ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى

ۋاقتى: 2015-10-15 ئاۋاتلىقى: 621 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقىتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىش بولسا بىرخىل ئاددىي بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى، بىراق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىمۇ خانىم- ئاياللىرىمىزغا بەلگىلىك ئەكىس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا،  خانىم-قىزلىرىمىز قانداق قىلىپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىلىۋېلىشى كېرەك !   

                                       

1. ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش
 دورا يېگەندە دائىم يۈز بېرىدىغان بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەن چاغدا بىر تەرەپتىن قېنىق چاي ئىچىش، قەنت-گېزەك يېيىش، چىلىغان سەي يېيىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن بەلگىلىمە بويىچە دورىنى يېيىش، بەدەننىڭ دورىغا ماسلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئالامەتلەر بارا-بارا يوقايدۇ.  ئالامەتلەر ئېغىرراق بولغان بىر قىسىم ئاياللار رېئاكسىيە تىزگىنلەيدىغان تۆۋەندىكى دورىلارنى يېسە بولىدۇ؛ ۋىتامىن 6B، ھەر قېتىمدا 20 مىللىگرام، كۈندە 3 قېتىم؛ ۋىتامىن C، ھەر قېتىمدا 100 مىللىگرام،  كۈندە 3 قېتىم؛ رېئاكسىيە ياندۇرۇش تابلېتكىسى، ھەر قېتىمدا بىر تال، كۈندە 3 قېتىم؛ مۇرەككەپ رېتسىپلىق ئاممۇنىي گېدروكسېد تابلېتكىسى ياكى ھېرمېنىت تابلېتكىسى، ھەر قېتىمدا 1 تال، كۈندە 1 قېتىم، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بىلەن قوشۇپ ئستېمال قىلىنىدۇ.
2. ئاق خۇن سۇيۇق،  كۆپ كېلىش 
ئادەتتە ئۇزۇن مەزگىل دورا يېگەندىن كېيىن يەنە داۋالىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.   ئەگەر ئاق خۇن كۆپىيىپ كەتسە، ھەر كۈنى كەچتە جىنسىي يولىغا جۇڭيىچە خۇن توختىتىش تابلېتكىسىدىن بىرنى قويۇش كېرەك.  
                                     .  
3. جىنسىي يولى قاناش
ئادەتتە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلار، دەرھال ۋاقتىدا دورا يېسىلا قان توختاپ، ھەيزمۇ نورماللىشىدۇ.  ئەلۋەتتە دوختۇر تەڭشەپ بەرگەندىن كېيىن باشقا دورىلارغا ئالماشتۇرۇپ يېسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر Ⅱ نومۇرلۇق ھامىلىدارلىق دورىسىنى يەۋەتقان بولسا ھەمدە قاناش ئەھۋالى بولسا 1- نومۇرلۇق ھامىلىدارلىقتىىن ساقلىنىش دورىسىغا ئالماشتۇرۇپ يېيىش كېرەك.  
4. ھەيز زىيادە ئازلاپ كەتكەندە، ھەتتا توختاپ قالغاندا 
بۇ خىل ئەھۋالدا سالامەتلىكىگە ئانچە تەسىرى بولۇپ كەتمەيدۇ، دائىم ۋاقىتلىق بولىدۇ.  ئەگەر ھەيز 3 ئاي توختاپ قالسا دەرھال دورىنى توختىتىش، باشقا چەكلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش، ھەيز ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ھامىلىدارلىقتىن  ساقلىنىش دورىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش كېرەك.  ئەگەر دورىنى توختىتىپ بىر ئايغىچە ھەيز كەلمىسە دەرھال دوختۇرغا تەكشۈرتكەندىن كېيىن، بېنزىلماتون، مۇرەككەپ رېتسىپلىق پروگېستېرون ياكى ھەيز ھەيدىگۈچ قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىپ ھەيز ھەيدەش، بۇندىن كېيىن باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.  
5. بەدەن ئېغىرلىقى تېز ئېشىش
ئەگەر ئىششىق بولسا سۈيدۈك راۋانلاشتۇرغۇچى پرېپىرات ئىشلىتىش ۋە تۇزى كەم غىزالىنىش؛ ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى يەنە ئېشىۋەرسە باشقا ھامىلىدارلىقتىىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەك. 
6. يۈزىدە بېغىررەڭ داغ پەيدا بولۇش
دورىنى توختاتقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقايدۇ، ئەگەر ۋېتامىن B، ۋېتامىن C تىپىدىكى دورىلارنى يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.  
7. ئەمچەك ئىششىپ ئاغرىش :  ئادەتتە  كىچىكلەيدۇ،  ناۋادا ئېغىر بولسا دورىنى توختىتىپ، باشقا تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.  

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى