ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسى دورا ئىشلىتىپ ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتسە پاكىز چۈشەمدۇ؟

ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسى دورا ئىشلىتىپ ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتسە پاكىز چۈشەمدۇ؟

ۋاقتى: 2015-05-07 ئاۋاتلىقى: 566 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسكەرتىش: بالا چۈشۈرۈش بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە بىر جاننىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىق دەپ قارىلىدىغان چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ!!! مەيلى قايسى نۇقتىسىن چىقىپ دەيلى بۇ ھامان زىيانلىق، قانداق ئۇسۇل بىلەن بالا چۈشۈرۈشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ ھامان سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ۋە بۇندىن كېيىن قايتا ھامىلىدار بولۇشىڭىزغا ئەكىس تەسىرى بولىدۇ.

دورا ئارقىلىق تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋېتىشنىڭ پىرىنسىپى قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى، شۇڭلاشقا ھەيز دەۋرى ناھايىتى نورمال بولغان ئايال، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدىلا بايقىيالايدۇ. دورا ئارقىلىق بالىنى چۈشۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى ھامىلىدارلىقنىڭ بالدۇرقى ۋاقتىدا يەنى (ئالدىنقى ئاخىرىقى قېتىمقى ھەيىزنىڭ تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 39~ 48 كۈن ئارىسىدا).

دورا ئارقىلىق ھامىلىنى چۈشۈرۈشتىن ئاۋال، چوقۇم ب تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرتۈپ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ئەھۋالى بارمۇ يوق مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا تۆرەلمە قېپىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆلچەش كېرەك، مۇبادا تۆرەلمە قېپى 2.3 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە دورا ئارقىلىق چۈشۈرۈشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئۇندىن باشقا، دورا ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈشنىڭ ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق، ئادەتتە ئۆيدە 3 كۈن دورا يەپ، بالا چۈشۈرىدىغان كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىياتقۇ ئېغىزىنى ئاچىدىغان دورىنى ئىستېمال قىلىپ، دوختۇرخانىدا بىر قانچە سائەت كۆزىتىلگەندىن كېيىن، دوختۇر تۆرەلمە قېپىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىققان چىقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن مۇقىملاشتۇرىدۇ. كۆپچىلىكككە ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدىغان يەنە بىر نۇقتا: دورا ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈشنىڭ مەغلۇب بولۇش نىسبىتى %5. يەنى مۇبادا ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا، يەنىلا سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىدىغان گەپ. دورا ئارقىلىق بالا چۈشۈرگەندىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ قاناش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، مۇبادا ئۈزۈلدۈرمەي قاناش ۋاقتى بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. ئۆزى ئائىلىدە دورا ئىستىمال قىلىپ بالا چۈشۈرۈش ئىنتايىن خەتەرلىك. مەيلى قانداقلىكى تەدبىر قوللىنىپ ھامىلىدارلىقنى ئاياقلاشتۇرماقچى بولغاندا، چوقۇم ئۆلچەملىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بېخەتەررەك بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى