ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى

ھامىلىدار بولغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى

ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 551 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بەزى ئاياللار ھامىلىدار بولغاندا رېئاكسىيەلەر بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئالامەتلىرى ئانچە روشەن ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ. ئاياللار ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى بالدۇر بايقاش ئۈچۈن، ھامىلىدار بولغانلىقنىڭ بەزى ئالامەتلىرى ۋە رولىنى بىلىۋېلىش كېرەك.
ھەيز توختاش 
ھەربىر ئايال ئۆزىنىڭ ھەيز كەلگەن كۈنىنى ئەستە ساقلىيالايدۇ، شۇڭا ھەيز ئارقىلىق ھامىلىدار بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل. ھەيزنىڭ توختىشى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئەڭ بالدۇر كۆرۈلىدىغان مۇھىم ‹‹سىگنال››. ھەيز دەۋرى نورمال بولغان توي قىلغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئەگەر ھەيز كېلىش ۋاقتى 10 كۈندىن ئېشىپ كەتكەن لېكىن كەلمىگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك. ئەگەر ھەيز توختاپ 2 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە دوختۇرغا بېرىپ سەۋەبىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

سېزىك مەزگىلىدىكى ئالامەتلەر
كۆپ ساندىكى ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ 6 ھەپتىدىن كېيىن باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇش، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشى ئارتىش، ئىشتىھاسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ئەتىگەنلىكتە ۋە ئاچ قورساق ۋاقىتتا ياندۇرىدۇ. بەزى ھامىلىدار ئاياللار كىسلاتالىق ياكى خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر سېزىك مەزگىلىدىكى ئالامەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچە ھامىلىدار بولۇپ 12 ھەپتە بولغاندا بۇ ئالامەتلەر ئۆزلىكىدىن توختايدۇ. ئاز ساندىكى ئاياللارنىڭ سېزىكى نىسبەتەن ئېغىر بولۇپ ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدۇ.
كىچىك تەرەت قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشى
ھامىلىدار بولۇپ سەككىز ھەپتىدىن كېيىن كىچىك تەرەت قېتىم سانى ئارتىشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى بالىياتقۇ چوڭايغاندىن كېيىن دوۋساقنى بېسىشى ۋە غىدىقلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.12 ھەپتىدىن كېيىن بالىياتقۇ داس بوشلۇقىدىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە دوۋساقنى بېسىۋالمايدۇ ياكى غىدىقلىمايدۇ. كىچىك تەرەت قېتىم سانىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ.
كۆكسىنىڭ ئۆزگىرىشى
ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئانىلىق ھورمونى ۋە ھامىلىدارلىق ھورمونىنىڭ تەسىرىدە 8ـ ھەپتىدىن باشلاپ كۆكسى يوغىناشقا باشلايدۇ، ئەمچەك دېغىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ قېنىقلىشىدۇ، ئەتراپىدا قېنىق قۇڭۇر رەڭلىك تۈگۈنچىلەر پەيدا بولىدۇ، 12ھەپتىدىن كېيىن يەنە ئاز مىقداردا سۇغا ئوخشاش سۈت ئاجرىلىپ چىقىدۇ.
ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى
دائىم ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرىدىغان ئاياللار بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشىگە قاراپ ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ئاياللارنىڭ نورمال بولغان ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسى قوش يۆنىلىشلىك ئەگرى سىزىق ھاسىل قىلىدۇ، يەنى تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشتىن بۇرۇن بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارغاندىن كېيىن ئۆرلەيدۇ، مەسىلەن ھەيز ۋاقتى توشسىمۇ ھەيز كەلمىسە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ شۇنداقلا قايتا تۆۋەنلىمەيدۇ ھەمدە 18 كۈندىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ، بۇ ھامىلىدار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى