ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

توي كېچىسى ئالدىدىكى قىزغا ئانىنىڭ ئېيتىدىغانلىرى

توي كېچىسى ئالدىدىكى قىزغا ئانىنىڭ ئېيتىدىغانلىرى

ۋاقتى: 2015-04-05 ئاۋاتلىقى: 755 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قىزىم! ئاللاغا مىڭلارچە شۈكۈر، بويىڭىزغا يېتىپ، ئەتە ئىنىدىن بىر ئائىلىنىڭ سۆيۈملۈك كېلىنى بولىسىز. يېڭى ھاياتىڭىز ھەققىدە باشقىلاردىن كۆپ ئاڭلىغىنىڭىز، كىتابلاردىن كۆپ ئوقىغىنىڭىز باردۇر. مەن بۇ ھەقتە ئازىراق قوشۇمچە قىلماقچىمەن. چۈنكى باشقىلاردىن سىزگە يەتكەن تۈرلۈك گەپلەرنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ، تەمتىرەپ يۈرمەڭ!

ئايال زاتى بۇ دۇنياغا ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئەۋلاتلار زەنجىرىنى ئۇلىغىلى، پەرزەنتلىرىنى ئىيمانلىق قىلىپ تەربىيەلىگىلى، بىر ئائىلىنى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىرىنى ياشناتقىلى كېلىدىغانلىقىغا ئىدراكىڭىز يېتىپ تۇرۇپتۇ. سىز كېيىن جېنىڭىزنىمۇ بېرىشكە تەييار بولىدىغان ئاشۇ پەرزەنتلەر ئەر-خوتۇن مۇھەببىتىدىن، ئۇلارنىڭ نازۇك مۇناسىۋىتىدىن دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىسىز. شۇنداق ئىكەن، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى چوققىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ ۋە بۇ قوشۇلۇش ئۈچۈن پەقەت ئەر مەسئۇل دەپ ئويلىماڭ!
بۇ كېچە ھەققىدە ھەر كىملەر تۈرلۈك ۋەھىمىلىك سۆزلەرنى ئېيتىشىدۇ. گويا قىزلىق پەردىنىڭ ئېلىنىشىدا دەھشەتلىك ئاغرىق بولارمىش. توغرا، قىزلىقتىن جۇۋانلىققا ئۆتۈشتە بىر ئاز ئاغرىق بولۇشى مومكىن. ئەگەر گەۋدىنى ئەركىن تۇتمىسىڭىز، ناتوغرا ھەرىكەتلەر بىلەن ئەرگە قاتتىق قارشىلىق قىلسىڭىز، جىنسىي يول مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى قىيىنلىشىدۇ، ئەنە شۇنىڭدا ئاغرىق بولىدۇ. قىزىم، ئالدىڭىزدا تۇرغان ئادەم يات ئەمەس، ئۆمۈرلۈك يولدىشىڭىز، ئىشەنسىڭىز، سۆيسىڭىز ئەرزىيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىڭىز سىزنى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تاپشۇرغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆزىڭىزنى توغرا تۇتۇپ ماسلىشىپ بەرسىڭىز بۇ نازۇك مۇناسىۋت سىزگە لەززەت ئېلىپ كېلىدۇ. كېيىنكى ئۇچرىشىشلارنى ھاياجان بىلەن كۈتىدىغان بولىسىز.
ئەكسىچە، كۈيئوغۇلنىڭ تەلىپىگە ھەددىدىن ئارتۇق قارشىلىق قىلىش بىلەن ئۆزىڭىزگە كۆپ تەشۋىش تېپىۋېلىشىڭىز مومكىن. ئاۋۋال كۈيئوغۇلدا ئاللىقانداق شۈبھىلەر بولىدۇ، ئىشتىياقى سۇنىدۇ. ئاللا ساقلىسۇنكى، بۇ ھال ئۇنى بارا-بارا روھىي جىنسىي زەئىپلىككە ئېلىپ كېلىشى مومكىنلىكىنىمۇ ئۇنۇتماڭ!
ئەرلەر مەقسىتىگە ئېرىشەلمىسە ناھايىتى قاتتىق ئىزتىراپ چېكىدۇ. كۈيئوغۇلنىڭ ئىزتىراپى سىزنىڭ ئىزتىراپىڭىز، قىزىم! ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىڭ، خېلى ئىدراقلىق قىزسىز، روھىنى كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىشىڭ!
بىرىنجى ئالاقىدىن كېيىن غوسۇل قائىدىلىرىنى ئەلۋەتتە بەجا كەلتۈرۈڭ. بىرىنجى ئالاقىدىن كېيىن (قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندىن كېيىن) سىزگە 3~4 كۈن دەم ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېرىڭىزگە مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. ئۇمۇ سىز باشتىن كەچۈرۋاتقان روھىي ۋە جىسمانىي ھالەتلەرنى كەچۈرىۋاتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھەمراھى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ، سىزنى چۈشىنىدۇ، ئاسرايدۇ....
ئىشىنىڭ، ئانا ئاغزىدىن مېھر ۋە ئىشەنچ ھەمدە سەمىمىيەت بىلەن ئېيتىلغان نەسىھەتلەرنى قىزلار جان قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپلا قالماي، ئۇنى قەلبىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر يېرىگە جايلاشتۇرىدۇ. نازۇك ئىشلار ھەققىدە قىزلارمۇ، كۈيئوغۇللارمۇ ئەڭ يېقىنلىرىدىن ئاڭلىغىنى ياخشى. چۈنكى ئانىدىن يېقىن ئادەم بارمۇ قىز ئۈچۈن!
____________________________________________________
بۇ بايان ئۆزبەكچىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئاياللارنىڭ بەخىت قۇياشى» دېگەن كىتابتىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى