىمىڭىز كۆك كۆز بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن سىزنىڭ كۆزىڭىزنىڭ قارا بولغانلىق سەۋەبىدىن، كېيىنكى پەرزەنتىڭىزنىڭ كۆز رەڭگى كۆك بولمايدۇ.
كىرپىكنىڭ ئۇزۇن بولۇشىمۇ ئىرسىيەت قېلىش خاراكتېرىگە ئىگە.
ئاتا-ئانىنىڭ تەن رەڭگى قارا بولسا، بالىسىنىڭ تەن رەڭگىنىڭ ئاق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئاتىسى ئۇچلۇق ئېڭەك بولسا، تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئۇچلۇق ئېڭەك بولۇش ئېھتىماللىقى %80~%90 بولىدۇ.
بويىنىڭ ئېگىز بولۇش ئىرسىيەتىنىڭ %70ى ئاتا-ئانىدىن كېلىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ھەر ئىككىسى سېمىز بولسا، بالىلىرىنىڭ %53 ى سېمىز بولىدۇ.
تاقىر باشلىق: %50 تىن يۇقىرىلىرى ئەۋلاد ئاتلاپ ئىرسىيەت قالىدۇ.
ئاۋاز: ئوغۇللارنىڭ دادىسىدىن ئىرسىيەت قالىدۇ، قىزلارنىڭ ئانىسىنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى