ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىغا نىسبەتەن ساقلىنىۋاتقان 8 خىل خاتا چۈشەنچە

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىغا نىسبەتەن ساقلىنىۋاتقان 8 خىل خاتا چۈشەنچە

ۋاقتى: 2016-08-20 ئاۋاتلىقى: 546 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىلىنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بەزى ئاياللار دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېگەندىن كېيىن ھەيز ئالدىدىكى بىر قىسىم يىغىندى كېسەللىكلەر كۆرۈلگەن، بۇ ئەمەلىيەتتە ھورموننىڭ بەدەندە تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن بولۇپ، تۆۋەندىكىلىرى كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان خاتا چۈشەنچىلەردۇر: 
كۆپ كۆرۈلىدىغان بىرىنچى خاتا چۈشەنچە:  ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى راك پەيدا بولۇش نىسبىتىنى نەچچە ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىدۇ.  
ئەمەلىيەتتە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسنى يېيىش ئارقىلىق بەزى قوغدىنىشلارغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بولۇپ، راكقا قارشى تۇرۇش كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.  ئاز بولمىغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، بالىياتقۇ راكىنىڭ قوزغىلىشى  يېرىم ھەسسە تۆۋەنلىگەن؛ ئىشلىتىپ بىر يىلدىن ئاشقانلاردا بولسا تۇخۇمدان راكىنىڭ نىسبىتى %40 تۆۋەنلىگەن؛ تەيۋەندىكى يېڭى بىر ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى 10 يىل يېگەندىن كېيىن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بۇ دورىنى يېمىگەنلەردىن ئېشىپ كەتمىگەن.  بالىياتقۇ بوينى راكى بولسا ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تارقىلىدىغان ئىنسانلاردىكى ئەمچەك توپچىسىمان ئۆسمە كېسەللىكى ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئايرىش ئىقتىدارى يوق بولۇپ،  ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگەن ئاياللاردىن جىنسىي تۇرمۇشى  جانلىق بولغانلىرى بۇ كېسەللىكنىڭ ئاسان يۇقتۇرغۇچىلىرى بولغاچقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىغا نىسبەتەن ئوڭايلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ.    
              
كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىككىنچى خاتا چۈشەنچە :  ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ 
  مۇناسىۋەتلىك تېببىي دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە دائىم ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەيدىغان ئاياللار بىلەن ئاساسەن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېمەيدىغان ئاياللارنىڭ  بەدەن ئېغىرلىقىدا كۆپ پەرق بولمايدىكەن.  ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئۇلارنىڭ يېشى قاتارلىق فىزىكىلىق ئامىللاردىن تاشقىرى ئاساسلىقى يېمەك-ئىچمەك، ئۇيقۇ قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى ھەمدە تولا غەم قىلىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولىدىكەن.  
  كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۈچىنچى خاتا چۈشەنچە :  ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى شەھۋەتنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ
بىر داڭلىق دوختۇر :  «ناۋادا ھامىلىدارلىقنىڭ قورقۇنچى يوقالسا نۇرغۇنلىغان ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن تېخىمۇ بەھرىمان بولغان بولاتتى»، دېگەنىدى.  ئەمەلىيەتتە دورا بىلەن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش پەرقسىز بولۇپ، ئوخشىمايدىغىنى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر. بەزى ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىش مەزگىلى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى شەھۋەتنى كۈچەيتىدۇ. 
كۆپ كۆرۈلىدىغان تۆتىنچى خاتا چۈشەنچە :  ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى شامالدارىش(سەكتە)نىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 
دۇنيا ساغلاملىق ئۇيۇشمىسىنىڭ 1996 يىلى 8- ئايدىكى بىر قېتىملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېگەن-يېمىگەنلىكى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقكەن.  يەنە 1996-يىلى 7-ئايدىكى «يېڭى ئەنگىلىيە تېببىي-دورا ئاخباراتى» دىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىمۇ ئوخشاش نەتىجە ئېلان قىلىنغان.  يېقىنقى ئىككى يىلدىمۇ يۇقارقى نەتىجىگە بىرەر قارشى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. 
  دائىم كۆرۈلىدىغان بەشىنچى خاتا چۈشەنچە :  سىز 35 يېشىڭىزدا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىشنى توختىتىشىڭىز كېرەك. 
ئەمەلىيەتتە، تاماكا چەكمەيدىغان بىر ساغلام ئايالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،  ئۇ دورىنى ھەيز توختىغانغا قەدەر يېسە بولىدۇ.  چۈنكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاز مىقداردا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەپ تۇرغان ئاياللاردا تەڭ ياشتىكى دورا يېمەيدىغان ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ سالامەتلىك مەسىلىلىرى كۆرۈلمەيدىكەن.   ھەتتا بەزى دوختۇرلار باشقا بىمارلارغا، 40 ياشتىن باشلاپ بۇ دورىنى قايتا ئىشلىتىپ ھەيز قالايمىقانلىق ۋە كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.   
دائىم كۆرۈلىدىغان ئالتىنچى خاتا چۈشەنچە :  ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى كېيىنكى ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. 
 ئادەتتىكى بىر ئومۇملاشقان كۆز قاراش بولسا سىز دورىنى توختاتقان تەقدىردىمۇ بىر نەچچە ئايغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن ھورموننىڭ دەۋرىيلىكى ئاران ئەسلىگە كېلىدۇ، يەنى ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ دەپ قارايدۇ.   بۇ خىل كۆز قاراش خاتا،  ئەمەلىيەتتە دورىنى توختاتسىلا نورمال كۆپىيىش ئىقتىدارى  ئەسلىگە كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكى بىلەن ھېچ پەرقى يوق.  
دائىم كۆرۈلىدىغان يەتتىنچى خاتا چۈشەنچە :  ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى كەيپىياتنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. 
دەرۋەقە بۇرۇنقى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە ئاياللىق ھورمونى بولغاچقا، ئىزچىل رېئاكسىيە قىلىدۇ ياكى كەيپىياتنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋېتىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن.  بىراق ھازىرقى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى تەركىبىدىكى ھورمونلار كەيپىيات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.   كىلىنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بەزى ئاياللار دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېگەندىن كېيىن ھەيز ئالدىدىكى بىر قىسىم يىغىندى كېسەللىكلەر كۆرۈلگەن، بۇ ئەمەلىيەتتە دەل ھورمون بەدەندە تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن بولغان بولىدۇ.                                                  .  
دائىم كۆرۈلىدىغان سەككىزىنچى  خاتا چۈشەنچە :  بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ قاراش
بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ خاتالىقى شۇ يەردىكى نۇرغۇنلىغان بىرىكمە تەركىبلىك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك، ئانا سۈتىنى ئازلىتىۋېتىش ئېھتىماللىقى بولۇپ،  پروگېستېرون تۈرىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىلا بولىدۇ.   

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى