ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇشنى راستتىنلا ئۆزى بېكىتكىلى بولامدۇ؟

قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇشنى راستتىنلا ئۆزى بېكىتكىلى بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-12 ئاۋاتلىقى: 1262 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇش ئارزۇسى بۇرۇندىنلا بار ئىدى
دەسلەپكى ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بولسۇن ياكى تۇغۇت تەجرىبىسى بارلار بولسۇن، دوختۇر ھامىلە خەۋىرىنى دېگەندە ئەڭ ئاۋۋال قىزىقىدىغىنى بالىسىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولۇشىدۇر. تۇغۇلماقچى بولغان بوۋاققا نىسبەتەن ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئوتتەك ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ-ئەلۋەتتە.
«ئەگەر ئۆز خاھىشى بويىچە ئوغۇل ياكى قىز تۇغقىلى بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!» بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غايىبانە ئارزۇسى بولۇپ كەلمەكتە.
ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇش ئارزۇ خاھىشى بۇرۇندىنلا بار بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ۋە ئەپسانىلەر بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.
تەبىئىي كۆپىيىش دەۋرىدە «پەرزەنت بولسا ئىلاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر، ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇلۇشنى پەقەت ئىلاھلار بىلىدۇ دەپ قارىلاتتى. بالا ئىڭەلەپ يەرگە چۈشمىگۈچە، ھېچكىم بوۋاقنىڭ جىنسىنى ئالدىن بىلەلمەيتتى. بىراق ھازىر ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھامىلىدار بولۇپ تۆتىنچى ئېيىدىلا بوۋاقلارنىڭ قىز-ئوغۇللىقىنى بىلگىلى بولىدىغان بولدى.



ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئوغۇل-قىز تۇغۇلۇش قانۇنىيىتى
ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشتىن ئىبارەت بۇ تاللاشنى راستتىنلا ئۆزى كونترول قىلغىلى بولامدۇ؟ جاۋابى: بولىدۇ. نېمىشقا بىلىگىلى بولىدۇ؟ جىنسىيەتشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوغۇل-قىز  پەرقىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى، ھەمدە قايسى ۋاقىتتا جىنىس ئايرىلىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى يېشىپ چىقتى.
بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن، داڭلىق كۆپىيىش فىزىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى لاڭدېرم سېتىر دوكتور، ئەرلىك ئۇرۇقنىڭ X ئۇرۇق ۋە Y ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىككى  خىل بولىدىغانلىقىنى بايقاپ، بۇندىن كېيىنكى ئوغۇل-قىز تۇغۇلۇش تەتقىقاتىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى تىكلىدى.
تەپسىلاتىدىن سەل تۇرۇپ كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلىمىز. ئالدى بىلەن بۇ يەردە ئوغۇل-قىز تۇغۇلۇشنىڭ نەزەرىيەسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
ئىنسانلار جىنسىنىڭ بېكىتىلىشى بولسا ئىسپېرما ۋە تۇخۇمنىڭ بىرىكىشىدۇر. ئىسپېرما بولسا X ئىسپېرما ۋە Y ئىسپېرمىدىن ئىبارەت. Y ئىسپېرما تۇخۇم بىلەن بىرىككەن ۋاقىتتا ئوغۇل تۇغۇلىدۇ، شۇڭا  X ئىسپېرما ۋە Y ئىسپېرمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالاھىدە مۇھىت ھازىرلايمىز-دە، ئوڭايلا X ئىسپېرما بىلەن تۇخۇمنى بىرىكتۈرۈۋالىمىز.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاساسى نەزەرىيە ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇسۇل بولسا دەل بىز دەۋاتقان ئوغۇل-قىز تۇغۇلۇش قانۇنىيىتىدۇر. يەنى ئاياللار تۇخۇم چىقىرىش كۈنىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتە ياكى مۇناسىۋەت ئورنى ئۇسۇلى، ھەمدە پەكىر قانۇنىيىتىنىڭ (帕克尔法) سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق نۇرغۇن تەجرىبىلەر بەلگىلىك  ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشتى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى