بالا ئېمىتىش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-01
ئاۋاتلىقى: 1017 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئانا بولغۇچىلار بالا ئېمىتىش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بەدەندە ئالدى بىلەن تۇخۇم ئاجرىلىپ چىقىرىلىدۇ، ھامىلىدار بولمىغان ئەھۋالدا ھەيز تۇخۇم چىقىرىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ، ياكى تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر ئايدىن كېيىن دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، ھەيزنىڭ كەلگەنلىكىگە قاراپلا ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغان ياكى ساقلانمىغانلىقىنى بېكىتىش ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس. بولۇپمۇ بالا ئېمىتىدىغان تۇغۇتلۇق ئايال تۇخۇم چىقارغان ۋاقتىنى ئاسان بىلەلمەيدۇ. شۇڭا بالا ئېمىتكەن مەزگىلدە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.