ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشتىكى بەش خىل خاتا قاراش

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشتىكى بەش خىل خاتا قاراش

ۋاقتى: 2016-01-25 ئاۋاتلىقى: 765 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي مۇناسىۋەت بولسا ئۇرۇقلىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئۇسۇلى، لېكىن ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر-ئىككى بالىلىق بولۇپلا قايتا بالىلىق بولۇشنى خالىمايدۇ ياكى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا ھازىر ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش جىنسىي تۇرمۇشتىكى مۇھىم بىر مەزمۇنغا ئايلاندى. لېكىن بۇ تەرەپتىكى بىلىملەرنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ياكى بەزى بىر خاتا چۈشەنچىلەر تۈپەيلىدىن ئويلىمىغان يەردىن ھامىلىدار بولۇپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆڭۈللۈك ئائىلىلەرگە كۆڭۈلسىزلىك ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بالا چۈشۈرۈش ھەر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاياللار بەدىنىگە زىيانلىق. شۇڭا كەڭ تۇرمۇش قۇرغان دوستلار ئۈچۈن تۆۋەندە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش جەھەتتىكى بەش خىل خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى:


1. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئىسپېرمىنى جىنسىي يول سىرتىغا چىقارسىلا ھامىلىدار بولمايدۇ دەپ قاراش: ئەمەلىيەتتە ئەرلەر ئىسپېرما قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنلا مەنى سۇيۇقلۇقى ئېقىپ چىقىپ قالىدۇ-دە تاسادىپى ھامىلىدار بولۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئاتالمىش ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى.
2. بىخەتەر مەزگىل ناھايىتى بىخەتەر دەپ قاراش: "بىخەتەر مەزگىل" دېگەن بۇ ئاتالغۇ كىشىلەردە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ مەزگىل پەقەتلا بىخەتەر ئەمەس، چەتئەل ئىستاتىستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى %25 يېتىدىكەن.
3. بىخەتەرلىك قاپچۇقى(گاندوم)نى ئىسپېرما قويۇپ بېرىش ئالدىدىلا تاقىۋالسىلا بولىدۇ دەپ قاراش: نۇرغۇنلىغان ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ پۈتۈن جەريانىنىڭ ھەممىسىدىلا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتمەي پەقەت ئىسپېرما ئېتىلىپ چىقىش ئالدىدىكى جىددىي پەيتىلا ئاندىن تاقىۋالىدۇ. لېكىن ئىسپېرما ئېتىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىمۇ ئىسپېرما ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ كۈتۈلمىگەن ھامىلىدارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار.
4. جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ "قوغدىغۇچىسى" دەپ قاراش: بۇ خىل دورىنىڭ ئۈنۈمى دائىملىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىغا يەتمەيدۇ. دورا ئىشلەتكەن ئاياللارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ ھەيز مەزگىلى ئالدىغا ياكى كەينىگە بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلنى پەقەت ۋاقىتلىق تولۇقلىما تەدبىر سۈپىتىدە قوللىنىشقا بولىدۇكى قايتا-قايتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
5. قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىق دورىلىرى سەمىرىپ كېتىشنى ۋە يۈزگە داغ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قاراش: بۇ خىل خاتا كۆز قاراش نۇرغۇنلىغان ئاياللارنى قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە، نۆۋەتتە دۆلىىتمىزنىڭ ئېرىشكەن بۇ خىلدىكى دورىلىرى ھورمۇنلىرىنىڭ ئەكىس تەسىرى يەڭگىل، بەدەنگە ئاساسەن تەسىرى يوق، دورىنى توختاتسىلا ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە ھامىلىدارلىقتىن ساقلاشتىن باشقا پايدىلىق تەسىرلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن دانىخورەكنى كونتىرول قىلىش، ھەيز دەۋرىيلىكىنى تەڭشەش قاتارلىقلار.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى