ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراپ كېتىش كېسەللىك تارىخى بارلار، قىشتا ھامىلىدار بولماسلىق كېرەك
يانفوندا كۆرۈش
بۈگۈنكى كۈندە، ئىسىنىش دەۋرىدە ھامىلىنىڭ توختاپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش كېسەللىكى بارلار، قىشتا ھامىلىدار بولۇشقا بولمايدۇ.
گەرچە مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن تەسىرى تېخى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، بىراق ھاۋادىكى زەھەرلىك ماددىلار، تاماكا چىكىش قاتارلىق ئامىللار ئىنسانلارنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا يامان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئايال تەرەپ ھامىلىدار بولۇشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ئۆزىنى قوغداش خىزمىتىنى باشلاش كېرەك. بەزى تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ياكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بىراق سەۋەبى تېخى ئېنىق بولمىغان ئاياللار، ئەڭ ياخشىسى قىشتا ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، ياز ۋە كۈز پەسلى بىر قەدەر مۇۋاپىق.