ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇلۇشنى بەلگىلەشتىكى تۆت ئامىل

قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇلۇشنى بەلگىلەشتىكى تۆت ئامىل

ۋاقتى: 2016-06-25 ئاۋاتلىقى: 669 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىر خەلقئارادا جىنىس خاھىشلىق پەرزەنت كۆرۈشنىڭ كۆرسەتمىلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قارىشى بولسا: X خىروموسوما قىز تۇغۇلۇشنى، Y خىروموسوما ئوغۇل تۇغۇلۇشنى بەلگىلەيدىكەن. شارائىتنى ھازىرلاپ ئۆزى خالىغان خروموسومغا ئېرىشكەندىلا ئارزۇسىدىكى قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغىلى بولىدىكەن.
ئىستاتىستىكا ئىلمىي نەزەرىيەسىدىن قارىغاندا بۇ يېڭى بايقاشلارنىڭ بەلگىلىك كۆرسەتمىلىك ئەھمىيىتى بار، بىراق ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى تېخى سىستېمىلىشىش، ئومۇملىشىش، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش قاتارلىقلارغا تېخى يېتىپ بارالمىدى.


ياش ئامىلى
نەزەرىيەۋى جەھەتتىن ياش قانچە چوڭايغانسېرى قىز تۇغۇلۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
چۈنكى ئەرلىك ئىسپېرمىدىكى Y خروموسومنى ئېلىپ يۈرىدىغان ئىسپېرمىلار ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازلاپ بارىدىغان بولۇپ قىز تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بىراق ئاياللار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قېرىشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بالىياتقۇنىڭ ئىشقارلىق ئاجرالمىلىرى ئازلاپ، قىز تۇغۇلۇش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئۆرلەيدىكەن.



كەسىپ ئامىلى
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرنىڭ خىزمىتى شوپۇر، لۈچۈك (ئۇچقۇچى)، ناركوز دوختۇرى، ماتروس بولسا تۇغۇلغان بالىنىڭ قىز بولۇشى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن.  يەنى ئەرنىڭ خىزمەت بېسىمى قانچە يۇقىرى بولسا قىز تۇغۇلۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
بۇ ئۇرۇقداننىڭ گاز بېسىمى، تېمپېراتۇرا ۋە سۇ بېسىمىنىڭ كۈچلۈك ئۆزگىرىش تەسىرى تۈپەيلىدىن، ياكى كۆپ مىقداردا زەھەر تەركىبلىك ناركوزلۇق گازلارنى سۈمۈرگەنلىكى ۋە ياكى خىزمەت بېسىمى تۈپەيلىدىن ھاياتى كۈچى ئاجىزلاشقان Y خروموسومنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى تۈپەيلى قىز پەرزەنتلىك بولۇش پۇرسىتى ئىنتايىن يۇقىرى  بولىدىكەن.
كىسلاتا-ئىشقارلىق ئامىلى
ئايرىم-ئايرىم X,Y خروموسوملارنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىسپېرمىلار كىسلاتا-ئىشقارلىقى ئوخشاش بولمىغان مۇھىت شارائىتى ئاستىدا، ھەرىكەت تېزلىكى ئوخشاش بولمايدۇ؛ Y خروموسومنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىسپېرمىنىڭ ئىشقارلىق شارائىتتىكى ھاياتى كۈچى كۈچلۈك، ئەكسىچە X خروموسومنڭ ئېلىپ يۈرگۈچى ئىسپېرمىنىڭ كىسلاتالىق شارائىتتىكى ھەرىكىتى ئالاھىدە  جانلىق بولىدۇ. شۇڭا قىز پەرزەنتلىك بولماقچى بولغان ئاتا-ئانىلار ئاز مىقداردىكى ئاتسېتات كىسلاتانى پاكىزە بولغان ئىلمان سۇدا ئېرىتىپ، ئايالنىڭ جىنسىي يولىنى يۇيۇپ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرسا بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئوغۇل بولىدۇ.



يۇقىرى پەللە ئامىلى
نورمال ئاياللارنىڭ جىنسىي يولى كۈچلۈك كىسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق يۇقىرى پەللىسىدىن كېيىن كىسلاتالىققا ئۆزگىرىپ، ئىككىنچى قېتىملىقتىن كېيىن ئاجىز كىسلاتالىق بولۇپ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بىراق ئىسپېرما ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتتە ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئايالنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان ۋاقتىدا  جىنسىي يولىنىڭ ئىشقارلىقىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ  Y خروموسومنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىسپېرمىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە باب كېلىدۇ. شۇڭا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىدىكىلەر ئامال قىلىپ يۇقىرى پەللە يارىتىپ، جىنسىي يولى ئىشقارلىقىنىڭ كۈچىيىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئادەملەرنىڭ كۆپىيىش مۇساپىسىدە ئەڭ قالتىس يېرى شۇكى ئەر-ئايال نوپۇس سانىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بولۇپ، بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى