قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز
ۋاقتى: 2016-06-17
ئاۋاتلىقى: 1664 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قەدىمكى قەبرىدىن چىققان، بىر دېھقانلار كالېندارى ۋە ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇلى يەنىلا خەلق ئارىسىدا تارقىلىۋاتىدۇ، مەيلى قايسى ئۇسۇل قوللىنىلمىسۇن جىنىس خاھىشلىق پەرزەنت كۆرۈش تېببىي ساھەدە يەنىلا يۈز پىرسەنتلىك ئاساسقا ئىگە ئەمەس.
ئەرلەر ئەزىز ئاياللار خار دەيدىغان نۇقتىئنەزەردىكى بىر قىسىم چوڭلارغا نىسبەتەن بۇ بىر يېشىلمەس تۈگۈندۇر، بىراق ھازىرقى ياش ئەر-ئاياللار بۇ كونا ئىدىيەنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلغان بولۇپ، بالا ساغلام تۇغۇلسىلا رازى بولىدۇ. قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن بەرىبىردۇر.
بىراق ھەممىسى بۇنداقمۇ ئەمەس.
جىنسىي كەمسىتىلىشتىن ئەمەس بەلكى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئارقىمۇ–ئارقا ئۈچ ئوغۇللۇق بولغاندىن كېيىن تەبىئىيلا كېيىنكىسىنىڭ قىز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ-ئەلۋەتتە؛ ياكى ئەر بولغۇچى يالغۇز ئوغۇل بولسا كۆپرەك ئوغۇللۇق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
دەرۋەقە قىز–ئوغۇل تۇغۇشنىڭمۇ بەلگىلىك سانى بولۇپ، نەدىمۇ ئادەملەر ئۆزى ئورۇنلاشتۇرالىسۇن؟
بىراق ئىلىم-پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدۇ، پىروبىركىدىكى بوۋاقنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى تۇغماي تۇرۇپمۇ ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى، بۇ تېببىي لوگىكا نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، بوۋاقلارنىڭ جىنسىنى ئالدىن تاللاشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە ھامىلە كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئاللىقاچان دوختۇرلار خروموسومنى ئانالىز قىلىش ۋە تۈرگە ئايرىش ئارقىلىق، ئىسپېرما ۋە تۇخۇمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىككەن پەيتىدە بوۋاقلارنىڭ جىنسىنى ئالدىن بېكىتەلەيدىغان بولدى. ئەگەر ئوغۇل تۇغماقچى بولسا ئوغۇل ھامىلىنى، قىز تۇغماقچى بولسا قىز ھامىلىنى ئانا تەنچىگە كىرگۈزسىلا بولىدۇ. بىراق بۇ ئوپېراتسىيە چوڭ مۇنازىرە قوزغاپ قانۇنلىشىپ بولالماي قالدى.